خىتايدا سىياسىي خىزمەت كادىرلىرى دۆلەت پۇقرالىرىغا يېپىشقان پارازىتلار

"كۆزىتىش ژۇرنىلى " نىڭ 6 ‏- ئاينىڭ 12 ‏- كۈنىدىكى سانىدا "فوربۇس" ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان پۈتۈن يەر شارىدا 2005 ‏- يىللىق باج كىرىمىنىڭ سەرپ قىلىنىش ئەھۋالى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلار غا ئاساسەن مۇلاھىزە قىلىنىشىچە، خەلقتىن ئالىدىغان باج تۈرلىرىنىڭ كۆپلىكى ۋە ئېغىرلىقى جەھەتتە خىتاي دۇنيا بويىچە 2 ‏- ئورۇندا تۇرىدۇ. خىتايدا دۆلەتكە تاپشۇرۇلىدىغان باج مىقتارى خەلق ئىگىلىكى ئومۇم مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 32% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ نىسبەت پۈتۈن دۇنيادىكى تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئېلىنىدىغان 18 – 25 % لىك باج نىسبتىدىن يۇقۇرى. دېمەك خىتايدا كارخانىلار، خۇسۇسىي تىجارەتچىلەر ۋە شەھەر، يېزا-كەنت پۇقرالىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە تۆلەيدىغان سېلىقى ناھايىتى ئېغىر ۋە كۆپ خىل.

خىتاينىڭ مەمۇرى چىقىمى يۇقىرى

"كۆزىتىش ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان خىتايدا باجدىن كىرگەن مالىيە كىرىمىنىڭ تەقسىم قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا جەمئىيەت سوغۇرتىسى، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق دۆلەت پۇقرالىرىغا بىۋاستە مەنپەئەت تېگىدىغان ساھەلەرگە خىراجەت قىلىنغان پۇل دۆلەت مالىيە چىقىمىنىڭ 25% نى تەشكىل قىلىدۇ. (ئامېرىكىدا بولسا 75% نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ جەھەتتە پەرق ناھايىتى چوڭ). خىتايدا 1996 ‏- يىلىدىن 2004 ‏- يىلىغىچە بولغان 8 يىل ئىچىدە دۆلەت مالىيىسىدىن ئاجراتقان مائارىپ خىراجىتى ئاران يۈزدە بىر پۈتۈن ئوندا 7 پىرسەنت ئاشقان، ئەمما مائارىپ تەننەرقى 87% ئاشقان. خىتايدا 2003 ‏- يىللىق مەمۇرىي چىقىم بىر تىرىليون 426 مىليارد 600 مىليون يۈەن، بۇنىڭغا ساقچى ۋە قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ 150 مىليارد يۈەن چىقىمىنى قوشقاندا، خىتاينىڭ مەمۇرىي چىقىمى پۈتۈن دۆلەت چىقىمىنىڭ 37.58% پىرسەنتنى تەشكىل قىلغان.

"كۆزىتىش ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان خىتايدا باجدىن كىرگەن مالىيە كىرىمىنىڭ تەقسىم قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، 2004 ‏- يىللىق "يىلنامە" دىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، "خەلق ھۆكۈمىتى" دېگەن ئاتالغۇ دائىرىسىگە كىرىدىغان، كىملىكى پۈتۈنلەي دۆلەتكە تەۋە بولغان، پۈتۈنلەي دۆلەت مالىيىسىدىن تەمىنلىدىغان "كادىر" سانى 25 مىليون 820 مىڭ. بۇنىڭدىن باشقا، چىقىمىنى خەلق ئۆزى كۆتۈرىدىغان يەنە بىر قىسىم كادىرلارنى قوشقاندا، خىتايدا ئاز دېگەندە 35 مىليون كادىر بار. 2005 ‏- يىلىدا ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرنىڭ ترانسپورت، ساياھەت، يېمەك-ئىچمەك چىقىمىلا 600 مىليارد يۈەن. بۇ پۈتۈن دۆلەت مالىيە چىقىمىنىڭ 20% نى تەشكىل قىلىدۇ ۋە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي مائارىپقا ئاجراتقان پۇل سانىدىن، يەنى خەلققە بىۋاستە مەنپەئەت بېرىدىغان چىقىمدىن 5 ھەسسە كۆپ. ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە، بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دۆلەتتىن 20 ئۆلكىگە بۇيرۇپ بېرىلگەن 773 مىليارد 300 مىليون يۈەن پۇلنىڭ 400 مىلياردى يەرلىكنىڭ مالىيىنىڭ كونتروللىقىدا بولمايدىغان، بەلكى ئەڭ ھوقۇقلۇق كىشىلەر خالىغاندا تەستىقلاپ يۆتكەپ ئىشلىتىۋىرىدىغان پۇل.

پارتكوم خادىملىرىلا 1 مىليون 700 مىڭ

"كۆزىتىش ژۇرنىلى" دا ئېلان قىلىنغان خىتايدا باجدىن كىرگەن مالىيە كىرىمىنىڭ تەقسىم قىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا 2005 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كوممۇنىست پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 70 مىليون 800 مىڭ. پۈتۈن مەملىكەت ئىچىدە كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى 3 مىليون 520 مىڭ. ئاساسى قاتلام پارتكوملار 170 مىڭ. پارتىيە باش ياچېيكىسى 210 مىڭ، پارتىيە ياچېيكىسى 3 مىليون 140 مىڭ. ھەربىر پارتكومدا 2 شۇجى ۋە مۇئاۋىن شۇجى، 4 ھەيئەت ۋە 4 مەخسۇس خىزمەتچى بار دېيىلگەندە، پۈتۈن مەملىكەتتە پارتكوم خادىملىرىلا 1 مىليون 700 مىڭ. بۇنىڭدىن باشقا، پۈتۈن مەملىكەتتە دۆلەت پۇقرالىرى باقىدىغان "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان چاكارلار" دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە مەخسۇس سىياسىي خىزمەت ئىشلەيدىغان كوممۇنىستلار پۈتۈن كادىرلار سانىنىڭ 3 تەن بىرىدىن كۆپراقىنى تەشكىل قىلىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە دۆلەت شتاتىنىڭ سىرتىدىكى ئاممىۋىي تەشكىلاتلار" دەپ ھېسابلىنىدىغان ياشلار، ئاياللار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىدا ئاز دېگەندە 720 مىڭ كادىر بار. بۇلارغا دۆلەت مالىيىسىدىن 43 مىليارد 500 مىليون يۇئەن پۇل ئاجرىتىدۇ. ئۇلارنىڭ ترانسپورت، ساياھەت، يەپ‏-ئىچىشى ئۈچۈن 200 مىليارد يۇئەن چىقىم قىلىدۇ. بۇلاردا، بولۇپمۇ سىياسىي خىزمەت ئىشلەيدۇ دەپ ئاتىلىدىغان كوممۇنىستلاردا گەرچە "خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش" دەيدىغان نىيەت-مەقسەت ۋە شۇنىڭغا لايىق ئىقتىدار بولمىسىمۇ، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئىجتىمائى ۋە تەبىئى بايلىق مەنبەلىرىنى ئىگەللىۋالغان. ئومۇمنىڭ مۈلكى" دەپ ئاتىلىدىغان مۈلۈكلا بولسا، ئۇلار خالىغانچە بىرتەرەپ قىلىدۇ. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندا، سىياسىي خىزمەت كادىرلىرى دەپ ئاتىلىدىغان كوممۇنىستلار ئەمەلىيەتتە خەلقنى ئىزىش-ئازاپلاش، ئىكىسپلاتاتسىيە قىلىشتىن ئۆزگە ئىش بىلەن شۇغۇلللانمايدىغان ئەڭ چوڭ پارىزىتلار. بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇئاڭجۇ، ۋۇخەن قاتارلىق شەھەرلەردىكى 7 شەھەرچە ۋە سەھرا دا 4128 نەپەر دۆلەت پۇقراسى دائىرىسىدە ئېلىپ بارغان راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتايدىكى ھازىر بار بولغان ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ سانىنى ئازايتىش كېرەك دەپ قارايدىغانلار 67%نى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىرقى ساننى ساقلاپ قالسىمۇ بولىدۇ دەپ قارايدىغانلار ئاران 5%نى تەشكىل قىلىدۇ. شەھەرچە بىلەن سەھرانى سېلىشتۇرغاندا، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى، بولۇپمۇ سىياسى خىزمەت خادىملىئىرنى قىسقارتىش كېرەك دەپ قارىغۇچىلار سەھرالاردا 88% نى تەشكىل قىلىدۇ. (ۋەلى)