11 - سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاتالمىش بۆلگۈنچىلەرگە قارشى تۇرۇش كۆرىشىنى، خەلقئارا تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ بىر بۆلىكى دەپ قارىماقتا. لېكىن، قەشقەردە زىيارەت قىلىۋاتقان "بۈگۈنكى ئامېرىكا" گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئۆزىنىڭ يېقىندا قەشقەردىن بەرگەن مەلۇماتىدا " گەرچە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قەشقەرنىخىتاينىڭ تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ ئالدىنقى سېپىئ دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بۇيەردە ئادەمنى جىددىلەشتۈرغۇدەك ھېچ بىر توقۇنۇش ئالامىتى كۆرۈنمىدى" دەپ بىلدۈردى.
تىنچلىق نىقاۋىدىكى نارازىلىق
لېكىن، كۆپلىگەن مەتبۇئات ۋە كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتىلىرى "خىتاي 11 - سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، تېررورچىلىقنى باھانە قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە. شۇڭا، بۇ زىمىن قارىماققا تىنىچ تۇرغاندەك قىلغىنى بىلەن، ئەمەلىيەتتە چەكسىز نارازىلىققا توشقان" دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا كانساس ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئۇيغۇر تىلى دەرىسى بېرىۋاتقان تىلشۇناس دۇخانىم ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان سىياسى بېسىم ھەققىدە توختۇلۇپ، "مەنچە ئۇيغۇر رايونى خۇددى يۇقىرى بېسىملىق داش قازانغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭدىكى بېسىم پەقەت بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بولغان چەكلىمىلىرىلا بولۇپ قالماي، بەلكى خەلقئارانىڭ بىر بۆلۈم ئۇيغۇرلارنى تېرورچى گۇرۇپپىغا باغلىغانلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك"دەپ بىلدۈردى. ئۇ يەنە :"مېنىڭ كۆز قارىشىمچە ئۇيغۇر رايونى ھازىر تىبەتنىڭ ئورنىنى بېسىپ، خىتاينىڭ ئاساسى خەلقئارا مەسىلىسىگە ۋە شۇنداقلا مەملىكەت ئىچىدىكى مۇقىملىق مەسىلىسىگە ئايلانماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان سىياسىتى بارغانسېرى قارشلىققا ئۇچرىماقتا. چۈنكى، مەزكۇر رايوندىكى سىياسى بېسىم ھەددىدىن تاشقىرى كۈچىيىپ كەتكەن" دەپ كۆرسەتتى.
ئۇيغۇر رايونى ئىككىنچى چېچىنىيىگە ئايلىنىشى مۇمكىن
دۇنيا ئۇيغۇر قورۇلتېيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتىكىن ئەپەندى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تىنىچلىق يول بىلەن مۇستەققىل بولىشىنى تە شەببۇس قىلىپ كەلمەكتە. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇپ ۋە كەمسىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۇنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، مۇنداق دىدى:
نيو-يوركتا نەشر قىلىنىدىغان "بېيجىن باھارى" ژورنىلىنىڭ باش تەھرىرى خىتاي دىموكراتىيىچىسى شۆ ۋېي ئەفەندى "ئۇيغۇر خەلقى ئەزەلدىن تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان مىللەت، ئۇلار خىتاي خەلقىگە ئەمەس، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئۇلار ھىچقاچان تېرورلىق ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللانمىغان" دەپ تەكىتلەپ، مۇنداق دىدى:
"بىز خىتايلاردا: " توشقان ئاچچىغى كەلسىمۇ ئادەممنى چىشلەيدۇ" دىگەن بىر گەپ بار. كومۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۆزلىرىچە ئۇيغۇر رايونىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلدۇق دەپ ئويلاپ، تېرورچىلىق چوڭ قالپىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنى بېسىپ، ئۇلارنىڭ ئەركىن نەپەس ئېلىشىغىمۇ يول قويماي كەلمەكتە، ئەگەرخىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزىۋاتقان بۇ خىل زوراۋانلىق تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمەي، ئۇيغۇر خەلقنىڭ كىشىلىك ھوقوقىنى يەنىلا خالىغانچە دەپسەندە قىلىۋېرىدىكەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. "
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان سىياسىتىنى يۇمشىتىشى كېرەك
شۆۋېي ئەپەندى مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە يەنە " ئۇيغۇر مەسىلىسى ھازىر خەلقئارا مەسىلىگە ئايلاندى، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى دۇنيا خەلقىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ھازىرقى بىردىن- بىر يول ئۇيغۇرلانى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى دەرھال توختۇتۇپ، مەزكۈر رايونغا قاراتقان سىياسىتىنى يۇمشىتىشى كېرەك، بۇنىڭدىن باشقا يەنە،
كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى يېتەكچىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، مەسىلىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش يولىنى تېپىشى كېرەك"دەپ كۆرسەتتى. (مىھرىبان)