گۇاڭدۇڭدىكى توقۇنۇشتىن خىتايدىكى خەلق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە بىر نەزەر


2004.12.27

خوڭكوڭدىكى بېيجىڭپەرەس "ۋىنخۈي گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گۇاڭدۇڭ دۇڭگۈن ناھىيىسى دالىياڭ كەنتىدە 25 - چىسلا كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

ۋەقە، بىر نەپەر خۇنەنلىك كۆچمەن ئىشچىنىڭ قاتناش ۋەقەسىدىكى تۆلەم سەۋەبىدىن كەنت ساقچىخانا دائىرىلىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قېلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىشىدىن كېلىپ چىققان. ئۆلتۈرۈلگەن ئىشچىنىڭ ئائىلە -تاۋاباتلىرى ۋە يۇرتداشلىرى بولۇپ يەتمىش- سەكسەن كىشى ساقچىخانا دائىرىلىرى بىلەن داۋالىشىش جەريانىدا توقۇنۇشۇپ قالغان. يەرلىك ھۆكۈمەت نەچچە يۈز ساقچىنى نەق مەيدانغا ئەۋەتكەندە، مەزكۇر كەنتتىكى 50 مىڭدىن ئارتۇق كۆچمەن ئىشچىلار يىغىلىپ، ساقچىلارغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. ئۇلار، ساقچىلارغا تاش- كېسەك ئېتىپ، تۆتتەك ساقچى ماشىنىسىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن.

بىراق ، بەزى خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرى بولسا، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە باشقىچە چۈشەندۈرۈش بەرمەكتە. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە 15 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ۋېلىسىپىت ئوغرىلىغانلىقتىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلۈشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن.

خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئەۋج ئالماقتا

ۋەقەنىڭ نېمە سەۋەبتىن يۈز بەرگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ۋەقە سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان توقۇنۇشتا بىر نەچچە ئادەم ئۆلگەن. ئاز دېگەندە يۈزدەك ئادەم يارىلانغان. بەزى ئېنىقلانمىغان مەلۇماتلاردا ھەتتا، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خەلققە ئوق چىقارغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

بۇ قېتىمقى ۋەقە، خىتايدا ئەڭ يېڭى يۈز بەرگەن خەلق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى. بۇنىڭ ئالدىدا خۇنەن ۋە گۇاڭشى ئۆلكىلىرىدىمۇ خەلق بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا كەڭ كۆلەملىك توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماقتا.

نيو- يوركتىكى كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى توماس بىرىنسىتىن ئەپەندى بۇ خىل زوراۋانلىق ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى، خىتاينىڭ نامرات يېزىلىرىدا پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتلىرىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

"يېقىندا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەلەردىن، نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان خەلق توپىنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئۇلارنى باستۇرۇشتا ئىشلىتىۋاتقان زوراۋانلىق ۋاستىلىرىنىڭمۇ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئېنىق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. مەن شۇنى جەزىملەشتۈرىمەنكى، ۋەزىيەتنىڭ بۇنداق داۋام قىلىشى چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق ئەندىشىسىنى قوزغايدۇ".

خىتاي تەڭسىزلىك ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى دۇنيا بانكىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيىتىدىكى خىتاي نۆۋەتتە دۇنيادىكى تەڭسىزلىك ئەڭ ئېغىر بولغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى ئىكەن.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي گەرچە تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، بىر قىسىم شەھەر ئاھالىسى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەنگەن بولسىمۇ، بىراق دېھقانلار بۇ تەرەققىياتنىڭ سىرتىدا قالدۇرۇلغان. باي- كەمبەغەللىك پەرقىنىڭ بارغانسىرى چوڭىيىشى ، خەلق نارازىلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە يول ئاچقان. شۇڭا ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلەر ۋە نامايىشلار خىتاينىڭ يېزىلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يۈز بەرگەن.

خىتاينىڭ "لياۋۋاڭ" ژورنىلىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا جەمئىي 60 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ھەر خىل نارازىلىق ھەرىكەتلەر يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان.

نارازىلىقلار يەرلىك ھۆكۈمەتكە قارىتىلغانمۇ، مەركەزگىمۇ؟

پروفېسسور توماس بىرىنسىتىننىڭ قارىشىچە، نۇرغۇن خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى چىرىك، پارىخور ۋە يولسىز يەرلىك ھۆكۈمەتلەرگە قارىتىلغان ئىكەن. ئۇ مۇنداق دەپ بىلدۈردى:

"بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلەر خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان ئەمەس. ئۇلارنىڭ قارشى تۇرىۋاتقىنى ھوقوقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، يۇقىرىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ يۈرگۈزىۋاتقان يەرلىك ئەمەلدارلار".

بىراق، خىتاي ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىۋاتقان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ باش سېكرىتارى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى يۇقىرىقى قاراشقا قوشۇلمايدىغانلىقىنىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتايدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ھەققىدە مۇنداق دەپ توختالدى:

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ قارىشىنى نەقىل كەلتۈرىشىچىمۇ، خىتايدىكى خەلقنىڭ نارازىلىق ھەرىكەتلىرى بېيجىڭنىڭ سىياسىتى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق ئىكەن. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى گەرچە نامرات دېھقانلارغا ياردەم بېرىدىغان بىر يۈرۈش سىياسەتلەرنى چىقارغان بولسىمۇ، ئەمما يەرلىكنىڭ ئۇنى يۈرگۈزۈشى ئۈچۈن مەبلەغ ئاجراتمايدىكەن. شۇڭا، يەرلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئىجرا قىلىشقا ئامالسىز قالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.