(3)
"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالىسىنى "مالىيە ۋاقىت گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى كىرىستىن تەيلېر، جون خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى فىرىدېرىك ستار، دۇرخەم ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى مايكول دىللونلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدە يازغان كىتابلىرى ۋە جاشۋا كۇرلەنزىكنىڭ تىبەت، ئۇيغۇر رايونلىرىدا نېمە ئۈچۈن سىياسى داۋالغۇش بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىدىن پايدىلانغان. "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟"دېگەن ماقالىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تارىخىي جەريانى، ھازىرقى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان پەللىسى ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى شارائىتتا قانداق ھەل قىلىنىشى لازىملىقى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.
"ئۇلۇغ ئىرا گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالىسىدە شەرقى تۈركىستان ياكى شىنجاڭ دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئەلنىڭ خەلقى نېمە ئۈچۈن قەتئىيلىككە قاراپ ماڭغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: خىتاينىڭ چىڭ سۇلالىسى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركستاننى ئىشغال قىلالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ ئەلنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرالمىغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كىيىن، بۇ ئەھۋال ئۆزگەردى. كوممۇنىست ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركستاننى خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ داۋامى دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، بۇ نەزەرىيە ئارقىلىق يەرلىك زىيالىيلارنى باستۇردى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇرۇنقىلارغا تامامەن ئوخشىمايدىغان سىياسەت قوللانغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قەتئىيلىككە قاراپ مېڭىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باشتا ئۇيغۇرلارغا ئالى ئاپتونومىيە بېرىشكە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھاكىمىيىتىنى ئازراق مۇستەھكەملىۋالغاندىن كىيىنلا، سىياسەتلىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرى بىلەن خىتاي خىتاي ئەنئەنىلىرىنىڭ چېگرىسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئەڭ رادىكال بولغان ئاڭ فورما ۋاسىتىسىنى قوللاندى. "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" دېگەن ھەرىكەتتە ماۋزېدوڭنىڭ خوتۇنى ئۇيغۇرلارغا ئۆچمەنلىك قىلىشتا داڭ چىقارغان ئىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشۇپ كۈچ تېپىشىدىن ئىنتايىن قورقاتتى. شۇڭلاشقا خىتايلار قەدىمى يەتكەنلا جايدا ئۇيغۇر ئەنئەنىلىرىنى خۇددى چېكەتكىدەك قۇرۇتۇپ - بۇزۇشقا باشلىغان. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى پۈتۈن مەملىكەتتە بايلارغا، يەر ئېگىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كەلگەن بولسا، ئەمما شەرقى تۈركستاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ بايلىرغا، يەر ئېگىلىرىگە تاقابىل تۇرۇشتىن باشقا يەنە ئۇلارنىڭ خىتايلار بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلىمەيدىغان، خىتايلاردىن تامامەن ئۆزگىچە بولغان ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان، ئۆرپ-ئادەت ۋە قائىدە - يۇسۇنلىرىمۇ ئۆزىگە خاس ۋە مۇكەممەل بولغان خۇسۇسىيەتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا توغرا كەلگەچكە، ئۇلار بۇ ئەلدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسچىتلىرىنىمۇ بۇزۇشقا، دىنى ئۆلىمالىرىنى ئۆلتۈرۈشكە كىرىشكەن. ھەتتا بۇ ئەلدە چوشقا بېقىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇيغۇر مەسچىتلىرىگە چوشقا ئوبرازى بىلەن ھاقارەت كەلتۈرگەن. كىيىنچە ھەتتا ئۇيغۇر تىلىنى پۈتۈن مەكتەپ دەرسلىكلىرىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، مىڭلىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى، بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلارنى "بۆلگۈنچىلىك قىلدى" دېگەن باھانە بىلەن تۇتقىن قىلدى. بۇ ئەلدىكى كەڭ زېمىندا ئەركىن ھالدا كۆچمە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇرلارنى توپلىشىپ دېھقانچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلاپ، ئۇلارنىڭ ئوتلاقلىرىنى چۆل- جەزىرىدە ئايلاندۇرۇۋەتتى ياكى خىتايلار ئۆزلىرى ئېگىلىۋالدى.
ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، يېقىنقى يىللاردا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركستاننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقى تۈركستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركستاندا بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنى تۇغۇت چەكلەشكە مەجبۇرلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاي يۇرتلىرىدىن زور تۈركۈملەپ كۆچمەن ئەكەلدى. خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇچۇق - ئاشكارا ھالدا ئالاھىدە مەنپەئەتلەر بىلەن تەمىنلىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ بۇنداق سىياسەتلىرى تۈپەيلىدىن شەرقى تۈركستاننىڭ مۇھىتى ۋە ئېكولوگىيىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. 1941 - يىلىدا شەرق تۈركستاندا ئۇيغۇر نۇپۇسىنىڭ نىسبىتى 80% دىن يۇقىرى ئىدى. 1998 - يىلىغا كەلگەندە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ نىسبىتى 50% گە چۈشۈپ قالدى. ھازىر قارايدىغان بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پايتەختى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىنى پۈتۈنلەي خىتاي شەھىرىگە ئايلاندۇرۇپ بولدى. ھازىر بۇ شەھەردە تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ناھايىتى ئاز، بەلكى ئۇلار خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ دۇنياغا "ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى"ھەققىدە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىغان "مىللەت ئەۋرىشكىسى" غا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇلغان.