دۇنيا بانكىسىنىڭ تەتقىقات بۆلۈمى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن بۇيان، ئىقتىسادىي جەھەتتە نۇرغۇن پايدىغا ئىگە بولغان. خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى خىتاي ئىقتىسادىغا پايدا ئېلىپ كېلىشتىن باشقا، بۇنىڭ بىلەن دۇنيانىڭ يىللىق كىرىمىمۇ مەلۇم پىرسەنت ئاشقان. يەنى خىتاي يىلىغا 40 مىليارت ئامېرىكا دوللىرى كىرىم قىلىۋاتقان بولسا، بۇنىڭ بىلەن دۇنيا كىرىمىدىمۇ يىلىغا 75 مىليارت كۆپىيىش ھاسىل بولغان.
خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن دېھقانلار ئەڭ چوڭ زىيان تارتتى
ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولالىشىغا كاپالەتلىك قىلغان بولسا، دېھقانلارنىڭ ھالى ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك بولماس ئىدى.
دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن دېھقانلار ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشەلمىگەن، ئەكسىچە، ئۇلار چوڭ زىيان تارتقان بولۇپ، ئورتا ھېسابتىكى كىرىمى يىلدىن يىلغا تۆۋەنلەشكە باشلىغان. دۇنيا بانكىسى مەزكۇر دوكلاتنى يېزىپ چىقىشتىن بۇرۇن، خىتاي ئاھالىلىرى ئارىسىدا نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، شەھەر ۋە يېزا ئوتتۇرىسىدىكى كىرىم پەرقىنىڭ ئىنتايىن چوڭ ئىكەنلىكىنى بايقىغان.
مەزكۇر دوكلاتتا بېرىلگەن سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ٪ 90 كە يېقىنى ئۆزلىرىنىڭ خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشى بىلەن كىرىم ۋە ئىستىمال جەھەتتە ئىلگىرىكىدىن كۆپ ئۆرلەش بولىۋاتقانلىقىنى مەلۇم بولغان. لېكىن يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ھېسابتىكى كىرىمىدە تۆۋەنلەش بولۇپ، ئىستىمال قىلىش ئۆلچىمى بىلەن ھېسابلىغاندا، نامرات دەپ قارىلىپ كېلىۋاتقان يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇمۇش سەۋىيىسى ئىلگىرىكىدىن يەنە ٪ 6 تۆۋەنلىگەن.
بېيجىڭ ئىقتىساد تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى جوڭ داجۈن ئەپەندى يېقىندا مۇخبىرىمىز نىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغاندا، "شەھەر بىلەن يېزىنىڭ پەرقى بۇ قەدەر چوڭ بولۇپ كېتىشىنى دۆلەت ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەنبەسىدىن پايدىلىنىشنى بىلىپ، دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىمايدۇ. ئۇلارنىڭ دېھقانلارغا قوللىنىۋاتقان سىياسىتىنى بىر خىل كەمسىتىش سىياسىتى دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانلارغا ھەقىقى كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۇلارنىڭمۇ شەھەرلىكلەرگە ئوخشاش تۈرلۈك ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولالىشىغا كاپالەتلىك قىلغان بولسا، دېھقانلارنىڭ ھالى ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك بولماس ئىدى"دەپ كۆرسەتتى.
خىتايدا ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىئىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى ئەڭ كۆپ ئازايتىلغان
دۇنيا بانكىسىنىڭ تەرەققىيات تەتقىقات بۆلۈمىدىكى ئىقتىسادشۇناس ئەندېرسېن ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىن، خىتايدا ئىمپورت قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى ئەڭ كۆپ ئازايتىلغانلىقتىن، ئەڭ چوڭ زىيان تارتقۇچىلار چەت رايونلاردىكى دېھقانلار بولۇپ قالغان. ئەندېرسېن ئەپەندى بۇ ھەقتە خىتاي بىلەن تەيۋەننىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ،"تەيۋەنمۇ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشتە، ئۆزىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى ناھايىتى يۇقۇرى بولغانلىقتىن، يېزا ئىگىلىك تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشكە مەجبۇرى بولغان ئىدى. لېكىن تەيۋەن دېھقانلىرىنىڭ دېھقانچىلىقتىن سىرت باشقا جەھەتتىكى كىرىملىرى كۆپ بولغانلىقتىن، ئۇلار خىتاي دېھقانلىرىدەك چوڭ زىيانغا ئۇچرىمىغان"دەپ كۆرسەتتى.
خىتايدا نوپۇس تۈزۈمىدە چوقۇم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك
دۇنيا بانكىسى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا،"ئەگەر خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىنكى پايدىنى داۋاملىق ھالدا ساقلاپ قالىمىز دەيدىكەن، چوقۇم بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئەمگەك كۈچى بازىرىنى رەتكە سېلىش بىلەن تەڭ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى ئۆرلىتىپ، ئارتۇق ئەمگەك كۈچىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئورۇنلىرىدىن ئايرىلىپ چىقىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك"دەپ كۆرسەتتى.
مەزكۇر دوكلاتتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسى پىكىرلەر نوپۇس تۈزۈمى جەھەتتە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،"نوپۇس ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلغاندىلا، يېزا كىرىمىنى ٪ 17 كە ئۆرلەتكىلى بولىدۇ ھەمدە تەھمىنەن 28 مىليون كىشىنى يېزا ئىگىلىك ئورۇنلىرىدىن يۆتكەشكە بولىدۇ"دەپ كۆرسەتكەن.
دوكلاتتا يەنە"يېزىلاردا مائارىپ پۇرسەتلىرىنى كۆپەيتىش، دېھقانلار ئۈچۈن يېڭى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئىگىلەش پۇرسىتى يارىتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ۋە رىقابەتلىشىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەزكۇر دوكلاتتا دۇنيا بانكىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇندىن كېيىن شەھەرلەردىكى ئىشسىزلارنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تۈزۈمىنى يېزا بازارلىرىدىمۇ ئوخشاش ئىجرا قىلىشقا ھەمدە يېزىلاردىكى ئەمگەك كۈچىلىرىنى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەندىن كېيىنكى ۋەزىيەتكە تېزدىن ماسلاشتۇرۇشىغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى.
بېيجىڭ ئىقتىساد تەتقىقات ئورگانىنىڭ مەسئۇلى جۇڭ داجۈن ئەپەندى"ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈنكى كۈندە دېھقانلار مەسىلىسىنى يەنىلا توغرا بىر تەرەپ قىلمايدىكەن، مەملىكەت ئىچىدىكى دېھقانلارنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك ئىجتىمائىي ھەرىكەتلىرى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن"دەپ كۆرسەتتى.