تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتاي زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىنى زىيارەت

0:00 / 0:00

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 1-فېبرالدىن 5-فېبرالغىچە خىتايدا زىيارەتتە بولىدىكەن.

تۈركىيىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر ئابدۇللا گۈلنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى، چۈنكى بۇ زىيارەتنىڭ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىرىكلىشىشكە قاراپ كېتىۋاتقىنىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ياۋرو – ئاسىيا ئىستراتېگىيە مەركىزى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئاساسلىق ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى چىقىش نۇقتىسى قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.