خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 4 - ئومۇم يىغىنىدا جاڭ زېمىن ھەربى كومىتېت رەئىسلىكىنى خۇجىنتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. خەلقئارادا بۇ ھەقتە مۇلاھزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، جاڭ زېمىننىڭ خىتايدا ھەربى كومىتېت رەئىسلىكىنى ئۆتەش مۇددىتى 2007 - يىلى توشاتتى. ئەمما ئۇ توساتتىنلا، يېقىندا بېيجىڭدە ئېچىلغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 4 - ئومۇم يىغىنىدا ھەربى كومىتېت رەئىسلىكىنى خۇجىنتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇنى چەتئەللەرنىڭ ئۇچۇر - ۋاستىچى تارماقلىرى "خىتايدا بولۇپ ئۆتكەن تىنج ھالدا ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش" دەپ ئاتىدى.
فىرانسىىدە چىقىدىغان فىگارو گېزىتى 9 - ئاينىڭ 20 كۈنى "خىتايدا كاپىتىلىزىم پىشىۋاسى جاڭ زېمىن قولىدىكى ھەربى ھۇقۇقنى خۇجىناتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەردى" دەپ بايان قىلدى. شۇنداقلا يەنە "خۇ جىناتاۋ بۇرۇن بەزى ئۇچۇر - ۋاستىچى تارماقلار دېگەندەك خىتايدىكى گورباچېۋ ئەمەس، ئۇ، ئىسلاھات جەھەتتە تېخى بىر ئىش قىلغىنى يوق، ئۇ يەنىلا خىتاينى بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىقىدىكى قودرەتلىك دۆلەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغان كىشى" دەپ تەھلىل قىلدى.
"كۈندۈللۈك خەۋەر گېزىتى"دا بولسا "جاڭ زېمىن كوممۇنىست پارتىيىنى كاپىتالىزىم بىلەن مۇرەسسە قىلغۇزۇش ئارقىلىق ئۇنى مەڭگۇ ھۇقۇق تۇتىدىغان قىلىشقا تىرىشپ كەلمەكتە ئىدى. قانداقتۇ ئۇ يېقىندا ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇنلا قولىدىكى ھەربى ھۇقۇقنى 89 - يىلى تېبەتتتىكى دېموكراتىك ھەركەتلەرنى باستۇرغان، غەربنىڭ دېموكراتىيىسى خىتاينى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ، دەپ قارايدىغان خۇجىنتاۋغا ئۆتكۈزۇپ بەردى" دەپ بايان قىلدى. بىز ئەمدى خىتايدا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى ھۇقۇق ئۆتكۈزۈشكە نىسبەتەن ئۇيغۇرلار قانداق كۆز قاراشتا بولىۋاتىدۇ؟
ھۇ ھەقتە سىدىق ھاجى روزى ئەپەندىنىڭ ۋە ھەقسىز لىنىيىدىن تېلېفون قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ كۆزقارىشىنى ئاڭلاڭ