چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالىسىدە شەرقى تۈركستاننىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەل قارىدى دەپ كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر، ھەتتا ئامېرىكىمۇ كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەسلىدىلا بىر مۇرەككەپ مەسىلە ئىدى، ئەمما تەيلېر، سىتار ئەپەندىلەر كىتابىدا مەسىلىنىڭ مۇرەككەپلىكىگە سەل قارىغان. توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇلارمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى "خەلقئارالىق تېررورچىلارنىڭ بىر قىسمى" دېگەن سۆزىگە مەلۇم جەھەتتە ئىشىنىپ كەتكەن. خىتاي ئۆزىنىڭ مىللىي ئىقتىسادىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دېگەن تەشكىلاتنى تەسىس قىلىپ، ئۇنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش دەپ بىكىتىۋالغان ئىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇ مەقسەت ئۈچۈن، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارنى "تېررورىست" دەپ ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىنچ يول بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى "تېررورچى" دېگەن جىنايى نام بىلەن قارىلاشقا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە ئۇلارنىڭ ھەر قانداق پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەشكە كۆندۈرمەكچى بولدى. بۇ جەھەتتە ھەتتا ئامېرىكىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئۆز خاھىشى بۇيىچە مۇئامىلە قىلىشىغا سۈكۈت قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىىرنى خەلقئارالىق تېررورچىلارغا چېتىۋالسا، بۇش ھۆكۈمىتى ھەتتا ئۇنى كەسكىن رەت قىلىپ ئۇقۇم جەھەتتە ئېنىق پەرقلەندۈرمدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېپى بۇيىچە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تەشكىلاتىنى ئامېرىكىدا مۈلكىنى توڭلىتىدىغان تېررورچى تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە قېتىپ قويدى.
چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر ماقالىسىدە مۇستەقىل تەتقىقاتچى گرەيخەم فۇللېر، جونىزەن لىپمانلارنىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان تەنقىتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ "ئامېرىكىنىڭ بەزى باياناتلىرى ھەتتا ئۇيغۇرلارنى گۇمرانلىققا ئېلىپ بارىدىغان رول ئوينىدى، ئامېرىكا بۇرۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ھىمايە قىلغان بولسا، كىيىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممە مىللىي ھەرىكەتلىرىنى "تېررورچىلىق"دەپ مۇئامىلە قىلىشىغا سۈكۈت قىلدى" دېگەن.
"ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالىسىدە بايان قىلىشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا نەشر قىلدۇرغان كىتابلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزىلىۋاتقانلىقىنى ھەرگىز تىلغا ئالمايدۇ. ھەتتا ئامېرىكىدىكى سىتار قاتارلىق ئەپەندىلەرمۇ يازغان كىتابىدا، قانداقتۇر، ئۇيغۇرلارنىڭ بېسىۋاتقانلىقىنى بايان قىلماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئەمما سىتار قاتارلىق ئەپەندىلەر ئەڭ ئاخىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا باشلىغان تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك نوپۇس يۆتكەش ھەرىكىتىنىڭ مۇددىئاسىنى چۈشۈنۈپ يەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەدەپ كۇچەپ نوپۇس يۆتكىشى ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى تۇرىدىغان ناھايىتى چوڭ ۋەخپى قورالى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتلىرى ۋە قوللانغان ۋەخپى ۋاستىلىرى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ ھېمايىچىسى بولغان ئامېرىكىدىن ئايرىۋېتىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى سەزگەن. بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار 1949 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ مۈشكۈل ھالغا چۈشۈپ قالغان ئىدى. بۇ بېسىم ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنى قەتئىيلىككە قاراپ مېڭىشقا، تاكتىكا جەھەتتىن ئىسلامىيەتكە تېخىمۇ كۆپ مايىل بولۇشقا مەجبۇر قىلدى.
"شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، ئۇيغۇرلار شۇنىڭدىن كىيىن دۇنيا مىقياسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرىدىغان ھەر قانداق تەشكىلات بىلەن بىرلىشىش يولىغا ماڭدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھەتتا ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلىپ تېبەتنىڭ مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرى بىلەن ئالاقە باغلىدى. تېبەتلەرنىڭ كومپيۇتېر تور تېخنىكىسىنى قوللىنىش تەجرىبىسدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن دۇنيا بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاق تۈزۈش يولىغا ماڭدى. سۆيۈملۈك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۇ ماقالىنىڭ يەنە داۋامى بار.(ۋەلى) (داۋامى بار)