خىتاينىڭ 55 يىلى (1)

كوممۇنىست پارتىيە خىتاينى ئاياغ - ئاستى قىلىۋاتقىلى 55 يىل بولدى، ـــ دەپ مۇلاھىزە باشلىنىدۇ "كۆزىتىش" ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان "خىتاينىڭ 55 يىلى ۋە كوممۇنىست پارتىيىدىكى 6 خىل ئىللەت" سەرلۆھىلىك ئوبزوردا، ــــ خىتاي بۇ 55 يىلدا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسى جەھەتتىكى ياۋۇزلىقى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى چىرىكلىكىدە ئاستىدا ئادالەتسىز تەقىسىمات ئارقىلىق ئېغىر دەپسەندە قىلىندىلا ئەمەس، بەلكى بۇ پارتىيە كىشىلەرنى زۇلۇم ئارقىلىق ئېغىر پىسخىلوگىيىلىك كېسەللىكلەگە گىرىپتار قىلدى. خىتايلار 55 يىلدا ئىقتىسادىي تەرەققىيات، پەن - تەخنىكا، تەن - تەربىيە جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلەش ئارقىلىق ئۆزىنى "شەرقتىكى كېسەل كۆرپىسى" دېگەن نامدىن قۇتۇلغاندەك ھېس قىلسىمۇ، ئەمما پىسخىلوگىيە جەھەتتە " كېسەل كۆرپىسى" ئىكەنلىكىدىن تېخى قۇتۇلالىغىنى يوق. ئاپتور بۇ كۆز قارىشىنى يىغىنجاقلاپ خىتايدىكى مۇنداق 6 خىل ئىللەتنىڭ مەۋجۇتلىغىنى بايان قىلغان:

ئادەمنى خارلاش

خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئەسلىدىلا زوراۋاللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان پارتىيە بولغاچقا، ئۇ خىتايدا ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بويانقى 55 يىل ئىچىدە پۈتۈنلەي "بىر سىنىپ يەنە بىر سىنپنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىغان زاراۋانلىق ھەرىكەت" دەپ ئاتىلىدىغان خارلامچىلىقنى يولغا قويدى. ھەرخىل سىياسى ھەرىكەت ۋە قانلىق باستۇرۇشلار ئارقىلىق سىنىپى كۆرەش دېگەن نام بىلەن خارلامچىلىقنى پۈتۈن مىللەتنىڭ ئېڭىغا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭدۈردى. بولۇپ ئۆتكەن سىنىپ ئايرىش، ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش، مەدەنىيەت ئىنقىلابى، 4 - ئىيۇن ۋاقەسى دېگەن ھەرىكەت ۋە ۋەقەلەر ئارقىلىق كوممۇنىست پارتىيە ئۈزى بىۋاستە ھالدا سان - ساناقسىز بىگۇنا پۇخرانى ياۋۇزلۇق بىلەن قىردى ياكى خەلقنىڭ ئۆزىگە بىر - بىرىنى قىرغۇزدى.ئۇنىڭدىن كېيىنكى 20 نەچچە يىللىق ئىشىكنى ئېچىۋېتىش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا، گەرچە غەرب مەدەنىيىتىنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق كۆز قارىشى خىتايغا كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ جەرياندا خارلامچىلىق يەنىلا داۋاملىشىۋەردى، بەزى جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋج ئالدى. خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ راي سىناش نەتىجىسىدە مەلۇم بولىشىچە، ھازىر خىتاي ياشلىرىنىڭ % 82 ئى ئەگەر ئۇرۇش بولۇپ قالسا ئەسىرلەرگىمۇ، ئاياللارغىمۇ، بالىلارغىمۇ قىرغىنچىلىق قىلىۋېرىش كېرەك دېگەن قاراشتا. بۇيىل 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرىسىتىدىكى 1 - بالىلار باغچىسىنىڭ ئىشىك باققۇچىسى تۇساتتىنلا 15 بالىنى ئۆلتۈرىۋەتكەن. بۇنداق ۋاقە 9 - ئاي ئىچىدە يەنە سۇجۇ شەھرىدە ۋە سەندوڭ ئۆلكىسىدە يەنە يۈز بەردى. مانا بۇ كوممۇنىست پارتىيە كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا پەيدا قىلغان قانخورلۇقنىڭ ئىپادىسى.

پاكىتتىن قورقۇش

كوممۇنىست پارتىيە پاكىتتىن قورقىدۇ. بۇ روھى كېسەللىك بارا - بارا پۈتۈن خىتاي مىللىتىنىڭ نىرۋىسىنى بۇزدى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئارىسىدا ئەمىلىي پاكىتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىغان، پاكىتلارنى بورمىلايدىغان، يالغان سۆزلەيدىغان، قۇرۇق گەپ ساتىدىغان، ئالدامچىلىق قىلىدىغان ئىللەتلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئەۋج ئالدى. تەيۋەنلىكلەر 4 - ئىيۇن ۋاقەسىدە ئەيتقان "تىەنئەنمېندە ئۇچقۇن" دېگەن ناخشىدىكى "كۆزۈڭنى يۇمۇۋېلىپ كۆرمىدىم دېمە، قۇلىقىڭنى يۇپۇرۇپ ئاڭلىمىدىم دېمە" دېگەن مىسرالار دەل شۇنىڭغا قارىتىلغان.

كوممۇنىست پارتىيىنىڭ "پاكىتتىن قورقۇش" كېسىلى چوڭ سەكرپ ئىلگىرىلەش دېگەن ھەرىكەتتە تۇنجى قېتىم قوزغالغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا كوممۇنىست پارتىيىنىڭ بۇ روھى كېسىلى كىشىىلەرگە يۇقۇپ، ھەممىلا جايدا يالغان ئەيتىش، مۇبالىغىچىلىق ئەۋج ئالغان. ئۇچۇر - ۋاستە تارماقلىرىمۇ يالغاننى نەشىر قىلىۋەرگەن . "قىلغانلىكى گەپ تاماملىغان ئىشقا، قىلغانىكى ئىش قازانغان مۇۋەپپىقىيەت" كە ئايلانغان ئىدى. ئاخىر كىشىلەردە ئەقىل -ئىدرەك بۇلغىنىپ ئۆزى توقىغان يالغانغا ئۆزى ئىشىنىدىغان بولدى. كوممۇنىست پارتىيە ئۆزى خىتاينىڭ ئەنئەنىسىدە يوق مەسلەك ، بۇ مەسلەك خىتايغا چەتئەلدىن كىرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا خەلقنى غەرب مەدەنىيىنى چەكلەشكە ئۈندىدى. بولۇپمۇ خىتايلارغا قارىتا "يات مىللەتنىڭ كۆڭلى يات" دېگەننى تەشۋىق قىلىپ سىڭدۈرۈش ئارقىلىق، ئۇلارنى غەرب مەدەنىيىنىڭ سۆزلەش ئەركىنلىكى ۋە نەشرىيات ئەركىنلىكى ئىدىيىسىنى چەكلەشكە قۇتراتتى.

خام خىيالغا ئاساسەن ئىش قىلىش

"كوممۇنىزم" دېگەن ئەسلىدە بىر خام خىيال ئىدى. ئۇنىڭغا ئىشىنىش "ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسى"غا نان چىلىغانلىق بولاتتى. كوممۇنىست پارتىيە خىتايدا ھەممە ئادەمنى شۇنداق قىلىشقا زورلىدى. جەمىيەتتە، ئەگەر بىرەر شەخس ئۆزىنىڭ "خام خىيالى"غا ئاساسەن ئىش قىلسا، ئۇ پۈتۈن جەمىيەتكە تەسىر كۆرسىتەلىشى ناتايىن. ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ئۆزىنىڭ بۇ خام خىيالىنى مەجبۇرىي ھالدا پۈتۈن جەمىيەتكە تاڭدى.

كوممۇنىست پارتىيىدىكى بۇ روھى كېسەللىك كىشىلەرگە يۇقۇپ، نەتىجىدە ئۇ پۈتۈن مىللەتكە ئاپەت كەلتۈردى. بۇنداق روھى كېسەل بىلەن ئالجىغان تەلۋىلەر "چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش" دېگەن ھەرىكەتتە "پادىشا دېگەن ئۆزەم، ئەجدىھار دېگەنمۇ ئۆزەم، ھەي، تاغلار ماڭا باش ئەگ! دەريالار ماڭا يول بەر!"دەپ ئالجىپ ناخشا ئەيتمىدىمۇ؟ شۇ ۋاقىتتا پوچى، يالغانچى ئەدىپلەر، شائىرلار، رەسساملار پەيدا بولۇپ، ئۇلار ئالجىپ دېمىگەن نىمە قالدى؟

ئاخىر، بۇنداق مۇبالىغىچىلىقنىڭ ئاقىبىتىدە خەلق ئىچىدە ئاچارچىلىق يۈز بەردى. شۇ مۇبالىغىچىلار ئۆزىمۇ ئاژلاپ جېنى تۇمشىقىغا كەلگەندە ئاندىن ئۆزىنىڭ ئەس - ھۇشىنى تاپتى. ئەمما ئۇلار ئەس - ھۇشىنى تېپىپ راست سۆزلەشكە باشلىغاندا، ئۇلار ئاللىقاچان "سىنىپى دۈشمەن"گە ئايلىنىپ زەربە بېرىلىشكە يۈزلەنگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا جازادىن قۇتۇلۇپ قالغانلارنى، مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن ھەرىكەتتە "قىزىل قوغدىغۇچىلار" تارتىپ چىقىرىپ، دۇمباللاپ يەر بىلەن يەكسان قىلدى.

"خام خىيالچىلىق"نىڭ تەسىرى ھازىرمۇ خىتايدا نۇرغۇن كىشىنىڭ ئېڭىدا تۈگەپ كەتكىنى يوق. بەلكى ئۇ ھازىر يېڭى شارائىتتا يەنە قايتىدىن كۆرۈلمەكتە. ھازىرمۇ ئاڭلاۋاتىمىزغۇ، "200 مىڭ پاراخوت بىلەن تەيۋەننى ئېلىش" ، "تەيۋەن بوغۇزىنى تاش - توپا بىلەن تىندۇرۇپ ئىككى تەرەپنى مەڭگۇ ئايرىلالمايدىغان قىلىپ تۇتاشتۇرۇش"، " ئاتوم بومبىسى بىلەن ھىمالايا تاغلىرىنىڭ ھاۋا - رايىنى ئۆزگەرتىش" ، " چوڭ قىرغىنچىلىقنى ئەمدى توكيودا ئېلىپ بېرىش" ، "بالتىق دېڭىزىنىڭ سۈيى بىلەن موڭغۇلىيە قۇملىقىنى ئۆزگەرتىش" ، "چىڭخەي كۆلىنى تەكلىماكانغا تۇتاشتۇرۇش" ۋاھاكازا دېگەندەك ئالجىغانلار ئوتتۇرىغا قۇيىۋاتقان شۇئارلار يەنىلا بار. كوممۇنىست پارتىيىە زەھەرلىگەن كىشىلەر ھېلىمۇ مۇشۇنداق ئالجىغان سۆزلەرگە ھاياجانلىنىدۇ.

ئەس - خاتىرىسىنى يۇقۇتۇش

كوممۇنىست پارتىيە مۇشۇ 55 يىل ئىچىدە چوڭ قۇرۇغلۇقتا كىشىلەرنى مەجبۇرلاپ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى ئۇنتۇلدۇردى. بۇنى ئۇچۇر - ۋاستە تارماقلىرىنى كونتىرول قىلىۋېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورۇنلىدى. مەسىلەن، ماۋزېدوڭغا قارىتا باھا بېرىشتە، كومۇنىست پارتىيە ئۇچۇر - ۋاستە تارماقلىرى ئارقىلىق خەلققە پەقەت ئۇنىڭ قانداق "مۇۋەپپىقىيەت" قازانغانلىقىنىلا تەشۋىق قىلدى، ئەمما ماۋزېدوڭنىڭ رىئال تۇرمۇشتىكى رەزىل ئىشلىرىنى يۇشۇردى. كوممۇنىست پارتىيە يۇشۇرغاننى بىلىش، سۆزلەش جىنايەت ئىدى. دېمەك، بىر پۈتۈن ۋاقەنىڭ پەقەت پارتىيە تاللاپ بەرگەن قىسمىلا كىشىلەرنىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ قالدى، قالغىنىنى كىشىلەر بىلمەيدۇ. زوراۋانلىق ئاستىدا كىشىلەر بارا - بارا پارتىيە بەلگىلەپ قويغان تەپەككۇر دائىرىسىدىن باشقا ساھەدە پۈتۈنلەي كالۋا ، ئاخماق، ساۋاتسىزلارغا ئايلانغان.

زۇۋانسىزلىق

كوممۇنىست پارتىيىنىڭ سىياسى جەھەتتىكى يۇقۇرى بېسىملىق سىياسىتى ئاستىدا بىلمىگەننى بلىشكە ئىنتىلىش ياكى بىلگەننى ئەركىن سۆزلەش "ئەكسىلئىنقىلابىي" جىنايەت ئىدى. شۇڭلاشقا بۇ 55 يىلدا زۇۋانسىز كىشىلەر كۆپەيدى. دۇنيادا ئىلىكتىرونلۇق ئۆتۈشمە ئىجات قىلىنغاندىن خىتايدا بۇنداق ھالەت خاتىمە بېرىلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما كوممۇنىست پارتىيە ئۇنى قاتتىق كونتىرول قىلىۋالغانلىقتىن، خەلق يەنىلا ئۆزىنىڭ دەرت - پەرياتىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمايۋاتىدۇ.

خىتايدا "ئاغزىنى چىڭ يۇمۇپ يۈرۈش" ھېلىمۇ مەۋجۇت، ھەتتا بۇنداق زۇۋانسىز كىشىلەر يېڭى ئەۋلات يېتىشتۈرمەكتە. بۇنداق زۇۋانسىز كىشىلەر پەقەت ئۆزىنىڭ بېشىدىن ئۆتكەن ئاچچىق - ساۋاقلار بۇيىچىلا تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەنگەن. پارتىيە ئۇلارنىڭ ئەس - خاتىرىسىگە مەجبۇرىي كىرگۈزۈپ قويغاندىن باشقا ۋاقەلەرنى ئۇلار پۈتۈنلەي بىلمەيدۇ. ئەگەر ئۇلار بىلمىگەننى بىلىۋېلىشقا تەمشەلسىلا، ئۇلار پارتىيە تەرىپىدىن "بىخىدىلا" ياكى "باش كۆتۈرگەن ھامان" يۇقىتىلىدۇ.

چۈشكۈنلۈك ۋە جايىللىق

كوممۇنىست پارتىيىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدىكى 55 يىلدا خىتاي مىللىتىنىڭ پىسخىلوگىيىلىك ھالىتىدىكى ئاساسى ئېقىم روھى سىقىنجى ۋە چۈشكۈنلۈك بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىپادىسى بەزىدە پەۋقۇلئاددە جايىل، بۇمۇ بىرخىل روھى كېسەللىك.

ماۋزېدوڭ دەۋرىدىكى يۇقۇرى بېسىمدىن كېيىن خىتايدا شەھۋانىلىق ئىنتايىن ئەۋج ئالغان. بۇ ھەتتا ھازىر ھۆكۆمەتنىڭ تىجارىتىگە ئايلاندى. بۇنى ھۆكۈمەت ئېتىراپ قىلىشتىن باش تارتىۋاتسىمۇ، ئەمما يۇقۇرى دەرىجىلىك مىھمانخانا، قاۋاقخانىلاردىن تارتىپ مۇنچا، ساتىراچخانىلارغىچە شەھۋانىلىق تىجارىتىنى ھەرخىل نام بىلەن يولغا قويماقتا. بۇ تېجارەتنىڭ ئىچىدە مىليۇنلىلغان ئەيدىز ۋېروسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بار. بۇنداق تېجارەت ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىكىدىن كېلىپ چىققان.

خىتايلاردىكى جايىللىقنىڭمۇ ھېچقانداق نەزىرىيىۋىي ياكى ئىلمىي ئاساسى يوق، ئۇ پەقەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوزغىتىلغان خىتاي مىللەتچىلىكىدىن كىلىپ چىققان. كوممۇنىست پارتىيە ھاكىمىيەت قۇرغاندىن بويان خىتاي مىللەتچىلىكىنى ئۆزلۈكسىز قوزغىتىپ كەلمەكتە. ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەن كېسەك ئاتىدىغان نامايىش، شىئەندە بولغان ياپۇنىيەگە قارشى كەيپىيات، جاۋيەن دېگەن خانىمنى ئامېرىكا ساقچىلىرى ئۇرغاندا قوزغىتىلغان خىتاي مىللەتچىلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قوزغىتىلغان مىللەتچىلىك، بۇ جەھەتتە كوممۇنىست پارتىيە "ئايرىم كىشىلەرنىڭ غەزىپىنى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭ غەزىپىگە ئايلاندۇرۇش" ئۇسۇلىنى قوللانغان.

يەنە مەسىلەن: ھازىر چوڭ قۇۇرغلۇقتا تەيۋەن مەسىلىسى، ئۇيغۇر، تېبەت مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى قوراللىق ھەل قىلىش كېرەك دەيدىغان كىشىلەرنىڭ نىسبىتى يۇقۇرى، بۇنىڭمۇ ھېچقانداق نەزىرىيىۋىي ئاساسى يوق، ئەمما بۇ يەنىلا كوممۇىست پارتىيە خىتاي مىللىتىگە يۇقتۇرغان پىسخىلوگىيىلىك كېسەللىكلەردىن پەيدا بولغان ئالامەت.

"خىتاينىڭ 55 يىلى ۋە 6 خىل ئىللەت" دېگەن ئوبزورنىڭ ئاخىرىدا "دۇنيادا روھى جەھەتتە كېسەل كۆپىسىگە ئايلانمىغان مىللەتلەر ئۇرۇشتىن كېيىن خارابىلىرىنى ناھايىتى تېز ئەسلىگە كەلتۈرەلىدى. خىتاي مىللىتىدەك كوممۇنست پارتىيە زەھەرلەپ كېسەل كۆرپىسى قىلىپ قويغان مىللەتلەر، ھازىر بالدۇرراق داۋالانغىنى تۈزۈك" دەپ بايان قىلىنغان. (ۋەلى)