ئۇيغۇر دىيارى تېررورستلارنىڭ بازىسىمۇ؟(2)


2004.08.04

(2)

"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالسىدا شەرقى تۈركىستان ياكى شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئەلنىڭ ھەسرەتلىك تارىخى ھەققىدە توقتۇلۇپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: شەرقى تۈركىستان خىتاي سۇلالىلىرىنىڭ كەڭەيتىلگەن بىر تۇتاش گەۋدىسى، دېگەن سۆز بۇرۇن بار گەپ ئەمەس، بەلكى بۇ بىر يېڭى كۆز قاراش. كىرىسىتىن تەيلېر كىتابىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ 18 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئەھۋالىنى تەسۋىرلىگەندە، بۇ ئەل يا پۈتۈنلەي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆز تىپىدىن بولغان ئىمپىرىيەگە قارىغان يا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تۇرغان ئەل ئىدى. چۈنكى، بۇ ئەلنى ياتلارنىڭ بويسۇندۇرۇشى ئاسان ئەمەس، دەپ بايان قىلغان. 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا شەرقى تۈركىستاننى ساياھەت قىلغان ئارخىلوگ، كۆپنى كۆرگەن تەجرىبىلىك ئاۋرېل ستەين ئەپەندى شەرقى تۈركىستاننى تەسۋېرلىگەندە "بۇ ئەلدىكى ھەر بىر يۇرتنىڭ ئەتراپىدىكى دەھشەتلىك چۆل - جەزىرىدىن يات كىشىلەر ئۈچۈن ئۈلۈم تەھدىتى كىلىپ تۇرىدۇ" دېگەن. ئۇنىڭ ئەيتىشىچە، خىتاينىڭ قەدىمدىكى خەن ۋۇدى دېگەن پادىشاسى بۇ ئەلنى بوي سۇندۇۇرش ئۈچۈن 60 مىڭ لەشكەر ئىبەرتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاران 10

مىڭى خىتايغا تىرىك قايتىپ كىتەلىگەن ئىكەن. كىرىستىن تەيلېر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى بايان قىلغاندا، بۇ ئەلگە مىلادى 10 - ئەسىردىلا ئىسلام سۇپىزىمى كىرگەنلىكىنى، بۇ دىنىي مەسلەك كېيىنچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىپىەك يۇلى بويىدىكى ھەممە جايلىرىغا تارالغانلىقىنى تەسۋىرلەپ يازغان. بۇ باشقا كىتاپلارغا قارىغاندا پايدىلىنىش قىممىتى تېخىمۇ يۇقۇرى بولىۋاتقان نوقتا. كىرىستىن تەيلېرنىڭ بايان قىلىشىچە، 18 - ۋە 19 - ئەسىرلەردە، خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسى ئەنگىلىيە، رۇسىيەلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىشىنى توسۇش دېگەن باھانە بىلەن شەرقى تۈركىستانغا قارىتا كېڭەيمىچىلىك يۈرگۈزگەن. ئۇلار شەرقى تۈركىستانغا كىرىۋالغاندىن كىيىنلا ھەرگىز چىقماسلىققا قارار ئالغان. بۇ جەرياندا يەرلىك خەلقتىن 1 مىليۇن ئادەمنى قىرىپ تاشلاپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن بۇ ئەلدە كىچىك - كىچىك مۇستەملىكىلەرنى قۇرىۋالغان. شۇ مۇستەملىكىلەر ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ دائىرىلىك ھەربى بازىلىرى بولۇپ قالدى. كىرىستىن تەيلېرنىڭ بايان قىلىشىچە، شۇنىڭدىن كىيىنكى 200 يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇشلار ئۈكسۈپ قالغىنى يوق، بەلكى بارغانسىرى يىىرىكلەشمەكتە. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا خىتايلار بىلەن تەڭ -بارابەر مۇئامىلە قىلمىغان، ئۇلارغا ھەقىقى ئاپتونومىيە بەرمىگەن. بېيجىڭ ھۈكۈمىتى بەلكى ئۇلارنىڭ سىياسى ھۇقۇقىنى دەپسەندە قىلىپ ھەقسىز ئىشلىتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بېيجىڭ ھۈكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئادالەتسىزلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ۋە غەزەپ - نەپرىتىنى قوزغاپ، ئۇلارنى توپىلاڭ كۈتۈرۈشكە مەجبۇرلىدى. 1825 - يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق تۇپىلاڭدىلا يەرلىك خەلق بېيجىڭ ھۈكۈمىتىنىڭ 8 مىڭ لەشكىرىنى يۇقۇتۇپ سۇلالىنى قاتتىق ۋەھىمىگە سالغان.

كىرىتىن تېيلېرنىڭ بايان قىلىشىچە، 20 - ئەسىر يىتىپ كەلگەندىمۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تېخى شەرقى تۈركىستاننى تىنجىتىپ بولالمىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار بۇ ۋاقىتتا، خىتايدا سۇلالە ئالماشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئارقا - ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۈزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. ئۇيغۇرلار ھازىر، خۇددى مايكول دىلون ئەيتقاندەك، ھەتتا ئۆز ھاكىمىيىتى دەۋرىدىكى تەڭگە - يارماقلارنىمۇ ئەتىۋالاپ ساقلايدۇ، كەلگۈسىدە خەلقنىڭ سۆز - پىكىر ۋە دىن ئەركىنلىگى ھۈرمەتلىنىدىغان دېمۇكراتىك دۆلەت قۇۇرشنى ئارزۇ قىلىدۇ. (ۋەلى) (داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.