خىتاي نېمە ئۈچۈن رايوننىڭ تۆمۈر يول ۋە تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ ؟


2007.02.27

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشيول ۋە تۆمۈر يولىنى ئۇزارتىش ۋە كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى، غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ ئاتىماقتا شۇنداقلا تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى ئىلى، خوتەن ۋە قىرغىزىستاننىڭ ئوش رايونىغىچە تۇتاشتۇرۇشنى پىلانلىماقتا.

ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى بولسا بۇ مەسىلىگە باشقىچە كۆز قاراشتا بولۇپ، ئۇ بۈگۈنكى ئوبزورىدا خىتاي نېمە ئۈچۈن رايوننىڭ تۆمۈر يول ۋە تاشيول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىدۇ ؟ دەپ سورىدى. ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بۇ قۇرۇلۇشنى ئىقتىسادى تەرەققىيات نامى ئاستىدا ئېلىپ بارسىمۇ، لېكىن ئەمىلىيەتتە بۇ رايوندا يۈز بېرىدىغان تاسادىپىي ۋەقەلەرگە قارشى ھەربىي تەييارلىقنىڭ بىر قىسىمىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.