ئۇيغۇر دىيارى تېررورستلارنىڭ بازىسىمۇ؟(1)
2004.08.03
(1)
يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ماقالىلار ۋە ھازىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مىللىي زىددىيەت كەسكىنلىشىۋاتقانلىغى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خەلقئارادا چوڭ - چوڭ گېزىت-جورناللادا ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ. "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالە شۇلارنىڭ بىرى. بۇ ماقالىنى "ئۇلۇغ ئىرا" گېزىتىنىڭ مۇخپىرى چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر كىرىستىن تەيلېرنىڭ 2003 - يىلى لوندوندا نەشىر قىلدۇرغان "خىتاينىڭ غەرپتىكى غەيرى بىر پارچىسى" دېگەن كىتابىغا، مايكول دىلوننىڭ 2003 - يىلى لوندوندا نەشىر قىلدۇرغان "شىنجاڭ خىتاينىڭ غەربى شىمال تەرىپىدىكى مۇسۇلمانلار رايۇنى" دېگەن كىتابىغا ۋە فىرىدېرىك ستارنىڭ 2004 - يىلى نىۇيوركتا نەشىر قىلدۇرغان "شىنجاڭ خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار بىلەنكى چېگرسى" دېگەن كىتابىغا، شۇنداقلا جاشۋا كۇرلەنزىكنىڭ "دېپلوماتىيە جورنىلى" دا ئەلان قىلغان تېبەت ۋە ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردا نىمە ئۈچۈن سىياسى داۋالغۇش پەيدا بولىۋاتقانلىغىنىڭ سەۋەپلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىسىگە ئاساسەن تەييارلاپ چىققان. بۇ ماقالىدا ئۇيغۇر مەسىلىسنىڭ تارىخى جەريانى، ھازىرقى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان پەللىسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى شارائىتتا قانداق ھەل قىلىنىشى لازىملىغى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
"ئۇلۇغ ئىرا" گېزىتىنىڭ مۇخپىرى چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېرورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالسىنى مۇنداق دەپ باشلايدۇ: 1949 - يىلىدىن كىيىن، بېيجىڭ ھۈكۈمىتى بېسىم ئىشلىتىپ شەرقى تۈركستاننى تىج ھالدا قولغا كىرگۈزۈۋالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كىيىنكى 40 نەچچە يىل ئىچىدە بۇ ئەلنى غەرىپ جەمىيتىدىن ئۇنتۇلدۇرۇپ قېلىشقا تىرىشتى. ئەمما ئۆتكەن 10 يىل ئىچىدە شەرقى تۈركستان ياكى شىنجاڭ دېگەن نام تىلغا ئېلىنغان خەۋەرلەر دۇنياغا ئاڭلىنىپ قالدى. شۇ يىللاردا سابىق سوۋېت ئىتىپاقى گۇمران بولۇپ، خىتاي ئۇنىڭ تەركىبىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئوخشايدىغان دۆلەتلەربىلەن مۇئامىلە قىلىشقا توغرى كەلدى، بۇ جەرياندا دۇنيا شىنجاڭ ياكى شەرقى تۈركستان دېگەن بۇ جايغا دىققەت قىلدى. ئەڭ مۇھىمى، شەرقى تۈركستان ياكى شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدا ناھايىتى مول نېفىت بايلىغى بولغاچقا، ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىچىدە نېفىت بايلىقى جەھەتتە مۇھىم ئورۇننى ئېگەللەيتتى. شۇڭلاشقا بۇ جايغىمۇ چەتئەللەرنىڭ نېفىت شىركەتلىرى كىردى، بۇ جاينىڭ ئەسلى قىياپىتى ۋە مەسىلىلىرى دۇنياغا مەلۇم بولۇشقا باشلىدى، شۇ سەۋەپتىن گېرمانىيە، ئىران، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرمۇ بۇ جاينىڭ ئىشلىرىغا تېخىمۇ كۆپراق ئارىلاشماي تۇرالمىدى.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، بېيجىڭ ھۈكۈمىتى ئۈزىنىڭ شەرقى تۈركستان ياكى شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدىكى سىياسى تەسىرى يۇقۇلۇپ كىتىشتىن ئەنسىرەپ، دەرھال "غەرىپنى ئېچىش" دېگەن بىر پىلاننى تۈزۈپ چىقىپ، بۇ جاينى ئۈزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان كۆبرۈكى قىلماقچى بولدى. ۋاھالەنكى، بېيجىڭ ھۈكۈمىتى شۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن بۇ رايۇنغا خىتايدىن بارغانسىرى كۆپلەپ كۆچمەن يۈتكەپ كىلىپ بۇ جاينى خىتايلاشتۇرۇشقا باشلىدى. بۇ جەرياندا، بولۇپمۇ 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋاقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، ئامرىكا ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ، شىنجاڭغا ئاران بىر نەچچە يۈز كىلومىتىر يىراقلىقتىكى جايلاردا تېروىرچىلىققا قارشى تۇرىدىغان ھەربى بازىلارنى قۇردى . دېمەك، ھازىر شىنجاڭ ياكى شەرقى تۈركستان دېگەن بۇ جاي خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامرىكىدىن ئىبارەت 3 كۇچ ئۈزىنىڭ كونتىروللىغىنى تىكلەش ئۈچۈن تالىشىۋاتقان جايغا ئايلاندى.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، مايكول دىلون، فىرىدېرىك ستار قاتارلىق غەرىپ تەتقىقاتچىلىرى شىنجاڭ ياكى شەرقى تۈركستان دېگەن بۇ جاينىڭ 1990 - يىللاردا، ئىشىكى چەتئەللەرگە نىسبەتەن پۈتۈنلەي تاقالغانلىغىنى، شۇ يىللاردا بولسا بۇ رايۇندا نۇرغۇن قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېچىپ تەسۋىرلىگەن. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇ تەتقىقاتچىلار شۇ رايۇندا يۈز بەرگەن ۋاقەلەرنىڭ تەپسىلى تارىخى ئارقا كۈرۈنىشىنى ئېچىپ بىرىش جەھەتتە ناھايىتى كۆپ ئەمگەك سىڭدۈرگەن. بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، كوممۇنىست خىتاي ھۈكۈمىتى شىنجاڭ ياكى شەرقى تۈركستان دېگەن بۇ جاينى دۇنياغا تارىختىكى خىتاي سۇلالىلىرى ئىدارە قىلىپ، ياۋايىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كىلىۋاتقانلىغىنىڭ داۋامى دەپ چۈشەندۈرۈپلا قالماي، بەلكى، بۇ جايدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلارغا 2 - دەرىجىلىك پۇقرا قاتارىدا مۇئامىلە قىلىپ كەلمەكتە.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، يۇقۇرىدا نامى تىلغا ئېلىنغان غەرىپ تەتقىقاتچىلىرى يازغان كىتاپلىرىدا، 11 - سېنتەبىر ۋاقەسىدىن كىيىن، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئورنى دۇنيادا بارغانسىرى مۇھىم بولۇپ گەۋدىلىنىۋاتقاندا، خىتاي ھۈكۈمىتى بۇ رايۇندىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈزىنىڭ چېگرا سىياسىتىنىڭ قۇربانى قىلىشقا ئۇرۇنغاندا، ئۇيغۇرلاردىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى ئىسلام تېرورىستلىرىغا چېتىۋېلىپ، شۇ بانا بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى كىشىلىك ھۇقۇقىنى ئاياغ - ئاستى قىلغاندا، ئامرىكا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھۇقۇقىنى قەتئى قوللاش تەرەپدارى بولماي، بەلكى خىتايغا ياردەمچى بولۇپ قالغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەرگەنلىكىدىن ئەپسۇسلانغان. (ۋەلى) (داۋامى بار)