4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسى ھەققىدە 17 يىلدىن كېيىنىمۇ ئىختىلاپ ئېغىر

june4th-15-200.jpg
1989 – يىلدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىكى تيەنئەنمەن. AFP

"ئامېرىكا ئاۋازى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 6 ‏- ئاينىڭ 4 ‏- كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇنىڭدىن 17 يىل بۇرۇن 4 ‏- ئىيۇن كۈنىدە تيەنئەنمېن مەيدانىدا دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن، قولغا ئېلىنغان، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان دۆلەت پۇقرالىرى ھەققىدە ئىزاھات بېرىشنى، شۇنداقلا شۇ ۋەقەگە قايتىدىن باھا بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

"مەركىزى ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6 ‏- ئاينىڭ 7 ‏- كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسىگە قايتىدىن باھا بېرىش ھەققىدىكى تەكلىپىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرغاندا، ئامېرىكىنىڭ باياناتىنى "پاكىتىسز ئەيىبلەش" ، "خەلقئارالىق دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ئۆلچىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق"، "جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشقانلىق" ، "بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز" دېگەندەك يېرىك ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ئەينى ۋاقىتتا 1989 ‏- يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنى "ئەكسىلئىنقىلابىي توپىلاڭ" دەپ بىكىتكەن ۋە شۇنداق مۇئامىلە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىم خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇجەنچاۋ شۇ ۋەقەنى "بېيجىڭدا يۈز بەرگەن سىياسىي داۋالغۇش" دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنىڭغا "ئۆز ۋاقتىدىلا باھا بېرىلىپ، يەكۈن چىقىرىلىپ بولغان" دېگەن.

خەلقئارادىكى ئۇچۇر ۋاستىلىرى، بولۇپمۇ خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئالاقىلانە تەكلىپىگە قوپاللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغانلىقىغا ئەپسۇسلاندى ۋە بۇ ھەقتە ھەرخىل ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1989 ‏- يىلىدىكى 4 ‏-ئىيون ۋەقەسىدە ئۆتكۈزگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايىي قىلمىشلىرىنىڭ پاكىتىنى پاش قىلدى.

ئۈچ ئەزىمەت ھەققىدىكى ئەسلىمىلەر

"يېڭى ئەسىر ژۇرنىلى" نىڭ 6 ‏- ئاينىڭ 5 ‏- كۈنىدىكى سانىدا، بۇنىڭدىن 17 يىل بۇرۇن، يەنى 1989 ‏- يىلى 5 ‏- ئاينىڭ 23 ‏-كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى بېيجىڭ شەھىرىدە ھەربىي ھالەت يۈرگۈزگەندىن كېيىنكى 3 ‏- كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا "بەش مىڭ يىللىق مۇستەبىتلىكنى ئاخىرلاشتۇرايلى، شەخسىيگە چۇقۇنۇشنى توختۇتايلى" دېگەن خەتلەر يېزىلغان پلاكاتنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ئىچىگە بوياق قاچىلانغان تۇخۇمنى ئېتىپ، تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى ماۋزېدۇڭنىڭ چوڭ رەسىمىگە داغ چۈشۈرگەن خۇنەنلىك 3 ئەزىمەتنىڭ ھېكايىسى ئەسلەپ ئۆتۈلدى.

بۇ ئۈچ ئەزىمەتنىڭ بىرى يۈ جژجەن، ‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ ماقالىدە، ‏- ئۇ خۇنەن ليۇياڭ ناھىيىسى داشۇي يېزىسىدىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئەينى ۋاقىتتا 25 ياش، ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىگە داغ چۈشۈرگەن شۇ ۋەقەدىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۆم قىلىنغان. 3 ئەزىمەتنىڭ يەنە بىرى يۈ دوڭيۆ، ئەينى ۋاقىتتا 22 ياش، خۇنەن "ليۇياڭ گېزىتى"نىڭ گۈزەل سەنئەت تەھرىرى، ۋەقەدىن كېيىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 1991 ‏- يىلى تۈرمىدە ساراڭ بولغان، بۇيىل 2 ‏- ئاينىڭ 22 ‏- كۈنى قويۇپ بېرىلگەن، كېسىلى ھازىرغىچە ساقايمىدى. 3 ئەزىمەتنىڭ يەنە بىرى لو دېچېڭ، ئەينى ۋاقىتتا 26 ياش، خۇنەن ئاپتوموبىل ترانسپورت شىركىتىنىڭ شوپۇرى، 16 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 1998 ‏- يىلى تۈرمىدىن چىققان، 2004 ‏- يىلى تايلاند ئارقىلىق كاناداغا كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئۈچ كىشىنىڭ ھېچقايسى ئەينى ۋاقىتتا قىلغان ئىشىغا ھەرگىز پۇشايمان قىلمايدۇ. ئۇلار پەقەت پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ 17 يىلدىن بۇيان ھەرخىل بانا -سەۋەبلەر بىلەن ئازاپ چېكىۋاتقانىقىغا قاتتىق ئېچىنىدۇ.

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە چىقىدىغان تارىخى مىراسلار تەتقىق قىلىنىدىغان "خۇاڭخۇا گاڭ پورتى" دېگەن ژۇرنالدا ، ‏- دەپ مەزكۇر تېمىدىكى بايانلار داۋاملاشتۇرىلىدۇ "يېڭى ئەسر ژۇرنىلى"دا، 2002 ‏- يىلى 7 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى خۇ نەندىكى ئەركىن يازغۇچى چېن شاۋۋېننىڭ "تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى 3 قەھرىمان" دېگەن ماقالىسى ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئاپتور ماقالىسىدە تيەنئەنمېن مەيدانىدا ماۋزېدۇڭنىڭ رەسىمىگە داغ چۈشۈرگەن ئۈچ ئەزىمەتنىڭ جازا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن يەنە تۈرمىدە تارتقان ئېچىنىشلىق ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى تەسۋىرلەپ بايان قىلغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يازغۇچىنى بىر ئايدىن كېيىن، 2002 ‏- يىلى 8 ‏- ئاينىڭ 6 ‏- كۈنى قولغا ئالدى. ئۇ 2005 ‏- يىلى ‏8 ‏- ئايدا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، يەنە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ تۈرمە ھاياتىنى بايان قىلىش ئارقىلىق خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى "خەلق بىلەن بىر ئاسماننىڭ ئاستىدا ھەرگىز تىنچ ئۆتمەيدىغان كىشىلەر" دەپ تەسۋىرلىدى.

ئۈچ ئەزىمەتنىڭ ئوبرازى خەلقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق

2006 ‏-يىلى 4 ‏- ئايدا لۇ دېچېڭ ئەپەندى كانادادىن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيا شىتاتىغا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا كەلگەندە،‏- دەپ داۋاملىق بايان قىلىنىدۇ "يېڭى ئەسر ژۇرنىلىدا، ‏-‏‏ 1989 ‏- يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلۈپ قاچاقتا يۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ھەركىتىنىڭ 21 رەھبىرىدىن جۇ فېڭ قاتارلىق كىشىلەر لۇ دېچېڭدىن ئەپو سورىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىگە داغ چۈشۈرگەن 3 قەھرىماننى ئۇقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرى تۇتۇپ بەرگەن ۋە ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلمىغان ئىكەن. 17 يىلدىن بۇيان، گەرچە باشقىلار ئۇنتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ماۋ زېدۇڭنىڭ رەسىمىگە داغ چۈشۈرگەن بۇ 3 قەھرىماننىڭ ئوبرازى خەلقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. بۇ ئۈچ قەھرىمان بىلەن بىللە يەنە، ئەينى ۋاقىتتا تيەنئەنمېن مەيدانىدا ھۈرلۈك ئىلاھىنىڭ ھەيكىلىنى تىكلىگەن ۋە خىتاي ئارمىيىسى تانكىلىرىنىڭ ئالدىنى تەنھا تۇرۇپ توسقان ئەزىمەتنىڭ ئوبرازىمۇ خەلقنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكىنى يوق. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئەينى ۋاقىتتا دېموكراتىيە تەلەپ قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرۇشنى توختاتقىنى يوق. (ۋەلى)