"ئاز سانلىق مىللەتلەر نېمە ئۈچۈن خەنزۇلارغا قارشى تۇرىدۇ،" دېگەن ماقالىغا باھا
2006.10.10
رادىئومىز ئوبزورچىسى سىدىق ھاجى روزى خىتاي ئاپتورى چېڭ يۈەننىڭ "ئۇلۇغ ئېرا" تور بېتىدە ئېلان قىلغان "ئاز سانلىق مىللەتلەر نېمە ئۈچۈن خەنزۇلارغا قارشى تۇرىدۇ،" دېگەن تېمىدىكى ماقالىسىغا ئوبزور ئېلان قىلىپ، چېڭ يۈەننى "خىتاي مىللىتى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنپەئەت بىرلىكىنى يوشۇرماقچى بولغان،" دەپ ئەيىبلىدى.
چېڭ يۈەن ماقالىسىدا "كوممۇنىستىك پارتىيە ئۇيغۇرلارغا ئېتىبار بەرگەن تۇرۇقلۇق ئۇيغۇرلار يەنە نىمە ئۈچۈن مۇستەقىللىق داۋا قىلىدۇ،" دەپ يازغان. سىدىق ھاجى روزى، " كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ جۇڭگودا خىتاي مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى كىم ئىنكار قىلالايدۇ،" دەيدۇ.
©
2006 Radio Free Asia