خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟


2005-09-01
Share

خىتاي دۆلەت رە ئىسى خۇ جىنتاۋ 9 - ئاينىڭ -5 كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقچى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خۇ جىنتاۋ 9 -ئاينىڭ 7 - كۈنى ۋاشنگتونغا كېلىپ ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئۇچرىشىدىكەن. بۇ خۇ جىنتاۋنىڭ خىتاي دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن ئامېرىكىغا قاراتقان تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.

جۇرج بۇش 2000 - يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمى جەريانىدا بەرگەن باياناتلىرىدا خىتاينى ئامېرىكىنىڭ شىرىكى ئەمەس، رىقابەتچىسى دەپ كۆرسىتىپ، پرېزىدېنت بولۇپ سايلانسا، خىتايغا قارىتا يۇقىرىدىكى چۈشەنچە بويىچە سىياسەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئامېرىكىغا ھەمكارلىق قولىنى ئۇزىتىشى، جۇرج بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتا ئېلىپ بارىدىغان سىياسىتىدە بەلگىلىك ئۆزگىرىش مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەب بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشتىمۇ ۋە ياكى بۇ ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشتىمۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟

خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ھەمكارلىشىش، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئاقسارايدا ئېلىپ بارىدىغان سۆھبىتىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. خىتاي ھۆكۈمىتى ھەقىقەتەن خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىۋاتامدۇ؟

ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق يازغۇچى ئالىن بوركنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلاشمىدى.

ئالىن بورك 8 - ئايدا ئامېرىكىدا چىقىدىغان ھەپتىلىك " ئۆلچەم " ژورنىلىدا گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىش ئورنىغا ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، تىنچ يول بىلەن سىياسىي ۋە دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئامېرىكا بىلەن سەمىمىي ھەمكارلاشمىغان، ئامېرىكا تەرىپىدىن خەلقئارا تېررورچىلىققا ياردەم بېرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەنگەن، شىمالىي كورىيە، سۇدان، سۇرىيە ۋە ئىران قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇردى.

گەرچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن، ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 2001 - يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا شاڭخەيدە " ھېچقانداق دۆلەت خەلقئارا تېررورچىلىقتىن قول ئاستىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش ئۈچۈن پايدىلانماسلىقى كېرەك" دەپ بېيجىڭ رەھبەرلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پىلانى بويىچە ھەرىكەت قىلىۋەردى.

تېررورچىلىقنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېقىن دوستى

11 - سېنتەبىر تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ ئارقىسىدا، ئەينى ۋاقتتىكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ساناتور جىسى ھلىمز قاتارلىق ئامېرىكىنىڭ تەجرىبىلىك، ئۇزاقنى كۆرەلەيدىغان ۋە خىتاينى ياخشى تونۇيدىغان سىياسەتچىلىرى، جۇرج بۇش ھۆكۈمىتىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش مەسىلىسىدىكى ۋەدىلىرىگە ئالدانماسلىق ۋە ئۇيغۇرلارنى بۇ مەسىلىدە قۇربان قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

جىسى ھىلمز 2001 - يىلى 14 - ئۆكتەبىر كۈنى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان ۋاشىنگتون ۋاقتى گېزىتىدە " خىتاينىڭ تالىبانلار بىلەن مۇناسىۋەتلىرىدىن پەخەس بولايلى" ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن:

"نيۇ يورك ۋە ۋاشىنگتون شەھەرلىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان قانلىق ھۇجۇملاردىن كېيىن، بەزىلەر ئامېرىكا خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى كوممۇنىست خىتاي بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشى كېرەك دېگەندەك تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ناھايىتىمۇ خاتا بىر تەكلىپ. مەن بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتايغا تۇتقان پوزىتىيىسىگە قاراپ بۇنداق بىر قىلتاققا چۈشمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. بىز بىرىنچى قېتىملىق قولتۇق ئۇرۇشى جەريانىدا ساددام ھۆسەيىنگە قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن قارار چىقىرىمىز دەپ مۇشۇنداق بىر خاتا يولغا چۈشۈپ قالغان ئىدۇق. بۇ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويىۋاتقانلار خىتاي ۋە ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئورتاق مەنپەتكە ئىگە بولغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. ۋەھالەنكى خىتاي تېررورچىلار بىلەن ھەمدە دۇنيادىكى تېررورچىلىقنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن يىتىپ - قوپۇۋاتقان بىر دۆلەت".

ئۇيغۇرلار باستۇرۇلىۋاتىدۇ

سەناتور جىسى ھىلمز مەزكۇر ماقالىسىدە، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بېرىپ تاقىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:

"ئەگەر ئامېرىكا تېررورچىلىققا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتىدە خىتاينىڭ بىرەر ياردىمىگە ئېرىشكەن تەقدىردە، بۇ چوقۇم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى بەدىلىگە بولىدۇ. بۇ ناھايىتى چوڭ بىر ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتسىزلىك، چۈنكى ئۇيغۇرلارنى بىزگە زىيان يەتكۈزىۋاتقان رادىكال قاتىللار بىلەن بىر سەپكە قويۇش ئۈچۈن ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. ئۇيغۇرلار بېيجىڭنىڭ ۋەھشى ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاساسەن تىنچ يول بىلەن ھەققانىي كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قاتتىق باستۇرۇپ، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلارنى ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ، مەسچىتلەرنى ۋەيران قىلىپ، تىنچلىق بىلەن نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەنلەرنى ئوققا تۇتۇۋاتىدۇ".

جىسى ھىلمز ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن " ئامېرىكىنىڭ نىشانى ئېنىق بولۇپ، ئاساسەن، ئامېرىكىغا ھۇجۇم قىلغان كىچىك ئەسەبىي گۇرۇپپىلارنى ۋە ئۇلارغا ياردەم قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى باستۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ جەھەتتىمۇ خىتاينىڭ مەقسىدى بىزنىڭكىدىن باشقىچە. خىتاي پۈتۈن ئىسلام دىنى بىلەن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئىسلام دىنىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئۈچۈن بىر تەھدىت دەپ قارايدۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى ئامېرىكىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئورنىنى يوقىتىش. شۇڭا ئامېرىكا ھەم ئىستراتېگىيىلىك جەھەتتىن ھەم ئەخلاقىي جەھەتتىن تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا خىتاي بىلەن ھەمكارلىشالمايدۇ ھەمدە ھەمكارلاشماسلىقى كېرەك. چۈنكى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى تېررورچىلىق مەسىلىلىرىنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر قىسمى ھېسابلىنىدۇ."

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇرسەتپەرەسلىكى

2002 - يىلى 8 - ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن " شەرقى تۈركىستان ئىسلامى ھەرىكىتى" نى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزدى. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىي ۋە دىنىي بېسىمى تېخىمۇ كۈچەيدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەنلا توختىمىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى 2003 - يىلى 12 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 4 ئۇيغۇر تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتلارنىڭ 11 نەپەر پائالىيەتچىسىنى تېررورچى دەپ ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكىدىن مەزكۇر تەشكىلات ۋە پائالىيەتچىلىرىنى تېررورچى دەپ تونۇپ ئۇلارنىڭ پائالىيتىنى چەكلىشىنى تەلەپ قىلدى.

يېقىندا، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنى تېررورچىلار بىلەن ھەمكارلاشتى دەپ ئەيىبلىدى.

دېمەك، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتا ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان خىتاي ھۆكۈمىتى، ساناتور جىسى ھىلمزنىڭ 2001- يىلى 14 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۆلچەرلىگىنىدەك، تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن تېررورچىلىقنى قوللاۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلدۇرىۋاتىدۇ. (قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت