خىتاي خەلق پۇلى قىممىتى مەسىلىسىدە خەلقئارانىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا

ھازىر نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، بۇ يىل ئامېرىكىنىڭ دائىمىي تۈرلەردىكى قىزىل رەقىمىنىڭ 625 مىلياردتىن 650 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا. بۇ دۆلەت ئىچى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ٪ 5.5 ئىنى ئىگىلەيدىكەن.

گەرچە بۇ زور مىقداردىكى قىزىل رەقەم مەڭگۈ داۋاملاشمىسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر بولمىدى دىگەندە قىزىل رەقەمنىڭ يېرىمىنى قىسقارتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنى 2002 - يىلىدىكىدىن ٪ 30 تىن ٪ 35 قىچە تۆۋەنلىتىش كېرەك ئىكەن. رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىرى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا يەنە ٪ 15 ئەتراپىدا داۋاملىق تۆۋەنلىتىلىشى كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.

دوللار چۈشسىمۇ، خەلق پۇلىنىڭ تېگىشىش نىسبىتى ئۆزگەرمىدى

ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پۇل قىممىتىنى چوقۇم يۇقىرى كۆتىرىشى كېرەكلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ھازىرغىچە ئەركىن پۇل قىممىتى تۈزۈلمىسىنى يولغا قويغان رايونلارنىڭ پۇلىدا رۇشەن ھالدا كۆتۈرۈلۈش بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ پۇلىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولماي، دوللار بىلەن بولغان تېگىشىش نىسبىتى ئىلگىرىكى نىسبەتتە تۇرۇپلا قالغان. خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ دېرىكتورى فرەد بېرگستېن (Fred Bergsten ) دائىمىي تۈرلەردە زور ئېشىنچىغا ئىگە خىتاينىڭ چوقۇم خىتاي پۇلى قىممىتىنى قايتا تەڭشىشى زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى.

نيو-يورك شىتاتىدىكى كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مالىيە كەسپى پروفىسسورى دوكتۇر ۋاررېن بېيلى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئەركىن پۇل تۈزۈلمىسىنى يولغا قويىدىكەن، ئۇ ھالدا خىتاي بانكا سېستىمىسىدا نۇرغۇن قالايمىقانچىلىقلار كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بېيلى ئەپەندى سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ بانكا سېستىمىسى ناھايىتى ئاجىز بولغاچقا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئەگەر خەلق پۇلىنىڭ دوللارغا تېگىشىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلسە، بۇنىڭ مەبلەغنىڭ كەڭ كۆلەمدە سىرتقا ئېقىشىنى پەيدا قىلىپ، خەلق پۇلىنىڭ پاخاللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە شۇ سەۋەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاستىدا تېگىشىش نىسبىتىنى تەڭشىگەن تەغدىرمۇ، ئەمما خەلق پۇلى قىممىتىنى ناھايىتى ئاز ئۆستۈرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرى.

ئاۋال پۇل قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاندىن ئەركىن ئۆزگىرىش تۈزۈلمىسىنى يولغا قويۇش

يېقىنقى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ، خىتاينىڭ پۇل قىممىتى ئىسلاھاتىنى خەلقئارانىڭ بېسىمى ئاستىدا ئېلىپ بېرىشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ تەتقىقاتچىسى جون ۋىليامسون بۇ قاراشقا قوشۇلۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەركىن پۇل قىممىتى تۈزۈمىنى دەرھال ئىجرا قىلمىسىمۇ، لېكىن خەلق پۇلى قىممىتىنى بىر قېتىمدىلا ئۆستۈرىشى زۆرۈرلىكىنى، ئاندىن ئاستا-ئاستا ئەركىن بازارنى يولغا قويسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرىشىچە، پولشا، ئىسرائىلىيە، چىلى ۋە كولومبىيە قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ، مۇقىم تېگىشىش تۈزۈلمىسىنى قەدەممۇ-قەدەم ئەركىن تېگىشىش تۈزۈلمىسىگە ئۆزگەرتكەن.

خەلق پۇلى قىممىتى ئاز دىگەندە ٪ 20 تىن ٪ 25 قىچە ئۆستۈرىلىشى كېرەك

ۋىليامسوننىڭ كۆرسىتىشچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا خەلق پۇلى قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە قىلغان تىرىشچانلىقلىرى ھازىرغىچە ھېچقانداق نەتىجە قازانمىغان. خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتوتىنىڭ دېرىكتورى بېرگستېن ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى دەرھال خەلق پۇلى قىممىتىنى تەڭشەشكە ئۈندىشى لازىملىقىنى، بۇ دىگەنلىك خەلق پۇلى قىممىتىنى 20٪ تىن ٪ 25 قىچە يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

كورنېل ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ۋاررېن بېيلى ئەپەندى، گەرچە خىتاي پۇل قىممىتىنى تەڭشىگەن تەغدىردىمۇ، قىزىل رەقەم ۋە زاۋۇت ئىشچىلىرىنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا ئوخشاش نۆۋەتتە ئامېرىكىدا مەۋجۇت بولىۋاتقان بىر يۈرۈش مەسىلىلەرنىڭ يەنىلا ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بېيلى ئەپەندى سۆزىدە، بۇ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنى يىغىنچاقلاپ، ئامېرىكىنىڭ باج سېستىمىسى كىشىلەرنى پۇل يىغىشقا ئۈندىمىگەنلىكى، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ بولسا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى يېڭىلاشقا ياخشى يول ھازىرلىمايۋاتقانلىقى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ كۆپ مىقداردا قەرز ئېلىشى قاتارلىقلارنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خەلق پۇلى قىممىتىنى تەڭشەش خىتاي ئۆزىگىمۇ پايدىلىق

خەلقئارا ئىقتىساد تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر قىسىم تەتقىقاتچىلىرى بولسا، خىتاينىڭ خەلق پۇلى قىممىتىنى تەڭشىشىنىڭ خىتاي ئۆزىگىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ بانكا ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشىغا، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا ۋە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ساغلام ئۆسۈشىگە ياردەمچى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.(پەرىدە)