دۇنياغا تونۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۈچ يېڭى كىتاب (1)

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارغا دائىر ئۈچ پارچە يېڭى كىتاب كەڭ تارقىلىپ چوڭ تەسىر پەيدا قىلماقتا. بۇ يېڭى كىتابلارنىڭ بىرى "شىنجاڭ دېگەن خىتايدا مۇسۇلمانلار تۇرىۋاتقان چېگرا رايون" ناملىق كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى فرىدېرىك ستار. 528 بەتلىك بۇ كىتاب شارپ نەشرىياتى تەرىپىدىن 2004 - يىلى 4 - ئايدا نيۇ-يوركتا ئېنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان. ئىككىنجىسى "شىنجاڭ دېگەن خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ يىراق جاي " ناملىق كىتاب بولۇپ، ئۇنىڭ ئاپتورى مايكول دىللون. 240 بەتلىك بۇ كىتاب لوندا روتلىچ كۇرزۇن نەشرىياتى تەرىپىدىن 2003 - يىلى 12 – ئايدا ئېنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان. ئۈچىنچىسى "شىنجاڭ دېگەن خىتاي تەرىپىدىن غەربتە بويسۇندۇرۇلغان كەڭ زېمىن" ناملىق كىتاب بولۇپ، ئاپتورى كىرىستيىن تەيلېر. 320 بەتلىك بۇ كىتاب لوندوندا جوھن مۇررەي نەشرىياتى تەرىپىدىن 2003 - يىلى 8 - ئايدا ئېنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابلار ھازىر "كۆزۈتۈش ژئورنىلى" تەرىپىدىن خىتايلار ئارىسىدا كەڭ تۇنۇشتۇرۇلۇشقا باشلىدى.

دۇنيا ئۇنتۇشقا باشلىغان ئەل

خىتايچە "شىنجاڭ" دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەل 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا غەرب ئەللىرىنى، بولۇپمۇ ئېكسپېدىتسىيىچىلەرنى ناھايىتى بەك قىزىقتۇرغان ئىدى. شۇ قىزىقىش دولقۇنىدا ئەنگلىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى ئاۋرۇل ستەين يازغان "غەربىي ئەلدە ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش" ۋە "ئاسىيانىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش" دېگەن كىتابلار دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

ئەمما خىتايدا 1949 - يىلى كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيەت تىكلىگەندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئەلدە ئۆز مەنپەئىتىنىلا كۆزلەيدىغان سىياسەت قوللانغانلىقتىن، شۇنداقلا يەنە بۇ ئەلدە ئەزەلدىن تارتىپ ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىچىدە غەرب ئەللىرىگە ئېنگلىز تىلى بىلەن ئۆزلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان زىيالىيلار بولمىغانلىقتىن، شۇڭلاشقا بۇ ئەل غەرب ئەللىرىنىڭ ئەس - خاتىرىسىدىن ئۇنتۇلۇپ يوقاپ كېتىشكە باشلىغان ئىدى.

بۇ ئەلنىڭ مۇھىملىقى يەنە قايتىدىن گەۋدىلەندى

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈنلا تۈزگەن سىياسەتلەرنىڭ تەسىرىدە، بۇ ئەل دۇنيادا ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەل يەنە تۈۋەندىكى بىر قانچە ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن قايتىدىن دۇنياغا تونۇلۇشقا باشلىدى.

مەسىلەن، بىرىنچىدىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىشىكنى ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى قوللانغاندىن كېيىن، غەربكە ئۇنتۇلدۇرۇلغان بۇ ئەل غەرب ئەللىرىنىڭ كۆزىگە قايتىدىن كۆرۈنۈپ قالدى.

ئىككىنچىدىن، سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولغاندىن كېيىن، بۇ ئەلدىكى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئەتراپىدىكى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان باشقا قېرىنداش ئەللەر بىلەن ئالاقە قىلىدىغان يوللىرى كۆپەيدى.

ئۈچۈنچىدىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ خىتايچە شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەلدە ناھايىتى مول نېفىت زاپىسى بايقالغانلىقتىن، خىتاي بۇنىڭغا تېخىمۇ بەك ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدىلا ئەمەس، بۇ مول بايلىققا غەربنىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىمۇ كۆز تىكتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بۇ ئەلنىڭ مۇھىملىقى پۈتۈن يەر شارىدا يۈز بېرىۋاتقان سىياسى جۇغراپىيىلىك ئۆزگىرىشكە زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ قالدى.

تۆتىنچىدىن، 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيا ئامېرىكا ئەھمىيەت بېرىدىغان رايونغا ئايلانغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي بازا قۇرۇشىغا ئەگىشىپ، خىتايچە شىنجاڭ دەپ ئاتالغان بۇ ئەل ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت، دىنى جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتاي، رۇسىيە ۋە ئامېرىكىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت تالىشىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. بىز بۇ پروگراممىمىزدا تونۇشتۇرىۋاتقان ئۈچ يېڭى كىتاب دەل مۇشۇ جەرياننى دۇنياغا يورۇتۇپ بېرىشكە تىرىشقان.

غەرب زىيالىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەپەككۇرى

بىز بۇ پروگراممىمىزدا تونۇشتۇرىۋاتقان ئۈچ يېڭى كىتابنىڭ بايان نوقتىسى ۋە قارىتىلمىسى بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ. كىرىستىين تەيلېرنىڭ "شىنجاڭ دېگەن غەربتە خىتاي تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان كەڭ زېمىن" ناملىق كىتابى تارىخنى بايان قىلىدىغان پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىدىكى كىتاب. ئۇنىڭدا خىتايچە شىنجاڭ دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئەلدە قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان تارىخىي جەريان نۇرغۇن قىزىقارلىق ھېكايىلار ئارقىلىق ئىخچام بايان قىلىنغان.

فرىدېرىك ستارنىڭ "شىنجاڭ دېگەن خىتايدا مۇسۇلمانلار تۇرىۋاتقان چېگرا رايون " ناملىق كىتابى بىلەن مايكول دىللوننىڭ "شىنجاڭ دېگەن خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى ئەڭ يىراق جاي " ناملىق كىتاب ئىلمىي مۇھاكىمە خاراكتېرلىق كىتابلار. بۇنىڭدا ئاپتورلار ھازىر "شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى" دەپ ئاتىلىۋاتقام مەسىلىنى ھەل قىلىش توغرىسىدا تەسەۋۋۇر ۋە تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر بىز بۇ ئۈچ يېڭى كىتابتىكى بايانلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق، بۇنىڭدىن غەرب زىيالىلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى تەپەككۇرىنى چۈشىنەلەيمىز. (داۋامى بار) (ۋەلى)