چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالسىدا بايان قىلىشىچە، سىتار ۋە دىللون ئەپەندىلەر كىتابلىرىدا كوممۇنست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركستاندا يۈرگۈزگەن سىياسەتلىرى 50 - 60 - يىللاردا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى يۇرتىنى تاشلاپ بىرىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشكە مەجبۇرلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى ئۈمىتسىزلىك - چۈشكۈنلىك ۋە زەھەرلىك چىكىملىككە مۇپتىلا قىلدى. شىنجاڭدا خېرويىن مەسىلىسىنىڭ ئېغىر ئاقىبىتى ھازىر ئەيدىز ۋېروسىنىڭ كەڭ دائىرىدە تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئەمما يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قەتئى تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشىلىق كۆرسەتمەكتە. سىتار ئەپەندىنىڭ ئەيتىشىچە، 1949 - يىلىدىن كىيىن، ماۋزېدوڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي، دىنىي سياسىتى قۇمدەك چېچىلىپ كېتىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن كەڭ دائىرىدە ئۆملىشىپ قۇدرەت تېپىش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇرلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كىيىنكى بېيجىڭ ھۈكۈمىتىنىڭ سىياستىمۇ ئۇيغۇرلارنى بۇرۇنقىدەك ئۆز- ئارا جىدەل قىلماي، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر بىر كۇچ بولۇپ ئۇيۇشۇش يولىغا ماڭىدىغان قىلىپ قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ 1954 - يىلىدىكى خوتەن قوزغىلىڭى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى جەريانىدا كۆرسەتكەن جىددى قارشىلىقلىرى بۇنىڭ مىسالىدۇر.
چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالسىدا بايان قىلىشىچە، سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار ئۆزى بىلەن ئېرقداش مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارمۇ 90 - يىللاردىلا ئۈكسىمەي نامايىش قىلىپ، خىتايغا قارىتا تېخىمۇ شىددەت بىلەن قارشىلىق كۆرسۈتۈشكە باشلىدى. سىتار ئەپەندى كىتابىدا "شۇ يىللاردا ئۇيغۇرلار خۇددى يەر ئاستىدا تۇتۇشۇپ كۈيۈشكە باشلىغان، ئاسانلىقچە ئۆچۈرۈپ تاشلىغىلى بولمايدىغان ئاتەشكە ئوخشاپ قالغان ئىدى، بۇ ئاتەش ھەريەر - ھەريەردىن كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا پارتلاپ چىقىپ بىر تۇتاش يالقۇنغا ئايلىنىش ئىھتىمالى بار ئىدى" دەپ تەسۋىرلىگەن. دېگەندەك، 90 - يىللاردا، ئۇيغۇرلار قوزغالغان بىر جايدىلا، خىتاينىڭ قوراللىق كۇچلىرى بىراقلا 3000 غا يېقىن ئادەمنى قىرىۋەتتى. شۇنىڭدىن كىيىن، ئۇيغۇرلاردا تېخىمۇ كۆپ يېڭى تەشكىلاتلار پەيدا بولدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى قورالسىز ھەركەت قىلىپ بىر دېمۇكراتىك دۆلەت قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى. يەنە بەزىلىرى بولسا قىلچە ئىككىلەنمەستىن تۇرۇپ كوممۇنىست خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدە شەھرىدە پارتلىتىش ئېلىپ بارغانلىقى مەلۇم.
چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالسىدا بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۈكۈمىتى شىجاڭدا دىنىي پائالىيەتلەرنى قانچە قاتتىق كونتىرول قىلغانسىرى، گەرچە ئۇيغۇرلاردا ئەزەلدىن تارتىپلا خۇددى ئورتودوكستچە ياكى باشقا ئىسلام مەزھەپلىرىنىڭكىدەك قاتتىق چەكلىمە ۋە قائىدىلىرى بار دىنىي ئادەتلەر يوق بولسىمۇ، قانداقتۇ ئۇلار يەنىلا ئۈزىنىڭ دىنىي ئېتىقاتىنى شۇنچە كۇچاپ تەرەققى قىلدۇردى. ئۇيغۇرلار ئۈزىنىڭ دىنىي ئېتىقاتنى كۇچايتىشنى بېيجىڭ ھۈكۈمىتىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى دەپ قارىغان. شۇڭلاشقا ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە مىچىتكە بېرىپ، توپلىشىپ دىنىي پائالىيەت ئېلىپ بارغاندا سىياسى مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىدىغانلار بارغانسىرى كۆپەيدى.
چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالسىدا بايان قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلاردا يېڭىدىن ئەۋج ئالغان مىللەتچىلىككە قارىتا قانۇندىن چەتنىگەن ھالدا "قاتتىق زەربە بىرىش" دېگەن ۋاستىنى قوللاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى 90 - يىللاردا ئۇيغۇرلارنى مىڭلاپ قولغا ئېلىپ تۇردى. ئۇنىڭ بەزىلىرىنى خەلققە سازىيى قىلىپ ئېتىپ تاشلىدى. 2001 - يىلى ئامرىكىدا 11 - سېنتەبىر ۋاقەسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قولغا ئېلىشنى تېخىمۇ جىددىلەشتۈردى.
بېيجىڭ ھۈكۈمىتى ھەتتا قىلچە پاكىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا "ئۇيغۇرلاردىن مىڭ ئادەم” ئەل - قائىدە تەشكىلاتى”غا باغلانغان، ئۇيغۇرلاردا ئوسامى بىللادىننىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە تايىنىپ ئىسلام دۆلىتى قۇرماقچى بولغان تېررورچىلىق تەشكىلاتى بار دەپ تەشۋىق قىلدى. گەرچە شەرقى تۈركستان تەشكىلاتلىرى ئۈزى ئەل - قائىدىچىلارنى قاتتىق ئەيىپلەپ تۇرىۋاتسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا ئۇيغۇرلارنى خەلقئارالىق تېررورچىلارغا چېتىۋېلىپ، ئۇيغۇرلارغا قارىتا قانۇندىن چەتنىگەن "قاتتىق زەربە بىرىش" دېگەن ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. (ۋەلى) (داۋامى بار)