خىتايدىكى ھوقوق ئالمىشىشنىڭ ئۇيغۇرلارغا نىمە تەسىرى بار؟ (3)

يېقىندا بېيجىڭدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 4 - ئومۇم يىغىنىداتقان ئېچىلغان ۋاقىتتا، خىتايدىن دۇنياغا بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى خەۋەر بىرلا ۋاقىتتا تارقالدى. ئۇنىڭ بىرى جاڭ زېمىننىڭ ھەربى كومىتېت رەئىسلىكىنى ئۆتەش مۇددىتى 2007 - يىلى توشىدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىن بۇرۇن، توساتتىن مۇشۇ يىغىن جەريانىدا خۇجىنتاۋغا ھۇقۇق ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىلكى توغرىسىدىكى خەۋەر. ئىككىنجىسى، جاڭ زېمىننىڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن دۇنياغا خەۋەر قىلغان "نىۇيورك تايمىس گېزىتى" نىڭ خىتاي پۇخرالىغىدىكى خىزمەتچىسى جاۋيەن ئەپەندىنى ‘دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى’ دەپ قولغا ئالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر.

بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ يەنە بىر قەدەم چىكىنىش

چەتئەللەرنىڭ ئۇچۇرـ ۋاستە تارماقلىرى جاڭ زېمىننىڭ ھۇقۇق ئۆتكۈزۈپ بەرگەنىلكى توغرىسىدىكى خەۋەرگە قارىتا، گەرچە جاڭ زېمىن خىتايدا سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى كېچىكتۈرۈپ كىلىۋاتقان، قانلىق باستۇرۇش ئارقىلىق خىتايدا نىسپى مۇقىملىقنى ساقلاۋاتقان كىشى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قولىدىكى ھەربى ھوقۇقنى خۇجىنتاۋغا تىنج ھالدا ئۆتكۈزۈپ بەردى، بۇ ‘خىتايدا يېڭىدا پەيدا بولغان بىرخىل ئىلغارلىق’ دەپ باھا بېرىشتى. چەتئەللەرنىڭ ئۇچۇرـ ۋاستە تارماقلىرى ئىككىنجى خەۋەرگە قارىتا، يەنى خىتايدا چىقىدىغان "ئىسلاھات گېزىتى" يېزا قىشلاق بېتىنىڭ مۇخپىرى جاۋيەن ئەپەندىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىغا قارشى تۇرۇپ خىتاي ھۈكۈمىتىگە لەنەت - نەپرەت ياغدۇردى.

ـ ئەگەر جاڭ زېمىننىڭ تىنج ھالدا ھوقوق ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدىن ئىبارەت بۇنداق بىرخىل ئىلغارلىقنى خەۋەر قىلغان مۇخپىرنى ‘دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى" دەپ قولغان ئالسا، بۇ خىتايدا پەيدا بولغان شۇ ئىلغارلىقىنى ئۆزى ئىنكار قىلغانلىق بولىدۇ ـــــ دەپ بايان قىلىنىدۇ، ب ب س ئېلان قىلغان مۇلاھىزىدە، ــــــ بۇ ئەمىلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قەدەم ئالغا باسقان بولسا، يەنە دەرھال بىر قەدەم كەينىگە چىكىنگەنلىكى. بۇنداقتا خىتاي كوممۇىست پارتىيىسى ئۆزىنىڭ 13 - قۇرۇلتېيىدا ‘خەلقنىڭ دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى’غا ھۈرمەت قىلىش توغرىسىدا بەرگەن ۋەدىلىرى يالغان ۋەدە بولۇپ چىقىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇچۇر - ۋاستە تارماقلىرىمۇ جاڭ زېمىننىڭ ھوقۇق ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىغىنى ئالدىن دارتىپ خەۋەر قىلغان ئىدى. بۇ ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى دۆلەت مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىغانلىق بولمامدىكەن؟

"چاكار" نىڭ مەخپىيىتىنى "ئېگىسى" بىلسە بولمامدىكەن؟

خەلقئارادىكى تور بەتلىرىدە يەنە ‘ئۆزىنى خەلقنىڭ چاكىرى دەپ ئېلان قىلغان ھەرقانداق رەھبەرنىڭ قاچان ئىشلەپ، قاچان ئىشلىمەيدىغانلىقىنى، شۇ چاكارنىڭ ئېگىسى بولغان خەلق ئالدىن بىلىسە نىمە ئۈچۈن بولمايدىكەن، دۆلەتنىڭ نىمىسى دۆلەتنىڭ ئۆز ئېگىسى بولغان خەلققە نىسبەتەن مەخپىيەتلىك بولىدىكەن؟" دېگەندەك ھەرخىل مۇلاھىزىلەر، جىددى سۇئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۇنيادكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە "مەخپىيەتلىك" توغرىسىدا ھەرخىل قانۇنىي بەلگىلىمىلەر بار. بولۇپمۇ دېموكراتىك دۆلەتلەردە "دۆلەت مەخپىيەتلىكى" دېگەن نىمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىنتايىن كونكىرىت بەلگىلىمىلەر ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان. ئۇ بەلگىلىمىلەردە دۆلەت پۇخرالىرىنىڭ ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدىن خەۋەردار بولۇش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بارلىقى، بۇنداق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغانلىقى تەپسىلى بەلىگىلەنگەن. ‘كۆزەتكۈچى’ دېگەن ژورنالدا بايان قىلىنىشىچە، "نىۇيورك تايمىس گېزىتى"دە ھەرخىل مۆلچەر، ئانالىزلارنى ئالدىن ئېلان قىلىش ئادەتتىكى ئىش، ئۇ ھېچقاچان دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئەمەس. ئەمما جاڭ زېمىن ئۈچۈن ئەيتقاندا بۇ پەقەت بىر خوش خەۋەر بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ تەختتىن چۈشىدىغانلىقىنى خەلققە ئۇقتۇرغان شۇم خەۋەر ئىدى. ۋاھالەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر مۇخپىرلارنى قولغا ئالىدىغان بۇنداق ھەرىكەت ئارقىلىق ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۇچۇر - ۋاسستىلارغا يەنىلا داۋاملىق تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك

ب ب س ئېلان قىلغان مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خۇجىنتاۋ يېقىندا، خىتايدا غەربچە سىياسى تۈزۈمنى قوللىنىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق دەپ جاكالىغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭدىن بۇرۇن جەمىيەتتە ئۇچۇق - يۇرۇق بولۇشتىن ئىبارەت غەربچە دېمۇكراتىيە شەكلىنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ نىشانى دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمدى بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى ئاللىقاچان خەلققە بەرگەن ۋەدىسىگە راستچىللىق بىلەن ئەمەل قىلىشى لازىم. خەلقنىڭ سوراق قىلىشدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن يەمە داۋاملىق تۈردە ‘بىرنى ئۆلتۈرۈپ مىڭنى قورقۇتۇش’ ئۇسۇلىنى قوللىنىشتىن قول تارتىشى كېرەك. (ۋەلى)