ۋېن جيباۋ "ئاز سانلىق مىللەتلەرنى" ئىتتىپاقلىققا چاقىرماقتا


2008.04.03

روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ، تىبەتتە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان ۋە خىتاينىڭ ئىناق جەمئىيەت تەشۋىقاتىنى بىت - چىت قىلىپ تاشلىغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىققا چاقىرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان.

ئامالسىزلىقتىن ئىتتىپاقلىشامدۇ ياكى ئېھتىجاج ئۈچۈنمۇ؟

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋېن جىياباۋ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى زىيارىتى جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا، " پۈتۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر چوڭ بىر ئائىلىنى تەشكىللەيدۇ. بىز گۈللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن، بىرلىشىپ، بىر - بىرىمىزگە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك" دېگەن.

لېكىن، روېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تىبەتنىڭ پايتەختى لخاسادا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ۋە ئۆتكەن ئاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتى ۋە غۇلجىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلىرىنىڭ قانچىلىق جىددىيلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

قاتمۇ - قات تەنقىد ئاستىدا قالغان بېيجىڭ ئولىمپىكى

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ۋە مەزكۇر رايونلارغا ئون مىڭلىغان قوشۇمچە ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرى ئەۋەتىش ئارقىلىق، بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قاراتقان پوزىتسىيىسى، خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنىڭ خىتايغا بۇرۇلۇشىغا ۋە 2008‏ - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كېلىشىگە سەۋەب بولماقتا.

سىياسىي ئانالىزچىلار نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، 2008‏ - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن، ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىنى تىكلەش، خىتاينى ئىناق بىر جەمئىيەت قىلىپ كۆرسىتىش ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قولغا كەلتۈرگەن ئۇتۇقلىرىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە نامايىش قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىشنى پىلانلىغان. ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەت قاتارلىق رايونلاردا نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆپ دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ئىدى.

ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئاي تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن خىتاينىڭ دۇنيادىكى ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن پايدىلىنىش پىلانلىرىنى بىت - چىت قىلىپ تاشلىغان. خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلىققا چاقىرغان باياناتى، ئولىمپىك ھارپىسىدا، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئوبرازىغا يەتكۈزگەن زىيانلارنى ئازايتىشقا ئۇرۇنۇش تەشەببۇسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ مەزكۇر باياناتىنى شۇنداقلا، خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتە جىددىي مىللىي مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى، دەپ تەبىرلەشمۇ مۇمكىن ئىكەن.

خىتاي يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنى تېررورىزم بىلەن قارىلاشنى تېخىمۇ كۈچەيتتى

بۇ ئارىدا 3‏ - ئاپرىل كۈنى، "ئىم ئىند سىي" خەۋەرلەر تور بېتىدە، ئېلان قىلىنغان "خىتاي مۇستەقىلچى ئۇيغۇرلارنى، تېررورچى دەپ ئەيىبلىمەكتە" ماۋزۇلۇق ماقالىدە، "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى بېسىملاردىن شۇنىڭدەك مول نېفىت ۋە تەبئىي گاز زاپىسىغا ئىگە بولغان رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات پروگراممىدىن ئاساسەن خىتاي كۆچمەنلەر پايدىلىنىۋاتقانلىدىن شىكايەت قىلماقتا. نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر رايوندا خىتايدىن مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇشنى قوللايدىغان بولۇپ، ئۆتمۈشتە قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بارغان" دېيىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 11‏ - سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىمىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلەنگەن ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن. " خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تېررورچىلار دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى خەلقئارا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن چېتىشلىقى بار دەپ ئەيىبلىمەكتە. لېكىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتىن، ئۆز ئىنسانى ھەق - ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى باستۇرىۋاتىدۇ، دەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلمەكتە". (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.