خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 16 - قورۇلتېيىنىڭ 4 - ئومۇم يىغىنىدا جاڭ زېمىن ھەربى كومىتېت رەئىسلىكىنى خۇجىنتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن پارتىيىنىڭ ھوقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا بىر قارار قوبۇل قىلىنغان. خەلقئارادا بۇ ھەقتە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
"كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھوقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈررۈش" ئۇنى گۇمرانلىقتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ
خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇنىڭدىن 2 ئاي بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ 83 يىللىقىنى خاتىرىلىگەندە "پارتىيىنىڭ ھوقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش" مەسىلىسنى گەۋدىلەندۈرۈپ تەكىتلىگەن ئىدى. تەكىتلىگەندىمۇ ئۇنى يۇقۇرى باسقۇچقا كۆتۈرۈپ "بۇ، سوتسىالىزمنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولىشىغا، خىتاي مىللىتىنىڭ تەقىدىرىگە، پارتىيىنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ مەڭگۇ توراقلىق بولىشىغا مۇناسىبەتلىك ئىنتايىن مۇھىم مەسىلە" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. ئەمدى بۇ قېتىمقى 4 - ئومۇم يىغىندا بۇ ھەقتە مەخسۇس قارار ماقۇللىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھۇقۇق تۇتىۋاتقىلى 55 - يىل بولغاندا ئاندىن ئۆزىنىڭ 'ھوقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش' توغرىسىدا جاكارلىغان تەدبىرى بىر يېڭى ئاتالغۇ سۈپىتىدە سەھنىگە چىقتى.
ئامالسىز قالغاندا تاپقان چارە
"دۇنيا سودا گېزىتى" نىڭ مۇخبىرى جاڭ ۋېيگو ئەپەندى "خىتايدا ھازىرقى كوممۇنىست رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان پارتىيىنىڭ ھوقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش دېگەن تەدبىر ئۇلار ئامالسىز قالغاندا ئاندىن ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئويلاپ تاپقان چارە. ئۇلار ئەمەلىيەتتە سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولىۋاتىدۇ" دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
خىتايدا ئەڭ چوڭ خەۋپ ـــ چىرىكلىك
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايرىقى ئاستىدىكى "قاراۋۇل ژۇرنىلى" دا 4 - ئومۇم يىغىننىڭ ئاخباراتىنىڭ روھىنى "دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى بىلەن ئىقتىسادنى تەڭ تەرەققى قىلدۇرۇش، خىتاينىڭ ھەربى قىسىملىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت" دەپ يىغىنجاقلاپ بايان قىلدى، --- دەپ مۇلاھىزە قىلىدۇ ئىقتىسادشۇناس خې چىڭلىيەن 4 - ئومۇم يىغىننىڭ ئاخباراتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئوبزورىدا، ــــ شۇنىڭدىن بىزگە مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھازىر ئىچكى ۋە تاشقى جەھەتتە ئىنتايىن مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى، خىتايدا ھازىر سىياسى ئىسلاھاتنى يولغا قويۇش ناھايىتى قىيىن، جەمئىيەتتە ھازىر زىددىيەتلەر كەسكىنلەشتى، خىتاينىڭ خەلقئارالىق مۇھىتى ئاجىزلاپ كەتتى.
ھازىر خىتايدا ئەڭ چوڭ خەۋپ ھەر دەرىجىلىك كوممۇنىست ھۆكۈمەتلىرىدىكى چىرىكلىك، ـــ دەيدۇ خې چىڭلەن، ـــ ھۆكۈمەتتىكى چىرىكلىك سىياسى تۈزۈمدىن كەلگەن. ھازىر خىتايدا يېزىلاردا يۈز بېرىۋاتقان يەر سېتىۋېلىش، شەھەرلەردە يۈز بېرىۋاتقان تۇرالغۇلارنى قايتىدىن سېلىش دېگەن بانا بىلەن ئۆي ئىگىلىرىنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈش ھادىسىلىرى دەل كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھۆكۈمەت، قانۇن ئورگانلىرىدىكى ئەمەلدارلىرى بىلەن سودىگەرلەر ئۆز - ئارا تىل بىرىكتۈرۈپ چىرىكلىكنى يولغا قويىۋاتقانلىقى.
دېموكراتىك دۆلەتلەردە ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكى ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ قانۇن - تۈزۈملىرىنى قانداق ئىجرا قىلغانلىقى ۋە باج تۆلىگىوچىلەر ئۈچۈن قانداق خىزمەت قىلغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ھوقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنى باج تۈلەۋاتقان خەلق ئۆزى ئۆلچەيدۇ. خىتايدا ئۇنداق ئەمەس، خىتايدا چىرىكلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىغىچە سىڭىپ كەتكەن. نۇرغۇن كىشىلەر بىر چوڭ نەپسانىيەتچىلىك زەنجىرىگە بىللە چېتىلغان. ئەدلىيە، ساقچى، قۇرۇلۇش، مائارىپ، داۋالاش تارماقلىرى ئۇلارنىڭ ئەڭ قولايلىق قورالى. بۇلاردىن كوممۇنىست ئەمەلدارلىرى خالىغانچە مەنپەئەت ئالىدۇ. مەملىكەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى ئولومپېك مۇسابىقىسى ئۈچۈن ئاجرىتىلغان پۇلغا تورالغۇ سېلىۋالغان مەسىلە پاش بولۇپ چىققاندا، ھۆكۈمەت دەرھال مەيدانغا چىقىپ مەسىلىنى "ھەل" قىلغان بولدى. مانا بۇ شۇنىڭ مىسالى. بۇنداق چىرىكلىك جەھەتتە خىتاي دۇنيا بۇيىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.
جاڭ زېمىندىن خۇ جىنتاۋغا قالغان سىياسى مىراس
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزىنىڭ جەمئىيەتنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ھەرخىل قارشىلىقلارنى باستۇرۇپ، چاۋىسىنى چىتقا يايىدىغان ئۇچۇر - ۋاسىتە تارماقلىرىنى ئۆزىنىڭ كونتروللىقى ئاستىغا ئېلىپ تۇرماقتا ۋە ئۇلار ھەتتا يۈز بەرمىگەن ۋەقەنىمۇ "بىخى"دىلا ئۇجۇقتۇرۇشنى يولغا قويىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كىلىپ چىققان ناھەق دېلولارنى ئۇلار ھەل قىلمايدۇ. خەلق ئىچىدە نارازىلىق كۆپىيىپ كەتكەن بۇ جەمئىيەتتە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك خادىملىرى باستۇرۇشقا بانا تېپىش ئۈچۈن ھەممە بۇلۇڭ - پۇچقاقتا كىشىلەرگە كۆز - قۇلاق بولۇپ يۈرىدۇ. بۇ ھازىر جاڭ زېمىن دەۋرىدىن خۇ جىنتاۋغا قالغان بىر سىياسى مىراس بولۇپ قېپقالدى.
ھازىر خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرسا پارتىيە گۇمران بولىدۇ، خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرمىسا دۆلەت گۇمران بولىدۇ
سوتسىيالىستىك دۆلەتلەرنىڭ تارىخىدىن قارىغاندا، دەيدۇ خې چىڭلەن خانىم، ـــ ھەممىسىنىڭ 1 - ئەۋلاد رەھبەرلىرى خۇددى ستالىن، ماۋ زېدوڭلاردەك مۇستەبىتلەر ئىدى. ئۇلار ئۆزىنى قانۇننىڭ ئۈستىگە قويغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكىلەرنىڭ مۇستەبىتلىكى چەكلىك بولدى. ھازىرقى 4 - ئەۋلاد خۇ جىنتاۋنىڭ بولسا چاقىرىق قىلىش كۇچى تېخىمۇ ئاجىز. ھازىر قى ۋەزىيەتنى خەلق تىلى بىلەن ئېيتقاندا " ئەگەر ھازىر خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرسا پارتىيە گۇمران بولىدۇ، ئەگەر خىيانەتچىلىككە قارشى تۇرمىسا دۆلەت گۇمران بولىدۇ".
ھازىر خۇنجنتاۋ قانداق قىلىپ خىيانەتچىلىككە خاتىمە بەرمىگەن ھالدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھۇقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىزلەۋاتسا كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسى بېسىمنى كۈچەيتىش ئارقىلىق پارتىيىنىڭ ھۇقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ جەمئىيەتنى كونترول قىلىشقا ئورۇنسا، بۇنداق قىلىش دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن زىيانلىق بولىدۇ.
سىياسى مۇلاھىزىچى سۈن فېڭ ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھازىر خۇنجىنتاۋ قوللىنىۋاتقان پارتىيىنىڭ ھۇقۇق تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش تەدبىرى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى گۇمرانلىقتىن قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. (ۋەلى)