خىتايدا ئېلان قىلىنغان "مەدەنىيەت خىتاپنامىسى" غا باھا

خىتايدا 9 - ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭ شەھىرىدە "يەر شارىلاشتۇرۇش مەسىلىسى ۋە خىتاي مەدەنىيىتى" دېگەن تېمىدا بىر مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلغان.

بۇ يىغىننى خىتاينىڭ ئۇچۇر - ۋاسستە تارماقلىرى "ئەڭ ئالى دەرىجىلىك مەدەنىيەت مۇھاكىمىسى" دەپ ئاتىدى. بۇ يىغىندا خىتاي كوممۇىست پارتىيىسى قوللايدىغان "دېمۇكراتىيە بىرلەشمىسى" دېگەن پارتىيە گۇروھنىڭ رەئىسى ۋە مەمىلىكەتلىك خەلق قورۇلتېيىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى شۈجالۇ ئەپەندى قاتارلىق 5 كىشىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 72 ئەرباب ئىمزا قۇيۇپ بىر خىتاپنامە ئېلان قىلىنغان. بۇ "مەدەنىيەت خىتاپنامىسى" غا ئىمزا قويغان 72 ئەربابنىڭ ئىچىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيە مەركىزى كومىتىت پارتىيە مەكتىبىنىڭ شىنجاڭ سىنىپىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى بولغان، ھازىر پىنسىيەگە چىققان ئابدىرېيىم رەجەپ ئەپەندىنىڭمۇ ئىسمى بار. يېقىندا خەلقئارادا بۇ "خىتاپنامە" ھەققىدە بىر نەچچە ئوبزور ئېلان قىلىندى.

رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا تۇنۇش بولغان سىياسى مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇا ئەپەندىنىڭ باھا بىرىشىچە، بۇ "مەدەنىيەت خىتاپنامە"نى جاكالىغان ئەربابلارنىڭ ئوي - پىكرى ئەمىلىيەتتىن ئايرىلغان، دەۋردىن ئايرىلغان، ھازىرقى دەۋىر ۋەزىيىتىگە مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. مەدەنىيەت دېگەن تەبىئى ھالدا تارقىلىدىغان، ئىختىيارلىق بىلەن قۇبۇل قىلىنىدىغان ياكى رەت قىلىدىغان نەرسە، ئۇ قايسىبىر ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قورال كۇچى بىلەن تارقىتىلىدىغان ياكى رەت قىلىنىدىغان نەرسە ئەمەس. مىنىڭ ھېس قىلىشىمچە، ـــ دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ـــ بۇ "خىتاپنامە" دە مەدەنىيەتنى ئەمەس، بەلكى زوراۋانلىقنى تەشەببۇس قىلغان.

70 يىل ئىچىدە ئېلان قىلىنغان 3 - قېتىملىق "مەدەنىيەت خىتاپنامىسى"

- 20 - ئەسىرنىڭ ئىچىدە مۇشۇنداق "مەدەنىيەت خىتاپنامسى"دىن ئىككىسى ئېلان قىلىندى، ـــ دەپ بايان قىلىدۇ يۇەن ۋېيشى ئەپەندى "بەس - بەستە سايراش" دېگەن ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ئوبزورىدا، ــــ ئۇنىڭ بىرى 1935 - يىلى 10 نەپەر پىروفوسسور ئىمزا قۇيۇپ ئېلان قىلغان "خىتاينىڭ يەرلىك مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈش خىتاپنامسى". ئىككىنجى قېتىمقىسى، 1958 - يىلى 4 نەپەر پىروفوسسور ئىمزا قۇيۇپ ئېلان قىلغان "خىتاي مەدەنىيىتى ھەققىدە دۇنياغا مۇراجىئەت". ئەمدى بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغىنى 21 - ئەسىرنىڭ بېشىدا، يەنى 2004 - يىلى 9 - ئايدا ئېلان قىلىندى. ئالدىنقى ئىككىسى گومىنداڭ مەركىزى كومىتىت تەشۋىقات مىنىستىرلىكىنىڭ كونتىروللىغى ئاستىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمدى بۇ 3 - قېتىمقىسى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسىنىڭ كونتىروللىقى ئاستىدا ئېلان قىلىندى. بۇ، يېقىنقى 70 يىل ئىچىدە گومىنداڭ بىلەن گوڭچەنداڭ ئارىسىدا ئېلان قىلىنغان 3 - قېتىملىق "مەدەنىيەت خىتاپنامىسى" بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

- ئالدىنقى ئىككىسى، ئاساسەن، خىتايغا كىرىۋاتقان "كوممۇنىزم"نى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان. بۇ قېتىمقىسى بولسا، مەزمۇنى ئەڭ يىغىنجاق، خەت سانىمۇ ئەڭ ئاز بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتايغا غەربتىن ئاللىقاچان كىرىپ بولغان كوممۇنىزمنىڭ ھېمايىچىلىرى ھازىر خىتايغا كىرىۋاتقان ۋە بۇنىڭدىن كېيىن يەنە كىرىدىغان ئۇنىڭدىن ئۆزگە غەرب مەدەنىيىتىنى قاتتىق چەكلەشنى، بۇنى ھۆكۈمەتنىڭ كۇچىغا تايىنىپ ئورۇنلاشنى مەقسەت قىلغان. بۇ خىتاپنامىدا "ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتنى پۈتۈنلەي قۇبۇل قىلىش ياكى قىسمەن قۇبۇل قىلىش ياكى پۈتۈنلەي چەكلەش ھۇقۇقى بار" دەپ خىتاپ قىلىنغان. شۇنداقلا يەنە "ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغدىشىنى، مىللى مەدەنىيەتگە ۋە كۆچۈرۈپ كېلىنگەن مەدەنىيەتكە ھۈرمەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز" دەپ خىتاپ قىلىنغان.

زامانىمىزدا ھۆكۈمەتنىڭ قىلىدىغان ئىش مەدەنىيەتكە چات كېرىۋالماسلىق

ـــ زامانىمىزدا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى قىلىدىغان بىرىدىن - بىر ئىش پۇخرالارنىڭ ئەركىنلىكىنى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش؛ ھۆكۈمەت قىلىشقا بولمايدىغان بىردىن - بىر ئىش ـــ مەدەنىيەتكە مۇداخىلە قىلماسلىق. ــ دەيدۇ يۇەن ۋېيشى ئەپەندى، ـــ ئەگەر مەدەنىيەت ساھەسىدە ھۆكۈمەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار بار دېيىلسە، ئۇ پەقەت مۇئارىپقا، كۈتۈپخانىلارغا، سەنئەت كۆزگەزمىلىرىگە پۇل بۇيرۇپ بېرىش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. چۈنكى مەدەنىيەت دېگەن ئەركىن تەتقىق قىلىنىدىغان، ئەركىن ئىپادىلىنىدىغان، ئەركىن ئالماشتۇرىلىدىغان، ئەركىن رېقابەتكە چۈشىدىغان، ئەركىن ھالدا تاللىۋېلىنىدىغان، ئەمما زورلۇق قىلىشقا بولمايدىغان نەرسە. لېكىن خىتايدا يېرىم ئەسردىن بۇيان بىلىمسىز رۇدىپايلار بىلىملىكللەرنى باشقۇرۇپ كەلدى، ئىلمىي يەكۈنلەرنى ئىلىم ئەھلىلىرى ئەمەس بەلكى بىلىمىسىز رۇدىپايلار چىقىرىپ، ئاخماقلار ئەقىللىقلەرگە سىياسى زىيانكەشلىك قىلىپ كەلدى. بۇ جەھەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ناھيىتى مول تەجرىبىسى بار. ۋاھالەنكى، بۇ "خىتاپنامە"نى تەشەببۇس قىلغان ئەربابلار مۇشۇنداق خەلق سايلاپ چىقمىغان، مۇستەبىت ھۆكۈمەتنى مەدەنىيەتكە چات كىرىۋېلىشقا ۋە باشقا مىللەتلەر رايۇنىغا زورلۇق بىلەن كۈچۈرۈپ بارغان مەدەنىيەتلەرنى قوغداشقا چاقىرغان.

ـــ خىتايدەك باشقا مىللەتنىڭ زىمىنىنى ئېگەللىۋېلىپ، ئۇ جايغا خۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى كۈچۈرۈپ بېرىپ، ئەمدى ئۇنى قوغدايمەن، ئۇنىڭدىن باشقىنى، يەنى شۇ جايدا ئەسلىدە بار ياكى چەتتىن كىرگەن مەدەنىيەتلەرنى رەت قىلىمەن دەۋاتىدۇ.ـــ دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ــــ تېبەتتە، شىنجاڭدا ھۆكۈمەت سىلەرنى خىتاي تىلىنى قوللىنىشقا، "جوڭخۇا مەدەنىيىتى" دېگەن مەدەنىيەتنى قوللىنىشقا زورلاۋاتىدۇ، ئەمما غەرب مەدىيىتىگە كەلگەندە، بىز ئۇنى خىتايغا كىرگۈزمەيمىز دەۋاتىدۇ. بۇنى پارتىيىنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۇقۇقىغا كۇچىغا تايىنىپ قىلماقچى. ئەمىلىيەتتە بۇ ھۆكۈمەت بىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئەمەس. خىتايدا زىيالىلاردا كىشىلىك غۇرۇرى دېگەن نەرسە يوق، ئۇلار ھۆكۈمەتكە تايىنىپ جان بېقىشقا ئادەتلەنگەن. بۇ ئەرباپلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق كىشىلەر. "خىتاپنامە" گە ئىمزا قۇيغان ئەربابلارنىڭ ئىچىدە تەيۋەندىنمۇ بار، خوڭكوڭدىنمۇ بار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى "ئۇلۇق جوڭخۇا" دېگەننى تەشۋىق قىلىشقا تايىنىپ جان باقىدىغان كىشىلەر. ئۇيغۇرلاردىنمۇ بىرەر ئالىمنى ئەمەس، بەلكى بىر شۇجىنى تېپىپ ئارىسىغا قېتىۋاپتۇ.

بۇ خىتاپنامە پەقەت "جوڭخۇا مىللىتى" دېگەن مىللەتنىلا كۆزدە تۇتقان

ــــ خىتايدا "ئەڭ ئالى دەرىجىلىك مەدەنىيەت مۇھاكىمە يىغىنى" دەپ ئاتالغان بۇ يىغىندا، ــ دەيدۇ يۇەن ۋېيشى ئەپەندى، ـــ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى قوللايدىغان "دېمۇكراتىيە بىرلەشمىسى" دېگەن پارتىيە گۇروھنىڭ رەئىسى ۋە مەمىلىكەتلىك خەلق قورۇلتېيىنىڭ مۇئاۋېن رەئىسى شۈجالۇ ئەپەندى قاتارلىق يېشى 70 تىن ئاشقان 5 نەپەر ئەربابنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 72 ئەرباب ئىمزا قۇيۇپ جاكالانغان "مەدەنىيەت خىتاپنامىسى" دا "مىللەتلەر ئارا مەدەنىيەتلىك سۆھبەتلىشىشنى، دۈشمەنلەشمەسلىكنى، كۈچۈرۈپ كېلىنگەن مەدەنىيەتنى چەكلەيدىغان تار مىللەتچىلىككە قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز"، "مەيلى دۆلەت چوڭ بولسۇن ياكى كىچىك بولسۇن، ھەممىسىنىڭ ئۆز مەدەنىيىتىنى، ئىگىلىك ھۇقۇقىنى قوغداش، سىرتتىن كىرگەن مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلىش ياكى قىسمەن قوبۇل قىلىش ياكى تامامەن رەت قىلىش ھۇقۇقى بار"، "شەخسىنى ھەممدىن يۇقۇرى ئورۇنغا قۇيۇشقا، چوڭ مىللەتچىلىككە، ئىقتىساتنى تەرەققى قىلدۇۇرشنى بۇلاش - تالاش خارەكتىرىدە يولغا قويۇشقا قارشى تۇرىمىز"، "ئەركىنلىك، دېمۇكراتىيە، كىشىلىك ھۇقۇق، قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، مىللەتلەرنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكى دېگەن كۆز قاراشنى قۇبۇل قىلىمىز" دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا ئەيتىۋاتقان "مىللەت" ۋە "مەدەنىيەت" خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلىرى ئەمەس، بەلكى پەقەت "جوڭخۇا مەدەنىيىتى" دېگەن بىرلا مەدەنىيەت. خۇددى "خىتاپنامە"دە بايان قىلىنغاندەك "56 مىللەت بىرلىكتە ياراتقان خۇاشا مەدەنىيىتى"دېگەن مەدەنىيەت.

ـــ ئۇلار خىتايدىن باشقا مىلەتنىڭ بۇنداق ھۇقۇقى بارلىغىنى ئېتىراپ قىلمىغان. ـــ دەيدۇ يۇەن ۋېيشى ئەپەندى، ـــ ئۇلار چەتئەللەردە خىتاي بارلىكى جايدا مۇشۇ "جوڭخۇا مەدەنىيىتى" نى كەڭ تەرەققى قىلدۇرۇشنى، كىچىك بالىلاردىن باشلاپ سىڭدۈرۈپ مېڭىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ــــ ھازىر بۇنداق بىر خىتاپنامە ئېلان قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى بار، ــــ دەيدۇ لىن باۋخۇا ئەپەندى، ـــ ئەگەر ھازىر "ئەخلاق خىتاپنامىسى" ئېلان قىلىنسا، مەن قوللايتتىم. چۈنكى ھازىر خىتايدا كىشىلەرنىڭ ئەخلاق - پەزىلىتى بەك ناچارلىشىپ كەتتى، چىرىكلىشىپ كەتتى. خىتاينى ئەخلاقىي جەھەتتى قۇتقۇزىمىز دېسە بولاتتى. ئەمما بۇ ئەربابلار "مەدەنىيەت" دەۋاتىدۇ. ھازىر ‘يەر شارىلاشتۇرۇش" داۋاملىشىۋاتقان دەۋىر، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى تەبىئى ھالدا ئۆز - ئارا بىرى- بىرىگە يېقىنلىشىشقا، مەدەنىيەتلەر تەبىئى ھالدا ساقلاپ قېلىنىشقا يۈزلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بۇ دەۋر مەدەنىيەتنى ھۆكۈمەتنىڭ كۇچىغا تايىنىپ كېڭەيتىدىغان ياكى رەت قىلىدىغان دەۋېر ئەمەس. مىنىڭ قارىشىمچە بۇ "مەدەنىيەت خىتاپنامىسى"نى تەشەببۇس قىلغان شۇ 5 كىشىنىڭ، ھېچبولمىغاندا، خەلققە ئۇچۇق - ئاشكارا ئەيتالمايدىغان بىر سىياسى غەرىزى بارلىغى ئېنىق. ئەمىلىيەتتە بۇ ئەربابلار يەر شارىلاشتۇرۇشتا گۇمرانلققا يۈزلەنگەن ھۆكۈمەتنى قۇتقۇزۇش "مەدەنىيەت"نى كۆتۈرۈپ چىققان. (ۋەلى)