خەلقئارادا 8 - ئاي ئىچىدە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆزلۈكسىز داۋام قىلدى. بۇ جەرياندا، " ئامېرىكا ئاۋازى" مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى مۇلاھىزىلەرنى سېستىمىلىق توپلاپ تونۇشتۇردى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا 1945 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ياپونىيىنىڭ ئوكىناۋا ئارىلىغا ئاتوم بومبا تاشلىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئارمىيىسى تەسلىم بولغان ئىدى. بۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ئۇرۇش مەيدانىدىكى بىر ھەل قىلغۇچ غەلىبىسى بولغانلىقتىن، شۇڭلاشقا مۇتەخەسسىسلەر، مەركەزلىك ھالدا، ياپون تەسلىم بولغاندىن كېيىن ئاسىيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىدە پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ يېڭى كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلغان.
ماۋ زېدوڭ 46 - ۋە -49 يىللاردا پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئاغدى
تەيۋەن دوڭخۇئا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ كەيخۇئاڭنىڭ بايان قىلىشىچە، 40 - يىللاردا، ئامېرىكا خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنى ياۋروپادىكى كوممۇنىزمچىلار ئەمەس، پەقەت خىتايدا يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغۇچىلار، دەپ قارايتتى. ماۋ زېدوڭنى بولسا، خۇددى يوگۇسلاۋىيىدىكى تېتوغا ئوخشاش سوۋېت ئىتتپاقىغا بېقىنىشنى ھەرگىز خالىمايدىغان مىللەتچى، دەپ قارايتتى. شۇڭلاشقا، ئامېرىكا شۇ يىللاردا خىتايدىكى كوممۇنىست پارتىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشنىمۇ ئويلىغان. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ شۇ كۆز قارىشى بويىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە تامامەن يېتىم قالدۇرۇلغان خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بىلەن يېقىنلىشىشقا تىرىشقان.
شۇ يىللاردا ماۋ زېدوڭمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكىنىڭ كۆزىتىش ئۆمەكلىرىنى، يازغۇچىلىرىنى قىزغىن قارشى ئالغان. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1946 - يىلىدىن 49 - يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پۈتۈنلەي سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە ئاغدى. شۇ يىللاردا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەرىكەتنى ئالدى بىلەن شەرقىي شىمال رايونىدا ئامېرىكىغا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىشتىن باشلىدى. خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1949 - يىلى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىنمۇ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشتۇردى.
ماۋ زېدوڭ كورىيە ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن رەسمىي دۈشمەنلەشتى
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ كۇيسوڭنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى 1949 - يىلى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىگە، ئامېرىكىنىڭ جوڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈپ، يېڭى ھۆكۈمەتنى قوللىشى لازىملىقىنى ئۇقتۇردى. ئامېرىكا ئەلچىسى بۇنى رەت قىلىپ، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تېخى پۈتۈن خىتاينى ئىشغال قىلالمىدى، مىللەتچى پارتىيە )گومىنداڭ( بىر ھۆكۈمەت سۈپىتىدە تېخىچە مەۋجۇت، دەپ تەكىتلىدى. شۇنداقلا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىگە يېڭى ھۆكۈمەت تەركىبىدە چوقۇم ئەركىنلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ۋە ئوتتۇرا يولنى خالايدىغان زاتلار بولۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. ئەمما خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى بۇ شەرتكە ماقۇل بولمىدى. 1950 - يىلى كورىيىدە ئۇرۇش پارتلىغاندىن كېيىن، ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىللە جەنۇبىي كورىيىگە ياردەم قىلغاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى شىمالىي كورىيىگە پىدائىي قىسىم ئەۋەتىپ، ئامېرىكا بىلەن ئۈزۈل - كېسىل قارىمۇ - قارشى مەيدانغا ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلدى. گەرچە 1955 - يىلى ئامېرىكا بىلەن كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت تەيۋەن مەسىلىسى ۋە باشقا ئىقتىسادىي مەسىلىلەردە ھەرگىز مۇرەسسەگە كەلمىدى.
ماۋ زېدوڭ دۇنيادا پۈتۈنلەي يىتىم قالغاندا نىكسۇننى تەكلىپ قىلدى
بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ كۇيسوڭنىڭ بايان قىلىشىچە، 1953 - يىلى ستالىن ئۆلگەندىن كېيىن، ماۋ زېدوڭ كوممۇنىزم ئىنتېرناتسىئونالىغا ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىشنى ئويلىغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىدېئولوگىيە ئىختىلاپى كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلەشتى. بارا - بارا خىتاي - سوۋېت مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى.
ئامېرىكىنىڭ نيۇ يورك شەھىرىدە چىقىدىغان "خۇاڭخۇاگاڭ" ناملىق تارىخ تەتقىقاتى ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى شىن جىننيەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ 1949 - يىلى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن، دەسلەپتە ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بۇزۇلدى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خەلقئارادا يېتىم قالدى. دۆلەت ئىچىدىمۇ، كەينى - كەينىدىن سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ خەلققە ئېغىر بالايى - ئاپەتلەرنى كەلتۈرگەنلىكتىن، خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتتى. ماۋ زېدوڭ بۇ چاغدا، دۆلەتنىڭ ئىشىكنى پۈتۈنلەي تاقاپ، "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" ئېلىپ بېرىپ، تاشقى جەھەتتە سوۋېت ئىتتىپاقىغا، ئىچكى جەھەتتە ليۇشاۋچى، لىن بياۋ قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىگە تاقابىل تۇرۇشقا باشلىدى. پۈتۈن خەلقنى بۇ جىدەلگە مەجبۇرىي ئارىلاشتۇرۇپ، ئاخىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنى گۇمران بولۇش گىرداۋىغا ئېلىپ كەلدى. بۇ جەرياندا، ماۋ زېدوڭ ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا تاقابىل تۇرۇش قارارىغا كەلدى. شۇ ئېھتىياج ئۈچۈن ئامېرىكىنى سېغىندى. 1972 - يىلى ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسوننى خىتايغا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن ماۋ زېدوڭ ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنى گۇمران قىلىشقا كىرىشىتى. 1979 - يىلى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى پۈتۈنلەي نورماللاشتى. ماۋ زېدوڭنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ گۇمران بولۇشى شۇ سەۋەپتىن ۋاقتىنچە كېچىككەن ئىدى. (تۈگىدى)