خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى تەسىرى ۋە ئامېرىكا بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئۆتكەن 20 يىل ئىچىدە ئىقتىسادىي جەھەتتە ناھايىتى زور نەتىجە قازانغان. - دەپ بايان قىلىدۇ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىشلىرى ياردەمچىسى ئېرك جۇھن ئەپەندى، - بۇلتۇر بىر يىل ئىچىدىلا، خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودا مىقدارى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 30٪ ئۆسكەن. خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە يۇقىرى ئۆرلىگەنسىرى، ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ئېرىشمەكتە. مىنىڭ كۆزىتىشىمچە، - دەيدۇ جوھن ئەپەندى، - شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ھازىر خىتاينىڭ مەنپەئەتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتى توقۇنۇشماقتا. ناھايىتى ئېنىقكى، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا قىلىۋاتقىنى دېموكراتىيىگە، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ئەمەس ياكى خەلقنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللاش ئەمەس، بەلكى تامامەن ئۇنىڭ ئەكسىچە بولماقتا.

خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەت كومىتېتى شەرقىي ئاسىيا گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جىم لىچ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىياغا قارىتا ئىقتىسادىي جەھەتتىن پىكىر قىلىدۇ، ئەمما خىتاي بولسا، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرگە قارىتا سىياسىي جەھەتتىن تەسىرىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى روھراباچىرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتى بېرمىنىڭ ھەربىي دائىرىلىرىنى ئاللىقاچان قوراللاندۇرۇپ بولدى، ئەمدى لائۇس، كامبودژالارنى قورال بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ. بېرما، لائۇس، كامبودژالار خىتايغا قەرزگە بوغۇلغاندىن كېيىن، ئەمدى بۇلار ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى بىلەن ھېسابلاشماي ھەدەپ خىتايغا قەرز تۆلەشكە باشلىدى. ئۇلار خىتايغا نىسبەتەن مەجبۇرىيەت ئاستىدا قالغاچقا، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى بۇيىل يىل ئاخىرىدا ئېچىلىدىغان يىغىنىغا خىتاينى تەكلىپ قىلدى، ئەمما ئامېرىكىنى تەكلىپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىدى. بۇ بىر ئېنىق سېلىشتۇرما. بىز خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىرىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.

خىتاينىڭ ھازىر شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ ياخشى ئەمەس. ياپونىيە شەرقىي دېڭىزدا، يېقىندا خىتاي تەرەپنىڭ ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تەۋەلىكى تالاش - تارتىشتا تۇرىۋاتقان رايوندا تەبىئىي گاز قېزىشنى باشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي بولسا، ئۆزى نېفىت گازى قېزىۋاتقان جايغا ھەربىي پاراخوتلارنى ئورۇنلاشتۇرغان. شۇ سەۋەبتىن ھازىر خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتى جىددىي ھالەتتە تۇرماقتا.

توقۇنۇشلار

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتى بابويا ئاراللىرىدا خىتاينىڭ "فۇيۇەن 132" بەلگىلىك بېلىقچى پاراخوتىنى قوغلاپ توپقا تۇتقان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پاراخوتلىرى ۋەزىپە بېجىرىۋاتقاندا، خىتاي بىلىقچلىرىنىڭ قانۇنسىز تور ئىشلەتكەنلىكىنى بايقىغان. خىتاينىڭ 4 پاراخوتىغا سىگنال بەرسە توختىمىغان. ئاخىرى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ پاراخوتقا قارىتىپ ئوق چىقارغاندا، قالغان 3 پاراخوت قېچىپ كەتكەن. خىتاي تەرەپ بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان ماقالىلەردە بايان قىلىنىشىچە، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى مالاككا ئاراللىرىدا، ئامېرىكا مالايشيا بىلەن دېڭىز بىخەتەرلىكى بويىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كەلمەكتە. ئامېرىكا گەرچە ھىندونېزىيىگە قارىتا 1999 - يىلى شەرقىي تېموردا ئۆلتۈرگەن 1500 ئادەم مەسىلىسى سەۋەبىدىن ھەربىي ئىمبارگو يۈرگۈزگەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن ھەتتا تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش جەھەتتە ھەمكارلىق تۈزۈشكىمۇ قوشۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمدى يېقىندا ئامېرىكا ھىندونېزىيە بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە باشلىغان.

خىتاينىڭ دىلى بىلەن دىلى بىر ئەمەس

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى زولىك ئەپەندى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا " ھازىر شەر قىي جەنۇبىي ئاسىيا دائىرىسىدە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۆپ جەھەتتە تالاش - تارتىش پەيدا بولماقتا" دەپ كۆرسەتكەن. - ھازىر خىتاينى "ئاغزىدىن ئوت يېنىپ تۇرىدىغان ئەجدىھار" دەپ ئاتايدىغان ئامېرىكىلىقلار بارغانسىرى كۆپىيىپ قالدى، - دەيدۇ خىتاي بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر بويىچە ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقان، دۇنياسودا تەشكىلاتىغا ۋاكالىتەن خىتاي بىلەن سۆھبەتلەشكەن زولىك ئەپەندى، - چۈنكى خىتاي ئاغزىدا ئامېرىكا بىلەن كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىقتا قوللىنىلىدىغان قوراللارنى چەكلەش جەھەتتە ھەمكارلىشىمىز دېسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى قەتئىي قوللاۋاتىدۇ. خىتاي ئەمدى چوقۇم بىر مەسئۇلىيەتلىك دۆلەتكە ئايلىنىشى كېرەك. ئۇنداق قىلمىسا، ئەمدى ئۆزىنى ئامېرىكا بازىرىغا توسالغۇسىز كىرىۋىرىمەن دەپ ئويلىمىسۇن. خىتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش - قازىنالماسلىقى ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقىغا باغلىق. ئالدى بىلەن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. بىر پارتىيە ھۆكۈمرانلىق قىلىش تۈزۈمىنى ۋاقىت چەكلىمىسى يوق ھالدا داۋاملاشتۇرۇپ كىتىۋېرىشكە بولمايدۇ. (ۋەلى)