
ئالدىنقى ئايدا تىبەتنىڭ روھانى داھىيسى دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرى، بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن تىبەتكە ئالى ئاپتونومىيە بېرىش مەسىلىسىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى. بۇ 2002 –يىلى 9-ئايدا خىتاي تىبەت سۆھبىتى ئەسلىگە كەلگەندىن بۇيانقى 5-قېتىملىق رەسمىي ئۇچرىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1959-يىلى تىبەت قوزغىلىڭى باستۇرۇلۇپ، تىبەت ھۆكۈمىتى ھىندىستانغا قېچىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغاندىن كېيىن، دالاي لاما بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغانىدى.. 1979-يىلى خىتاي رەھبىرى دېڭ شاۋپىڭ دالاي لاما بىلەن، مۇستەقىللىقتىن باشقا ھەرقانداق بىر مەسىلىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ۋە شۇ يىلى بېيجىڭ بىلەن سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تۇنجى قېتىم مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى.. خىتاي دائىرلىرى 1985 يىلىدىن باشلاپ دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بېيىجىڭ ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، ئاما بۇ ئىللىق ھاۋا ئۇزۇن دەۋام قىلمىدى. دالاي لامانىڭ ئاكىسى تىبەتنى زىيارەت قىلغاندا، نەچە يۈزمىڭلىغان تىبەتلىكنىڭ ئۇنىڭغا ئالاھىدە ھۆرمەت كۆرسەتكەنلىكى خىتايلارنى چۆچۈتىۋەتتى. بۇنىڭ بىلەن. خىتاي دائىرلىرى، تىبەت خەلقى دالاي لامانىڭ ئاكىسىغا بۇ قەدەر ھۆرمەت بىلدۈرگەن يەردە، دالاي لاما تىبەتكە قايتسا تىبەتنىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلغىلى بولمايدىكەن دېگەندەك تەشۋىش ئەندىشىنى چىقىش قىلىپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتنى توختاتتى.. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر، تىبەت مەسىلىلىرىنىڭ سىياسى يول بىلەن ھەل قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلغان، مۆتىدىل قاراشتىكى خىتاي رەھبىرى خۇ ياۋباڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىمۇ، بۇ سۆھبەتنىڭ توختىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.
دالاي لاما 10 نەچچە يىلدىن بەرى، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى، پەقەت تىبەتنىڭ ئالاھىدە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خىتايدىن ئالى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە... دالاي لامانىڭ تەلىپى بويىچە بولغاندا، تىبەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە تاشقى ئىشلىرى بېيىجىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرىشىدا بولسا، تىبەتنىڭ ئىچكى ئىشلىرىنى تىبەتلىكلەر ئۆزلىرى باشقۇرىدىكەن.
دالاي لاما نېمە ئۈچۈن تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئالى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش يولىنى تۇتىدۇ؟
دالاي لاما نېمە ئۈچۈن تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىن ۋاز كېچىپ، خىتايدىن ئالى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش يولىنى تۇتىدۇ؟ بۇ بىر سىياسى تاكتىكىمۇ قانداق؟ بۇ ھەقتە كىشىلەر ھەر خىل چۈشەندۈرۈشلەردە بولماقتا. ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىماقتا.
كانادادىكى شائىر ۋە سىياسى ئانالىزچى ئەخمەتجان ئوسمان خەلقئارادا ئالاھىدە قوللاشقا ئېرىشكەن دالاي لامانىڭ، نېمە ئۈچۈن مۇستەقىللىقتىن ۋاز كېچىپ، ئالى ئاپتونومىيە يولىنى تاللىغانلىقىدىكى سەۋەبلەرنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
"دالاي لامانىڭ ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشىدا بىر قانچە سەۋەب بار. بىرىنچى، خەلقئارا قانۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە، دالاي لاما ئەگەر مۇستەقىللىق تەلەپ قىلسا، باشقا دۆلەتلەرنىڭ دالاي لامانىڭ بۇ دەۋاسىنى قوللاش يولىدا بىر توسقۇنلۇق يۈز بېرىشى مۇمكىن. چۈنكى، ھەرقانداق بىر دۆلەت خەلقئارا قانۇننىڭ پرىنسىپلىرى بويىچە خىتاينىڭ زەمىن پۈتۈنلۈكى ۋە خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرېك. بۇنداق ئەھۋالدا دالاي لامانىڭ تىبەتنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولىدىغان بۇنداق تەلىپىنى قوللىشى بىر ئاز بىئەپ بولىدۇ. ئىككىنچى سەۋەب، تىبەتنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى يەنە دالاي لامانىڭ ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشىنى بەلگىلىگەن. بۇنىڭدا تىبەت ئەگەر مۇستەقىل دۆلەت بولسا، تىبەتنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى، ئىقتىسادىي شارائىتى تىبەت خەلقىنىڭ باياشات ئۆز-ئۆزىگە خوجا، مۇستەقىل ئىقتىسات، ئىگىلىك مەسىللىرىدە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ. 3- سەۋەب دالاي لاما بىر دىنىي داھى. يەنى تىبەت خەلقى ئېتىقات قىلىدىغان بۇددىست دىنىنىڭ بىر ئىلاھى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق دىنىي داھى دەۋاملىق ئۆزىمۇ خەلقئارادا تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك تىنچلىققا، قان تۆكۈلمەيدىغان، خۇددى گەندىدەك تىنچلىق يولى بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ. ئەگەر مۇستەقىللىق دېگەن بۇ تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلسا، مۇستەقىللىق قانداقتۇ سىياسى سۆھبەتلەر بىلەن، سىياسى يوللار بىلەن ئاسان قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن قان تۆكۈلۈشلەر، قوراللىق توقۇنۇشلار بولىدۇ. بۇ رېئاللىق بىلەن دالاي لامانىڭ تىچلىقپەرۋەرلىكىدە يەنىلا توقۇنۇش يۈز بېرىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا دالاي لامانىڭ مۇستەقىللىق ئەمەس، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىشى دالاي لامانىڭ ئۆزىنىڭ خىتابىنىڭ ھەقىقى روھىغا ۋارىسلىق قىلغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاينىڭ دالاي لامانىڭ ئەلچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى غەربنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش

جىاڭ زېمىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، دالاي لاماغا نىسبەتەن ئاساسەن ئىشىكنى تاقاش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتلىشىشنى رەت قىلىپ كەلدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدە كۈچلۈك بېسىمىغا ئۇچرىغان خىتاي، ئاخىرى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىش تاكتىكىسىنى قوللاندى ۋە "بىردىن ۋاز كېچىش، ئىككىنى ئېتىراپ قىلىش" نى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلدى، يەنى دالاي لامادىن تىبەتنىڭ مۇستەققىللىقىدىن ۋاز كېچىشنى ئاشكارا جاكارلاش ۋە تىبەت بىلەن تەيۋەننىڭ خىتاينىڭ بىر تەركىبى قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. دالاي لاما خىتاينىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئاساسەن ئورۇندىدى. بەئىجىڭ دائىرلىرى بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، يەنە ئۇنىڭدىن تىبەتنىڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئامما دالاي لاما دىنى ئۆلىمانىڭ تىلىنىڭ يالغان گەپكە كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ تەلەپنى رەت قىلدى. شۇڭا غەرب مەتبۇئاتلىرى تىبەت بىلەن بولغان سۆھبەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سەمىمىيىتى زادى قانچىلىك دېگەن مەسىلىنى كۆپرەك تەكىتلىمەكتە.
خىتاي تىبەت سۆھبىتىدە ئامېرىكا ئامىلى مۇھىم رول ئوينىغان
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرىشىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى مۇھىم رول ئوينىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت سىياسىتى ئەزەلدىن سىرلىق بولۇپ كەلدى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر خىتاي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقى ۋە دالاي لامانىڭ سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، ئامما يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھۆكۈمەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتلىرىدا تىبەتكە ئالاھىدە ئورۇن بېرىلمەكتە. يەنى تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ دائىرىسىدىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى پرېزىدېنتى بىلل كىلىنتون خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەندە ئاقسارادا تاساددىپىي ئۇچرىشىپ قىلىشتەك تاكتىكىلىق كۆرۈشۈش ئۇسۇلىنى قوللانغان بولسا، بۇش ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن، دالاي لامانى ئاقسارايدىكى ئۆزىنىڭ ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلىپ كەلدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
تىبەت دەۋاسى ئۇيغۇر دەۋاسىدىن مەلۇم نۇقتىدا پەرقلىنىدۇ
ئۇيغۇر ۋە تىبەت دەۋالىرى خاراكتېر جەھەتتىن ئوخشاش دەۋا، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن ھازىر بۇ دەۋانى ھەل قىلىش تەشەببۇسلىرى ۋە تەلەبلىرىدە پەرقلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇيغۇرلار، تىبەت خىتاي سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسىدىن ئانچە ئۈمىدۋار بولمىسىمۇ، ئامما ئۇلار ئۆزى بىلەن تەقدىرداش بۇ خەلقنىڭ دەۋاسىدىكى يېڭى يۈزلىنىشلەرگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.
سىياسى ئانالىزچى ئەخمەتجان ئوسمان، تىبەت خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى دەۋاسىدىكى پەرقنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ: تىبەت خەلقى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسى دەۋالىرى مەلۇم تەرەپلەردە ئوخشاش بولغىنى بىلەن يەنە مەلۇم تەرەپلەردە پەرقلىق. بۇ پەرق ئاساسەن ئىختىسادىي تەرەپلەردە كۆرۈلىدۇ. تىبەتنىڭ ئىختىسادىي بىلەن شەرقى تۈركىستاننىڭ مىللى ئىختىسادىي مەنبەسى ئوخشىمايدۇ. شەرقى تۈركىستان باي زېمىن، ئەگەر مۇستەقىل دۆلەت بولسا يەنە ئۆزىنىڭ زېمىنىدىكى بايلىقلارغا تايىنىپ، بىر مۇستەقىل مىللى ئىقتىسات تىكلەپ، ئۇيغۇر خەلقى باياشات تۇرمۇش كۆچۈرىدىغان ئەھۋالغا يېتەلەيدۇ. تىبەت بۇنىڭ ئەكسىچە. شۇڭا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىپ، بىر مۇستەقىل دۆلەتتە ياشاش ئىقتىدارى ماددى جەھەتتىن بولغان بىلەن تىبەتنىڭ بۇنداق ماددى ئىقتىدارى يوق.
سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇلار تىبەتنىڭ كەلگۈسى سىياسى ئورنى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇرەسسە قىلسىمۇ، ئامما تىبەت خەلقىنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە ئەنئەنىلىرى قاتارلىقلاردا مۇرەسسە قىلمايدىكەن. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بىلەن تىبەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە ماھىيەتلىك مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىدىن سۆز ئېچىشقا، تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىكەن. (كامىل تۇرسۇن )