ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۈرمە ۋەزىيىتى ھەقىقەتەن ياخشىلاندىمۇ؟

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا خىتاي تۈرمە قانۇنى ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خەلق مەيدانىدا چوڭ تىپتىكى رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە تۈرمە سىياسىتى ھەم قانۇن-تۈزۈملەردىن نەق مەيداندا مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلغان.

مەزكۇر خەۋەردە، 10 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۈرمە سىستېمىسىدىكىلەر "تۈرمە قانۇنى" نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، "جازالاش بىلەن ئۆزگەرتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆزگەرتىشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىش" تەك خىزمەت يۆلۈنۈشىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تۈرمە خىزمىتىنىڭ قانۇنلىشىش، ئىلمىيلىشىش، ئىجتىمائىيلىشىش قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرمىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلدى, دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۈرمە ۋەزىيىتىدە ھەقىقەتەن شۇنداق ياخشىلىنىشلار كۆرۈلدىمۇ؟ بۇنىڭ تەپسىلاتىنى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ساقچى بولۇپ ئىشلىگەن ھازىر گوللاندىيىدە ياشاۋاتقان بەختىيار ئەپەندى، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە سىياسىي سەۋەبتىن 10 يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققان، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان شەۋكەت ئەپەندى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن شىرئەلىنىڭ بۇ ھەقتە ئېيتقانلىرىدىن ئاڭلاپ باقايلى.