خىتاينىڭ 55 يىلىدىكى 27 يىللىق ماۋزېدوڭ دەۋرى
ھەر يىلى 1 - ئۆكتەبىردە دۆلەت بايرىمىنى خاتىرىلىگەش پائالىيتى بولغاندا، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى "خۇددى شەرقتىن كۈن چىققاندەك خىتايدىن ماۋزېدوڭ چىقتى" ، شۇنىڭدىن باشلاپ "خىتاي خەلقى ئورنىدىن دەست تۇردى" دېگەن گەپلەرنى ئالاھىدە تىلغا ئالماي قالمايدۇ، ـــ دەپ مۇلاھىزىسىنى باشلايدۇ كۆپچىلىككە تۇنۇش بولغان سىياسى مۇلاھىزىچى لىۇ شاۋبو ئەپەندى "يېڭى ئەسىر ژورنىلى"دا ئېلان قىلغان مۇلاھىزىسىدە، ـــ ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، 1949 - يىلىدىن 76 - يىلىغىچە بولغان 27 يىل ئىچىدە، خىتايدا پەقەت ماۋزېدوڭ يالغۇز ئۆزىلا دەست ئورنىدىن تۇرۇپ ھاكىم - مۇتلەقلىق قىلدى. مۇشۇ ماۋزېدوڭ دەۋرىدە، ئۇنىڭ مۇستەبىتلىكىدە بارچە خەلق، ھەتتا ئۇنىڭغا يېقىندىن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئۆمۈر ھەمكارلاشقان كىشىلەرمۇ، ئۇنىڭغا تېز پۈكۈپ "ياشىسۇن" دەپ توۋلاشقا مەجبۇر بولدى. مانا بۇ بىز بېشىمىزدىن كەچۈرگەن رىئال تارىخ.
ماۋزېدوڭ پۈتۈن ئادەمنىڭ مال - مۈلكىنى، ئەركىنلىكىنى تارتىۋالدى
"دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ماۋزېدوڭ ھۆججەتلىرى" دېگەن توپلامنى ئوقۇغان ئىدىم، ـــ دەيدۇ لىۇ شاۋبو ئەپەندى، ـــــ بۇ توپلامدىكى ھۆججەتلەرگە، يەنى ماۋزېدوڭغا يوللانغان ھەرخىل دوكىلاتلارغا، ماۋزېدوڭ ئۆزىنىڭ خاھىشى ۋە ھېسياتى بۇيىچە تەستىق سالغان. ۋاھالەنكى، شۇنىڭ بىلەن ماۋزېدوڭ پۈتۈن ئادەمنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋالغان، پۈتۈن ئادەمنى ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلدى؛ خىتايدا نەچچە ئون مىليۇن ئادەمنىڭ ھايات - ماماتلىقى ياكى ئۇچار قۇش، ھايۋاناتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش - تۇرماسلىقىمۇ شۇ بىر كىشىنىڭ قولىدىكى قەلەمدە جىجىلانغان سىزىقلارغا باغلىق بولغان. ئۇ خىتاينىڭ گېزىت - رادىئولىرىدا جاكالىنىدىغان ئۇچۇر- خەۋەرلەرنى مەزمۇنىدىن تارتىپ چىكىت - پەشلىرىگىچە بەلگىلەپلا قالماي، بەلكى، خەلق ئىچىدىن "دۈشمەن" دەپ ئايرىپ چىقىپ يۇقۇتىدىغان ئادەمنىڭ دائىرىسى ۋە سان - نىسبەتلىرىنىمۇ شۇ كىشى يالغۇز بەلگىلىگەن.
ماۋزېدوڭنىڭ سىنىپى كۆرەش نەزىرىيىسى
ماۋزېدوڭ مۇشۇ 27 يىل ئىچىدە، دۇنيا نۇپۇسىنىڭ 4 تىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان خىتاي دائىرىسىدە ئۆزىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى يۈرگۈزۈپ "ئۆلتۈرۈشكە تىگىشلىك ئەكسىيەتچىلەرنى چۇقۇم ئۆلتۈرۈش كېرەك" ، "ئەكسىلئىنقىلاپچىلارغا كەڭچىلىك قىلىدىغان ئوڭچىللىققا قەتئى قارشى تۇرۇش كېرەك" دېگەن سىنىپى كۆرەش نەئىرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداقلا يەنە، ھەر قېتىملىق سىياسى ھەرىكەتتە يۇقۇتىدىغان كونكىرىت ئادەم سانىنىنىمۇ ئۇ ئۆزى بەلگىلىگەن. يەر ئىسلاھاتى، ئەكسىلئىنقىلاپچىلارنى تازىلاش، 3 كە قارشى تۇرۇش، 5 كە قارشى تۇرۇش دېگەن ھەرىكەتلەردە "يېزىلاردا ئۆلتۈرىلىدىغان ئادەم نىسبىتى مىڭدە بىر پىرسەنت بۇيىچە بولىشى كېرەك، ئەمما شەھەرلەردە ئۆلتۈرىلىدىغان ئادەم سانى مىڭدە بىر پىرسەنتتىن تۈۋەنراق بولىشى كېرەك" دەپ بەلگىلىگەن. ئوڭچىلارغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە بولسا "ھەر قايسى ئورگانلاردا تۇتىلىدىغان ئوڭچىلارنىڭ نىسبىتى % 5 دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك" دەپ بەلگىلىگەن. مۇشۇ بەلگىلىمە بۇيىچە ھەر قايسى جايلاردا ھەرىكەتنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، ئۇۋال قىلنىش چېكىدىن ئاشقاندىمۇ ئۇنى ئەستايىدىللىق بىلەن تۈزەتمىگەن. مۇشۇ يىللاردا ماۋزېدوڭ ھەتتا ئۇچار قۇشلارنى ياكى باشقا ھايۋاناتلارنىمۇ تۇتۇپ يۇقۇتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ "تۆت زىتايداشنى يۇقىتىش ھەر- بىر ئىدارە ، ئورگان، مەكتەپ، ھەتتا ھەر - بىر ئائىلىلىلەرگىچە ئەمىلىلەشتۆرىلىشى لازىم" دەپ تەكىتلىگەن.
دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ قانخور
"ئادەمگە قارشى كۆرەش قىلىش چەكسىز خوشاللىق" دېگەن ماۋزېدوڭنىڭ ئۆزىنىڭ شۇئارى. ئۇ 50 يىللاردا، يەرئىسلاھاتى دېگەن ھەرىكەتتە، ماۋزېدوڭ ئۆزى بەلگىلىگەن نىسبەت بۇيىچە ھېساپلىغاندا، ئاز دېگەندە 2 مىليۇن ئادەمنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلدى. 3 كە قارشى تۇرۇش، 5 كە قارشى تۇرۇپ دېگەن ھەرىكەتتە 800 مىڭ ئادەمنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا ھەر خىل شەكىل بىلەن "دۈشمەن" دەپ ئايرىپ چىقىلىپ زورلۇققا ئۇچرىغان ئادەم سانى 2 مىليۇندىن ئاشىدۇ. جىسمانى ۋە روھى جەھەتلەردە ئېغىر دەرىجىدە زيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئادەم 800 مىڭدىن ئاشىدۇ. 1958 - يىلىدىن 62 - يىلىغىچە بولۇپ ئۆتكەن چوڭ سەكرەپ ئىلگىرىلەش، خەلق كومممۇنىسى قۇرۇش دېگەن ھەرىكەتلەردە ئاچارچىلىقتا ياكى غەيرى نورمال ئۆلگەن ئادەم 40 مىليۇن. 1966 - يىلىدىن 76 - يىلىغىچە بولغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن ھەرىكەتتە غەيرى نورمال ئۆلگەن ئادەم سانى، يېجەنيىڭنىڭ ئەيتىشىچە 20 مىليۇن.
دۇنيا بۇيىچە كوممۇنىزم سىنىقىدا ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ % 65 ئى خىتايدا
20 - ئەسىر ئىچىدە دۇنيا مىقياسىدا بولۇپ ئۆتكەن كوممۇنىزم سىنىقىدا 85 مىليۇن ئادەم ئۆلدى. بۇنىڭدىن سوۋېت ئىتتپاقىدا 20 مىليۇن، ۋېتنامدا 1 مىليۇن، شىمالى كورىيەدە 2 مىليۇن، كامبودىيەدە 2 مىليۇن، شەرقى ياۋرۇپادا 1 مىليۇن، لاتىن ئامرىكىسىدا 150 مىڭ، شىمالى ئافرىقىدا 500 مىڭ، خىتايدا 65 مىليۇن ئادەم ئۆلدى. دېمەك، پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزم سىنىقىدا ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 65% نى خىتايدا ئۆلدى. بۇسان ھەتتا خىتايدا ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى 50 يىلدا بولۇپ ئۆتكەن قالايمىقان ئىچكى ئۇرۇشلاردا ئۆلگەن ئادەم سانىدىنمۇ كۆپ. مانا بۇ 27 يىللىق ماۋزېدوڭ دەۋرى. (ۋەلى)