تارىخنى ئەينەن بايان قىلىش كېرەك

ياپونىيە 1941 - يىلى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ئامېرىكىنىڭ پرىلخاربور پورتىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلغان ئىدى. شۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ "ئارىزونا" ناملىق ھەربىي پاراخوتى چۆكتۈرىۋېتىلگەن. 1945 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ياپونىيە شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكا تەرەپتىن قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتكەن "مىسسۇرى" ناملىق پاراخوتتا تەسلىمنامە تاپشۇردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇيىل ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى خاتىرىلەنگەن كۈندە، ياپونىيىدىن 100 ئوقۇغۇچى "مىسسۇرى" ناملىق پاراخوتنى زىيارەت قىلدى. ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى پاكىتلارنى كۆردى، ئۇلار بۇنىڭدىن ئۆزلىرىگە ئۆچمەنلىك تاپماي، بەلكى نەق مەيداندا تارىخ ئۆگەندى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بېيجىڭدىكى تيەنئەنمېن مەيدانىدا 10 مىڭدەك ئادەمنى تەشكىللەپ خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن. دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سۆز قىلغان. خۇ جىنتاۋ سۆزىدە تۇنجى قېتىم مىللەتچى پارتىيە) گومىنداڭ( ئارمىيىسىنى ئاساس قىلغان ياپونغا قارشى قوشۇن ئاساسىي فرونتلاردا چوڭ رول ئوينىدى، 1937 - يىلى باشلانغان 8 يىللىق ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا مىللەتچى پارتىيە ئارمىيىسىدىن 3 مىليون 200 مىڭ ئادەم چىقىم بولدى، تەيۋەن خەلقىدىن 50 مىڭ ئادەم چىقىم بولدى، دەپ تىلغا ئالغان.

خو بوسۈن ئەپەندىنىڭ ئەينى شارائىت ھەققىدە ئېيتقانلىرى

تەيۋەننىڭ مەمۇرىي مەھكىمە باشلىقى، 1 - دەرىجىلىك گېنېرال، ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە جاڭ كەيشىنىڭ يېنىدىكى مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ بىرى، 87 ياشلىق خو بوسۈن ئەپەندى ب ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا 3 چوڭ ئۇرۇش مەيدانى بولغان، بىرى، ياۋروپا جەڭ مەيدانى، 2 - سى، تىنچ ئوكيان جەڭ مەيدانى، 3 - سى خىتاي جەڭ مەيدانى. خىتايدىكى جەڭ مەيدانىنىڭ قوماندانى جاڭ كەيشى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 1943 - يىلىدىكى قاھىرە يىغىنىدىن كېيىن، ياپوننىڭ تەسلىم بولۇش شەرتلىرىنى روزۋېلىد، چىرچىل ۋە جاڭ كەيشى ئۈچەيلەن مۇزاكىرە قىلغان. ياپونىيە ۋەكىلى 45 - يىلى 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ "مىسسۇرى" ناملىق پاراخوتىدا تەسلىمنامىغا قول قويغاندىن كېيىن، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ياپوننىڭ خىتايغا تەسلىم بولغانلىقىنى جاڭ كەيشىنىڭ ۋەكىلى باش گېنېرال خې يىڭچىن نەنجىندە قوبۇل قىلدى. ماۋ زېدوڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھېچقايسىدا يوق. مىللەتچى پارتىيە 1949 - يىلى ئىچكى ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ھەممە نەتىجىسىنى ئۆزىنىڭ قىلىپ تەشۋىق قىلدى. ياپونغا قارشى ئۇرۇش باشلانغاندا، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئاران 20 - 30 مىڭدەك ئادىمى بار ئىدى، ئۇلار ياپونغا قارشى ئۇرۇش جەريانىدا مىللەتچى پارتىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋالدى. بۇ تارىخنى ئەينەن بايان قىلىش كېرەك.

ئۇرۇش چىقىملىرى ھەققىدىكى ئوخشىماسلىقلار

سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن فېڭ ئەپەندىنىڭ "يېڭى دەۋر" مۇھاكىمە مەيدانىدا ئېلان قىلىغان ئوبزورىدا بايان قىلىنىشىچە، 1946 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، جوڭخۇئا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيىدىن تۆلەم ئېلىش ھەققىدىكى لايىھىسىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانى ھەربىيلەردىن 3 مىليون 310 مىڭ، خەلقتىن 8 مىليون 420 مىڭ، دەپ ئاتالغان. 1947 – يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئېچىلغان جوڭخۇئا مىنگو سىياسىي كېڭىشىنىڭ 3 - قېتىملىق يىغىنىدا، ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانى 12 مىليون 784 مىڭ 974 دەپ بېكىتىلگەن.

چوڭ قۇرۇقلۇقتىن ئېلان قىلىنغان مەلۇماتلار بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. بېيجىڭ خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان "جوڭگونىڭ يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابى دەۋرى" دېگەن كىتابتا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ تارىخ مۇتەخەسسىسلىرى ياپونغا قارشى ئۇرۇش دەۋرىدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانى 18 مىليون، چىقىم بولغان مال - مۈلۈك 60 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، دەپ بايان قىلغان بولسا، 1998 - يىلى جاڭ زېمىن ياپونىيىنى زىيارەت قىلغاندا، 60 مىليارد دېگەن سانىنىڭ كەينىگە بىر نۆلنى قوشۇپ 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى دېگەن. بۇ قېتىم 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە ، كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى ئېيتىپ كېلىۋاتقان 18 مىليون دېگەن ساننى خۇ جىنتاۋ يەنە بىر قېتىم كۆپتۈرۈپ 35 مىليون دېگەن.

لىن فېڭ ئەپەندىنىڭ مۇلاھىزىسىدە بايان قىلىنىشىچە، مىللەتچى پارتىيىگە قارىغاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ھېسابلىشى تېخىمۇ غەلىتە. ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانىنى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن 18 مىليون دېگەن ئىدى. جاڭ زېمىن بۇ ساننى كۆپتۈرۈپ 35 مىليون دېدى. ئەمدى خۇ جىنتاۋ ئۆلگەن ۋە يارىلانغان ئادەم سانى 35 مىليون دېگەننى ئۆزگەرتىپ، 35 مىليون ئادەم ئۆلدى دەپ گۈل چەمبىرەك قويغان.

ھەممىمىزگە مەلۇمكى، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ھاكىمىيەت قۇرغاندىن كېيىن، تىنچ شارائىتىتا سىياسىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ زۇلۇم سېلىپ ياكى ئاپەت پەيدا قىلىپ ئۆلتۈرگەن ئادەم سانى 80 مىليون. خۇ جىنتاۋ ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆلگەن ئادەم سانىنى ھەر قانچە كۆپتۈرسىمۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ئەينى زاماندىكى ياپون جاھانگىرلىكىدىن يىنىك دەپ ئىسپاتلىيالمايدۇ. (ۋەلى)