چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى

ۋاشىنگتوندىكى "ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزى" ئالدىنقى كۈنى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئورنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا- ئىقتىسادى، ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

يىغىندا ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت ئىشخانىسىنىڭ قارمىقىدىكى دۆلەتلىك ستىراتىگىيە ۋە رايون خاراكتىرلىك مەسىلىلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ ئالى دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى پەرھاد تالىپوف، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى ئورنى، شۇنداقلا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا كېلەچەكتىكى مەنپەئەت توقۇنۇشى ھەققىدە سۆز قىلدى.

پەرھاد تالىپوفنىڭ كۆرسىتىشىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىكى 6 دۆلەتنىڭ ئەمىلىيەتتىكى مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭ ئەمەس، رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ مەزكۇر تەشكىلاتتىكى ئەمىلى كۈچى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قالغان 4 دۆلەتنىڭ كۈچىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن. شۇڭا، - دەيدۇ پەرھاد تالىپوف، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قازاقىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەر سىياسىتىنى، رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە باغلاپ قويماسلىقى كېرەك، ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى مەركەز قىلغان ئىقتىسادى ۋە سىياسى تەرەققىيات يولىغا مېڭىشى لازىم.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كېلەچىگىدىكى تۆت خىل ئېھتىماللىق

تالىپوفنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت تۈركىي جۇمھۇرىيەتنىڭ كېلەچىگى كۆپ ھاللاردا ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ بۇ رايوندا قانداق رول ئوينايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. تالىپىئوف، كېلەچەكتىكى ئوتتۇرا ئاسىيادا تۆۋەندىكى تۆت خىل ئىھتىماللىقنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بىرىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيا رۇسىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭ رايونىغا ئايلىنىدۇ. ئىككىنچىسى، ئامىرىكىنىڭ تەسىرىدىكى رايون بولۇپ قالىدۇ. ئۈچۈنچىسى، خىتاينىڭ پارىس قولتۇقى ۋە ياۋروپاغا چىقىشىدا كۆۋرۈكلىك رول ئوينايدۇ. تۆتىنچىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىشى مۈمكىن.

مۇستەقىل كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىش رايوندىكى دۆلەتلەر مەپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن پەرھاد تالىپوف، بۇنىڭ ئۈچۈن رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىدىكى كىچىك تالاش - تارتىشلارنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ، قايتىدىن بىرلىشىشىكە، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش كوللىكتىپ كىملىك ئاستىدا كۈچ ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. پەرھاد تالىپوفنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇنداق قىلغاندىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا رۇسىيە بىلەن خىتايغا تاقابىل تۇرالايدىغان كۈچكە ئايلىنىشى مۈمكىن.

ھەمكارلىق يولىدىكى تۇنجى قەدەم ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدە قۇرۇش

تالىپىئوف، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ يولدىكى ھەمكارلىقى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: "ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۆت دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق سودا بازىرى قۇرۇش كېلىشىمى بار. بۇ دىگەنلىك ئورتاق ئىقتىسادى ھەمكارلىق بوشلىقى بار دىگەنلىكتۇر. بۇ يۇقىرىقى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى چىگىرىنى ئېچىۋېتىشې ۋە ئۆز- ئارا بېرىپ-كېلىشتە ۋىزا ئېلىنمايدىغانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئورتاق ئىقتىسادى گەۋدە قۇرۇش. ھازىرقى مەسىلە تېخنىكا ۋە قۇرۇلما مەسىلىسىنى قانداق قىلىش مەسىلىسىدۇر."

بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىساد، بىر- بىرىنى تولۇقلاش خاراكتىردىكى ئىقتىساد ئەمەس، بەلكى رىقابەت خاراكتىردىكى ئىقتىساد، دەپ قارايدۇ. بىراق پەرھاد تالىپوف، بۇ مەسىلە ھەققىدە رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدە قۇرۇش جەريانىدىكى ئەمىلىيىتىگە قاراپ خۇلاسە چىقىرىش مۈمكىن، دەپ كۆرسەتتى. پەرھاد تالىپوف مۇنداق دەيدۇ: " ئىقتىسادى ھەمكارلىق جەريانىدىكى ئىستراتىگيىلىك مەسىلە ، يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ ئاساسى ئەسلىھەلەر، تاشيول، تۆمۈر يول، شۇنداقلا نېفىت تۇرۇبىلىرىنى قۇرۇش قاتارلىقلار، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئاسىيانى تاشقىي دۇنيا بىلەن، تاشقىي بازار بىلەن قانداق بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسىدۇر."

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئافغانلارنىڭ ئەھمىيىتى زور

تالىپوف، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئافغانىستان بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ رايوندىكى ھەمكارلىق گۇرۇھىغا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئافغانىستان ئارقىلىق ئەرەب دېڭىزى ۋە پارىس قولتۇقىغا چىقىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر دېڭىز بىلەن چىگرىلانمايدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەھۋال بۇ دۆلەتلەرنىڭ تاشقىي دۇنيا بىلەن بولغان سودا - ئىقتىسادى مۇناسىۋىتىگە زور قىيىنچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. شۇنداقلا بۇ يۇقىرىقى دۆلەتلەرنىڭ رۇسىيە، خىتاي قاتارلىق ئەتراپىدىكى چوڭ دۆلەتلەرگە باغلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: " ئافغانىستان پرېزىدېنتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر قانچە دۆلەتنى زىيارەت قىلدى. مەن بۇ دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى نېفىت، تەبئىي گاز، ئالتۇن، پاختا، ۋە رەڭلىك مىتاللارغا باي. بىزنىڭ بۇ بايلىقلارنى دۇنيا بازىرىغا ئېلىپ چىقىشقا ئىھتىياجىمىز بار." (ئەركىن)