ياۋروپا كېڭىشى بۇ يىل 12 - ئايدا تۈركىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىگىكە ئەزا بولۇش مەسىلىسى ئۈستىدىكى سۆھبەتنى ئېلىپ بېرىش ياكى بارماسلىق توغرىسىدا قارار چىقارماقچى. ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار تەتقىقات گۇرۇپپىسى بولغان ئاتلانتىك كېڭىشى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا كۆرستىدىغان تەسىرلىرى ئۈستىدەتەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسىسلەردىن تەشكىل تاپقان بىر ۋەكىللەر ئۆمىكىنى بۇ يىل -3 ئايدا ياۋروپاغا ئەۋەتتى.
شۇنداقلا بۇ ئۆمەك رەھبەرلىرى ياۋروپادىكى ھەرقايسى ھۆكۈمەت ۋە قانۇن تۇرغۇزغۇچى شەخسلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن چارشەنبە كۈنى ئاتلانتىك كېڭىشى يىغىن زالىدا دوكلات بەردى. ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدىكى سابىق باش ئەلچىسى رىچارد بېرت ( Richard Burt) دوكلاتىدا، " مەدەنىي، دىنىي ۋە مىللىي مەسىلىلەر" نىڭ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تۈركىيىنى ئەزا قىلىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى نامايەن قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
" بىزنىڭ ئۇ يەردىكى سىياسىي يىغىلىشلاردا ئەڭ كۆپ ئاڭلىغىنىمىز، 'تۈركىيە ياۋروپا بىرلىگى بىلەن ئالاقە باغلىسا بولىدۇ، ئەمما ئۇ ياۋروپا بىرلىكىگە تەۋە ئەمەس' دېگەن كۆز قاراش بولدى".
رىچارد بېرت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، گەرچە تۈركىيە بىر مۇسۇلمان دۆلىتى بولسىمۇ، لېكىن قانۇن بىلەن دىن ئايرىلغان، ياخشى دېمۇكراتىيە فونكىتسىيىسى بولغان ھەمدە كۈچلۈك بازار ئىقتىسادىغا ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، نۆۋەتتە ' تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكىگە كىرسە، نۇرغۇن مەسىلىلەردە ياۋروپا بىرلىگى تەرەپتە تۇرۇپ ئامېرىكىغا قارشى قاراشتا بولىشى مۇمكىن' دەيدىغان كۆز قاراشلارنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۆزىنىڭ بۇنداق بولىدۇ دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، تۈركىيە ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇپ كىرسىمۇ، يەنىلا ئامېرىكا بىلەن بولغان يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدىن داۋاملىق ھوزۇرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۈر ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ يەنە بىر نەپەر ئەزاسى مورتون ئابراموۋىچ (Morton Abramowitz) ئاتلانتىك كېڭىشىدا بەرگەن دوكلاتىدا، تۈركىيىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەسىدە ھازىرغىچە كۆپ ئۆزگىرىشلەرنى ياسىغانلىقىنى ھەمدە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تەكىتلىدى:
" ئەگەر تۈركىيىنىڭ ئەزا بولۇش مەسىلىسىدىكى سۆھبەت كېلەر يىلى باشلانسا، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ئۆلچەم ۋە بەلگىلىمىلىرىنى تەڭشەش، تۈركىيەدە مۇھىم بىر سىياسىي مەسىلە بولىدۇ. ھەمدە بۇ بىر مەيدان سىياسىي دولقۇن پەيدا قىلىشى مۇمكىن".
مورتون ئەپەندى دوكلاتىدا، گەرچە ياۋروپا بىرلىكىگە كىرىش تەس بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيىنىڭ ھەربىي ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەرتلەرنى ھازىرلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، ئەگەر تۈركىيە ئەزالىققا قوبۇل قىلىنسا، چەتئەل مەبلىغى تۈركىيەگە كۆپلەپ كىرىپ، بۇ يەردە " ئىقتىسادىي گۈللىنىش" پەيدا قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رىچارد بېرت ئەپەندى دوكلاتىدا، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە توختىلىپ، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، ياۋروپا بىلەن بولغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە، تۈركىيە باش مىنىستېرى ئىسلام پارتىيىسىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈلمىسىنى ھۆرمەت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
" مېنىڭچە نۆۋەتتىكى مەسىلە، ياۋروپا سىياسونلىرى ياۋروپا بىرلىگىنى بىر خىرىستىئان كلۇبىغا ئايلاندۇرامدۇ ياكى ھەرخىل ھوقۇق، دىن ۋە گۇرۇپپىلارنى ھۆرمەت قىلىدىغان بىر سىياسىي مەيدان بولامدۇ دېگەن مەسىلە".
رىچارد ئەپەندى سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە ياۋرپا يۆنۈلۈشىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە بىر قارار چىقىرىش يولىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. (پەرىدە )