ئۇيغۇر دىيارى تېررورستلارنىڭ بازىسىمۇ؟(6)


2004.08.10

چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر ماقالسىدا بايان قىلىشىچە، سىتار، تەيلېر، دىللون قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر كىتابىدا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقايسى خەلقئارالىق جەمىيەتلەر قانداق قىلىپ شەرقى تۈركستان مەسىلىسى قاتماللىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەققىدە ئۈنۈملۈك پىكىر ياكى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويمىغان. ۋاھالەنكى، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىمۇ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى خەلقئارالىق تېررورچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە بېيجىڭ ھۈكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا سۈكۈت قىلماسلىقى كېرەك، ئەلبەتتە. بۇش ھۆكۈمىتى رىگاندىن ئۆگىنىشى كېرەك. سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى رىگان ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىغا دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنىزىمى بىلەن ياخشى مۇناسىبەتتە بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن كوممۇنىزمنى رەھىمسىزلىك بىلەن تەنقىت قىلىپ، خەلقنىڭ كىشىلىك ھۇقۇقىنى قوغداشنى تەمكىن ھالدا جاكالاپ تۇرغان ئىدى.

چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن ماقالسىدا يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى خىتايغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بەزى دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە كۇچ چىقىرىشقا كۆندۈرۈشى كېرەك. مەسىلەن، پارس قولتۇقىدىكى نېفىت ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەر ئۇيغۇرلارنى بۇزەك قىلماسلىق جەھەتتە خىتايغا گېپىنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىن كىيىنكى 20 يىل ئىچىدە خىتاي ئىگىلىكىنىڭ كەڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتكە ئايلىنىدۇ. ھازىرقى ۋاقىتتىلا خىتاينىڭ شەرق تەرەپتىكى رايونلىرىدا ئېنىرگىيە ئىنتايىن چەكلىك. ئامېرىكا ئېنىرگىيە مىنىستىرلىكىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇنىڭدىن كىيىنكى يىگىرمە يىلدا خىتاينىڭ ئېنىرگىيەگە بولغان ئىھتىياجى 10 ھەسسە ئاشىدۇ. خىتاي ھازىردىن باشلاپلا سەئۇدى ئەرەبستانىغا ۋە باشقا پارس قولتۇقىدىكى نېفىت ئىشلەپچىرىدىغان دۆلەتلەرگە ياخشىچاق بولۇشقا باشلىدى. بۇ دۆلەتلەر بۇرۇنمۇ بەزى مۇسۇلمان رايونلىرىنى مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلسا، خىتاينىڭ يول قويماسلىقى مۇمكىن بولمىغان ئىدى. بۇ دۆلەتلەر بۇنىڭدىن كىيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك. ھازىر خىتاينىڭ ئىچكى قىسمىدا بەزى پارتىيە ئەربابلىرىمۇ بۇ مەسىلىنى ئويلاشقا باشلىغانلىقى مەلۇم.

"ئۇلۇغ ئېرا گېزىتى"نىڭ مۇخبىرى چىن فېي، ئوۋياڭ ئەپەندىلەر "شىنجاڭ تېررورچىلارنىڭ بازىسىمۇ؟" دېگەن بۇ ماقالىسىدا يەنە جاشۋا كۇرلەنزىكنىڭ تېبەت، ئۇيغۇر رايۇنلىرىدا نىمە ئۈچۈن سىياسى داۋالغۇش بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرىدىن نەقىل ئېلىنىپ مۇنداق دەپ بايان قىلىدۇ: ئەڭ مۇھىمى، ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى خۇددى ئۆزىنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى رايونلىىرنى دۇنياغا ئېچىۋەتكەندەك، شىنجاڭنىمۇ دۇنياغا ئېچىۋېتىشكە كۆندۈرۈشى كېرەك. ھازىر شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى پەقەت خىتاينىڭ بىر نەچچە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرىلا كونتىرول قىلىۋالغان. ھازىر خىتاينىڭ ھەربى قىسىملىرى، دۆلەت ئىگىلىكىدىكى نېفىت شىركەتلىرى ۋە قۇرۇلۇش شىركەتلىرى پۈتۈن شىنجاڭ ئىگىلىكنىڭ % 80 نى ئېگىلەپ تۇرىدۇ. بەلكى ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى ۋە مەبلەغ سالغۇچىلىرىمۇ ئاساسەن خىتاي. ئەگەر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىگىلكىدىكى كارخانىلىرى ئارقىلىق كونتىرول قىلىشتىن قولىنى تارتىپ، تېخىمۇ كۆپ خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭنى ئەركىن تەرەققى قىلدۇرۇشىغا يول قويسا، ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارغا مەنپەئەت تېگىدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى سودىگەرلەر بىلەن مۇناسىبىتى قۇيۇق. بەلكى ھازىر قەشقەر دىكى بەزى بازارلاردەك، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى تېخى كونتىرول قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىغان جايلار ئەمىلىيەتتە شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ كونتىروللىقىدا. شىنجاڭ ئىقتىسادىنى ئەركىن قۇيۇپ بىرىش، ماھىيەتتىن ئەيتقاندا، شىنجاڭ كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى چارىسى. ئەگەر بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلاردا ئىقتىسادىي جەھەتتە بىر ئوتتۇراھال سىنىپ شەكىللەنسە، ئۇيغۇرلار ئىقتىسادى جەھەتتە ئەركىن بولسا ۋە ئۈزىنى ئۈزى ئىدارە قىلىش ھوقۇقىغا ئېگە بولسا، ئۇنداقتا ئۇيغۇرلاردا قەتئىلىك يولىغا مېڭىش ئازىيىشى مۇمكىن. ئەگەر نەتىجە مۇشۇنداق بولۇپ چىقسا، مەيلى بېيجىڭ ھۈكۈمىتى ھازىر بۇنى چۈشۈنۈپ يەتسۈن ياكى چۈشۈنۈپ يەتمىسۈن، بۇنداق نەتىجە ھەممە تەرەپ ئۈچۈن پايدىلىق. (ۋەلى)(تۈگىدى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.