ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئاسىيا ۋەزىيىتى(1)

خەلقئارادا 8 - ئاي ئىچىدە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان يېڭى مۇلاھىزىلەرنى "ئامېرىكا ئاۋازى" سىستېمىلىق ھالدا توپلاپ تونۇشتۇردى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىغا ئاتوم بومبا تاشلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيىسى تەسلىم بولغان ئىدى. بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ئۇرۇش مەيدانىدىكى بىر ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى بولغانلىقتىن، شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر مەركەزلىك ھالدا، شۇنىڭدىن كېيىن ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋەزىيەتتە پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.

ياپونىيىنىڭ دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇلىشى

- ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكا ياپونىيىنى 1952 - يىلىغىچە ئىشغال قىلىپ تۇردى - دەپ بايان قىلىدۇ جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى ياڭ داچىڭ، - ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسى ياپونىيە خان ئارمىيىسىنى تەسلىم قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ياپونىيىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان مەزگىلدە، تاجاۋۇزچىلىرى ياپونىيىنى دېموكراتىك دۆلەتكە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ باردى. مەسىلەن، 1947 - يىلى ياپونىيىدە ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى. ياپون پادىشاھى شۇ ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي قانۇن ئىسلاھاتى ئارقىلىق "ئىلاھ" لىق مۇنبىرىدىن چۈشۈرىۋىتىلدى. شۇنىڭدىن تارتىپ ياپون پادىشاھى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئادەتتىكى ئادەمگە ئايلاندى. بۇ ياپونىيىنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلدى. ياپونىيە ئۆزىمۇ دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قالالايدىغان ھۆقۇقىنى ساقلاپ قالدى.

ئامېرىكا خىتايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىلىشىنى ئارزۇ قىلغان ئىدى

- ياپونىيە مەغلۇپ بولغاندا، ئۇنىڭ ئاسىيادىكى سىياسى ئورنىنى ئىگىلەيدىغان يەنە بىر كۈچلۈك ھاكىمىيەت كېرەك ئىدى. ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيادا مۇھىم رول ئوينىشىنى خالىمايتتى، بەلكى بۇنداق مۇھىم رولنى بىرلىككە كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. - دەپ بايان قىلىدۇ تەيۋەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شاۋ زوڭخەي، - شۇڭلاشقا، ئامېرىكا 1940 - يىللاردىن تارتىپلا خىتايدىكى مىللەتچى پارتىيە )گومىنداڭ( بىلەن كوممۇنىست پارتىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ، ئۇلارنىڭ بىرلىككە كەلگەن بىر ھاكىمىيەتنى قۇرۇپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ بىرلىشىپ ياپونغا قارشى تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئامېرىكا بۇ ئىككى تەرەپنىڭ ئىچىدىن جوڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتىنى قوللاشقا مايىل ئىدى، ئەلۋەتتە. ئەگەر مىللەتچى پارتىيە (گومىنداڭ) كۈچلەنمىسە، كوممۇنىست پارتىيىمۇ كۈچلەنمىسە، پۈتۈن خىتاينىڭ ئاجىزلىق ۋەزىيىتى ئوڭشالمىسا، ئاسىيادا ياپوننىڭ ئورنىنى ئىگىلەيدىغان بىرەر قۇدرەتلىك ھاكىمىيەت چىقماي قالسا، بۇ ھوقۇق سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىمالى بار ئىدى. شۇڭلاشقا ئامېرىكا مىللەتچى پارتىيىنى قوللىغان بىر ۋاقىتتا، كوممۇنىست پارتىيىنىمۇ تاشلىۋەتمىگەن. ئومۇمەن، ئامېرىكا جوڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ كوممۇنىست پارتىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر بىرلەشمە ھاكىمىيەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى. بۇنداق بولسا، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قول تىقىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولاتتى.

يالتا كېلىشىمى

- ئامېرىكا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ئۇرۇش مەيدانىدا ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىشقا پىيادە قىسىم قاتناشتۇرمىغان ئىدى - دەپ بايان قىلىدۇ تەيۋەن دەنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دەي ۋەنچىن، - بەلكى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيىسى بويىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئېغىر چىقىم تارتىپ ئاسىيادىكى جەڭ مەيدانىغا قامچىسى يەتمەي قېلىۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن خىتايغا باشلاپ كىرمەكچى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، 1945 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن "يالتا كېلىشىمى" دەپ ئاتىلىدىغان بىر مەخپى كېلىشىمنى تۈزۈپ چىقتى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاينىڭ شەرقى شىمال رايونىنى ئۆزىنىڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش بازىسىغا ئايلاندۇردى ۋە بارلىق قاتناش تۈگۈنلىرىنى كونترول قىلدى. بۇ چاغدا جوڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ۋەزىيىتىدە ئۆزگۈرۈش پەيدا بولدى. سوۋېت ئىتتىپاقى جوڭخۇئا مىنگو قوشۇنلىرىنى شەرقى شىمالغا ئۆتكۈزمىدى. سوۋېت ئىتتىپاقى ياپون ئارمىيىسىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان ھەربىي قوراللارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىئىگە بېرىپ، كوممۇنىست قوئىشۇنلىرىنى قوراللاندۇرۇپ، خىتايدىكى ئىككى پارتىيىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇردى. (داۋامى بار) (ۋەلى)