0:00 / 0:00

ئوكرائىنىيىدە يۈز بەرگەن ھۆكۈمەتكە قارشى نارازلىق نامايىشلىرىدىن كېيىن، قىرغىزىستاندا شۇنداقلا رۇسىيىدە ھۆكۈمەتكە قارشى يەنە بىر قاتار نامايىش ۋە نارازلىق ھەرىكەتلىرى مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ تەسىرىسدە خىتاينىڭ چوڭچىڭ شەھەرىدە ئىشچىلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەردى. بۇ خىل دېموكراتىك ھەرىكەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئوبزورچىمىز سىدىقھاجى روزى ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (سىدىق ھاجى)