خىتاي راستىلا تىنچلىق سۆيەر دۆلەتمۇ؟ (2)


2006.12.01

يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئارى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر بولۇۋاتىدۇ. بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي باشقىلارنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان دۆلەت. ماۋزېدۇڭ 'دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش' شۇئارىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىگەن ئىدى، دېڭ شاۋپىڭمۇ 'تىنچلىقتا ئۇزۇن مۇددەت بىللە تۇرۇش' شۇئارىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمىدى. ھازىر خۇ جىنتاۋمۇ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' شۇئارىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھەممىسىنىڭ شۇئارىدا ' تىنچلىق' دېگەن سۆز بار. ئەمما يەنە بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر بۇنى رەت قىلىدۇ.

خۇ جىنتاۋ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئار ئاستىدا جىددىي ھەربىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ

خۇ جىنتاۋنىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئار ئاستىدا جىددىي ھەربىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى بىر پاكىت، ‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'خىتاي راستىنلا تىنچلىق سۆيەر دۆلەتمۇ؟' دېگەن ماقالىنىڭ خۇ جىنتاۋ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئار ئاستىدا جىددىي ھەربىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن بابىدا،‏ - خۇ جىنتاۋنىڭ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' شۇئارى چىققاندىن بۇيان، خىتاي 38 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ رۇسىيىدىن سۇ‏-30mkk ۋە سۇ 30mkk2- بەلگىلىك كۆپ ئىقتىدارلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلاندىن 100 نى سېتىۋالدى. 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ 'كىلو' دەرىجىلىك 636m بەلگىلىك سۇ ئاستى پاراخوتىىدن 8 نى سېتىۋالدى. 1 مىليارد 400 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ 'بۇ زامان' دەرىجىلىك قوغلىغۇچ پاراخوتتىن 2 نى سېتىۋالدى. 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ s300pmu2 بەلگىلىك يەر يۈزىدىن ھاۋا بوشلۇقىدىكى نىشانلارغا ئاتىدىغان بىر يۈرۈش باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىۋالدى. 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىپ 052b ۋە c بەلگىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا بېكىتىدىغان بىر يۈرۈش قوغلىغۇچ پاراخوت سېتىۋالدى. 2 مىليارد 600 مىليون ئامېىركا دوللىرى سەرپ قىلىپ J-11 بەلگىلىك ئۇرۇشچى ئايرۇپىلانلارنىڭ سەپلىمىلىرىنى سېتىۋالدى. دېمەك، 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' شۇئارى چىققاندىن بۇيان، رۇسىيە، بىلورۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر يىلى 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدە ھەربىي قورال سېتىۋېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ، بۇنداق 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' نىڭ ئەڭ ياخشى ئىزاھاتى بولۇپ تۇرماقتا.

خۇ جىنتاۋ ھازىر 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئارىنى 'تىنچ تەرەققى قىلدۇرۇش' دەپ ئۆزگەرتىۋالدى

خۇ جىنتاۋ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئار ئاستىدا جىددىي ھەربىي تەييارلىق قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ‏بۇ ھەرىكەت چەتئەللەرگە تارىختىكى خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈۋانلىقىنى ئىپادىلەپ قويغان ئىدى، - دەپ بايان قىلىنىدۇ 'خىتاي راستىنلا تىنچلىقسۆيەر دۆلەتمۇ؟' دېگەن ماقالىنىڭ خۇ جىنتاۋ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئار ئاستىدا جىددىي ھەربىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ دېگەن بابىدا،‏ - شۇنىڭدىن كېيىن چەتئەللەردە خىتاينى 'سېرىق ئاپەت ' دەيدىغان ئاتاش قايتىدىن پەيدا بولدى. خىتاينى 'يېڭى تەھدىت' دەپ قاراشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خۇ جىنتاۋ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەننى 'تىنچ تەرەققى قىلدۇرۇش' دەپ ئۆزگەرتىۋالدى. مەيلى خۇ جىنتاۋ شۇئارىنى قانداق ئۆزگەرتىۋالسۇن، ئۇ خىتاي مىللەتچىلىكىنى باش كۆتۈرگۈزۈپ، خىتاي كېڭەيمىچىلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى يوشۇرالمايدۇ.

خىتاي تارىختىن بۇيان ئۆزلۈكسىز ھالدا ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كېڭەيمىچىلىك قىلىپ كېلىۋاتسىمۇ، ئەمما خىتايلاردا ھېچقانداق خاتالىق بولمىغان دەپ ئاقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ

‏خىتايدىكى دەرسلىك كتابلارغا قارايدىغان بولساق، ‏- دەپ بايان قىلىنىدۇ 'خىتاي راستىنلا تىنچلىق سۆيەر دۆلەتمۇ؟' دېگەن ماقالىنىڭ خىتاينىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا دۆلەت ياكى مىللەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىنغان بابىدا، ‏- خىتاينىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەرەققىيات تارىخىدا، پۈتۈنلەي ئۆز ئەتراپىدىكى باشقا مىللەتلەرگە قارىتا، يەنى شەرقتىكى خور، شىمالدىكى ھۇن، غەرپتىكى غۇز ۋە جەنۇبتىكى مەرجىلەر بىلەن قانداق ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى يۇرتلىرىدىن قانداق قوغلاپ -يوقىتىپ ئۆزى غەلىبە قىلغانلىقى ھېكايە قىلىنىدۇ. خىتاينىڭ بۇنداق كېڭەيمىچىلىكى چىن شىخۇاڭ دەۋرىدىلا ئەمەس، تاڭ، سۇڭ، يۇەن، مىڭ ،چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتى. خىتاي ھەر بىر زاماندا كېڭىيىپ ئىگىلىۋالغان يېڭى زېمىنلەرنى 'ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى'دەپ ئۆكتەملىك قىلىپ كەلدى. شۇنداقلا خىتاي ئۆزىنىڭ تارىختىن بۇيان ئەتراپتىكى ئەللەر ۋە مىللەتلەرگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېررورچىلىقىنى ئاقلاپ كەلدى. ئەتراپتىكى باشقا مىللەتلەرنى بولسا 'تاجاۋۇزچى' دەپ قارىلاپ كەلدى. بۇنداق خىتاي كېڭەيمىچىلىكى ھازىرغىچە داۋام قىلماقتىلا ئەمەس، بەلكى 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' شۇئارى ئاستىدا تېخىمۇ ۋەھشىيلىشىۋاتىدۇ.

خۇ جىنتاۋ ھازىر 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئار ئاستىدا تەيۋەننى خىتايغا قوشۇۋېلىش، تىبەتلەرنى ۋە ئۇيغۈرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ۋە سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ

خىتايدا كوممۇنىستىك پارتىيە ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، - دەپ بايان قىلىنىدۇ 'خىتاي راستىنلا تىنچلىقسۆيەر دۆلەتمۇ؟' دېگەن ماقالىنىڭ ئاخىرىدا، ‏- ماۋزېدۇڭ 'تىنچلىقنى قوغداش' دېگەن شۇئار ئاستىدا كورىيىگە ئەسكەر كىرگۈزۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىنچلىقنى قوغداش قىسىملىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى 'ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ، كورىيىگە ياردەم بېرىش ئۇرۇشى' دەپ پەدەزلىگەن ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن، دېڭ شاۋپىڭ 'باشقا ئەللەر بىلەن تىنچلىقتا مەڭگۇ بىللە تۇرۇش' دېگەن شۇئار ئاستىدا، ۋېيتنامغا قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، ئۇنى 'ۋېيتنامنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويۇش ئۇرۇشى' دەپ پەدەزلىدى. ئەمدى خۇ جىنتاۋ 'تىنچ باش كۆتۈرۈش' دېگەن شۇئار ئاستىدا جىددىي ھەربىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. تەيۋەننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىش ئۈچۈن، تىبەتلەرنى ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي ۋە سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. 'بىڭتۇەن' دەپ ئاتىلىدىغان قوراللىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭەيتىشنى تىزلىتىۋاتىدۇ. (تۈگىدى) (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.