ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەڭرىتاغ تور بېتىدە سەيشەنبە كۈنى بېرىلگەن خەۋەرگە قارىغاندا. ئۇيغۇر ئېلىدە 2004 - يىلدىن بۇيان جەمئىي 81مىليون 500مىڭ يۇئەنگە يېقىن يەر تۆلىمى ئېنىقلانغان.
ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئىقتىساد تەپتىش خىزمىتى يىغىنىدىمۇ مالىيە ئىقتىساد ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىنغان تۈرلۈك مەسىلىلەرگە چېتىشلىق 6مىليارد 17مىليون يۇئەن پۇل ئېنىقلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە دېھقانلار مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، نامراتلارنى يۆلەش مەبلەغلىرى خىزمىتى ئۈستىدىنمۇ تەپتىش قىلىنىپ، مۇناسىۋەتلىك دېلولارغا چېتىشلىك بىر قىسىم كادىر ھەم خادىملار تەكشۈرۈلگەن. خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ -2004يىلى ئېنىقلانغان 81مىليون 500مىڭ يۇئەنگە يېقىن يەر تۆلەم پۇلىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
بىز مەزكۇر ئۇچۇرغا ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدىن دېھقانلارغا بېرىشكە تېگىشلىك بۇ زور مىقداردىكى مەبلەغنىڭ نېمە سەۋەپتىن نىسى قالغانلىقىنى ئىگىلىشكە تىرىشتۇق. ئەپسۇس ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان كىشى بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن تېلېفون قىلىۋاتقىنىمىزنى بىلگەندىن كېيىن تېلېفوننى ئۆزدى.
بىز يەنە بىر قانچە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلاردىن ئۇچۇر ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ نەتىجىسى ئوخشاش بولدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك يەر تۆلىمىدىن خەۋېرى بارمۇ- يوق ؟ ھۆكۈمەت تارماقلىرى يەر تۆلىمىنى دېھقانلارنىڭ قولىغا يەتكۈزدىمۇ - يوق ؟ دىگەن سوئاللارغا جاۋاپ ئېلىش مەقسىدىدە بىز يەنە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىغا تېلېفون ئۇلىدۇق. قەشقەرنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ مەلۇم يېزىسىدىكى بىر ئۇيغۇر دېھقان، يەر تۆلىمىنىڭ ھازىرغا قەدەر دېھقانلارنىڭ قولىغا تەگمىگەنلىكىدىن سىرت، باج سېلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادى تۇرمۇشىنىڭ قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىلگەن خەۋەرلەردە، خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، توغرا سىياسەت قوللىنىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، دېھقانلار تۇرمۇشىنىڭ بارغانچە ياخشىلىنىپ، ھەر جەھەتتە مەنپەئەتلىنىۋاتقانلىقى تەشۋىق قىلىنىدۇ، ئەمما 81مىليون 500مىڭ يۇئەنگە يېقىن يەر تۆلىمىنىڭ ھازىرغىچە دېھقانلار قولىغا تەگمەسلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمىنىڭ قانچىلىك ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بىر مەسىلە.
خوتەننىڭ مەلۇم يېزىسىدىن بىر ئۇيغۇر دېھقانلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، گەرچە دېھقانلار زىممىسىدىكى باج - سېلىقلار بۇ يىل خېلى يىنىكلىتىلگەن بولسىمۇ، ھاشار ئەمگىكىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. (گۈلچېھرە)