0:00 / 0:00
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، جاڭ زېمىننىڭ خىتايدا ھەربى كومىتېت رەئىسلىكىنى ئۆتەش مۇددىتى 2007 - يىلى توشاتتى. ئەمما ئۇ، توساتتىنلا، يېقىندا بېيجىڭدە ئېچىلغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 4 - ئومۇم يىغىنىدا ھەربى كومىتېت رەئىسلىكىنى خۇجىنتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەردى.
بۇنى چەتئەللەرنىڭ ئۇچۇر - ۋاستە تارماقلىرى "خىتايدا بىر قتىملىق تىنج ھالدا ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىش" بولۇپ ئۆتتى دەپ ئاتىدى. بۇنداق شارائىتتا، ھۇقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۆمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدە قانداق ئۆزگۈرۈش بولىدۇ دېگەن مەسىلە ھازىر كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مۇھىم نوقتا بولۇپ قالدى. ئۇيغۇرلار بولسا بۇ قېتىمقى ھۇقۇق ئۆتكۈزۈشتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىدە قانداق ئۆزگۈرۈش بولىدۇ دېگەن نوقتىغا تېخىمۇ بەك كۆڭۈل بۆلمەكتە.