ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قانداق قارايدۇ؟

باش شىتابى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى بولغان "مىراس فوندى جەمئىيىتى" دۈشەنبە كۈنى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسىتىنى مۇزاكىرە قىلدى.

مۇھاكىمە يىغىنىدا ئالدى بىلەن ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورنى بولغان رەند شىركىتىنىڭ مۇتەخەسسىسى جەيمىس مۇلۋەنىن ( James Mulwenon) سۆز قىلدى. ئۇ 1997 - يىلى ئاسىيا ئىقتىسادىي كرىزىسى يۈز بەرگەندىن كىيىن، خىتاينىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە خوشنا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان بىر كۈچكە ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتتى.

خىتاينىڭ دىپلوماتىك تەسىرى كۈچەيگەن

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2002 - يىلىدىن بۇيان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىدە خىتاي ئاساسلىق رول ئوينىغان. بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا قاراتقان ئېكسپورتى تىز سۈرئەتتە ئېشىپ، نەتىجىدە خىتاينىڭ ئاسىيادىكى دىپلوماتىك تەسىرىمۇ بارغانسىرى كۈچەيگەن. مۇلۋەنىن ، بۇ سەۋەبتىن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئەگەر تەيۋەن مەسىلىسىدە توقۇنۇشقان شارائىتتا، ئامېرىكىنىڭ تەلەپلىرىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرماسلىقى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي مىللەتچىلىكىنى باس ئالماسلىقى مۇمكىن

يىغىندا سۆز قىلغان "ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات ئىنىستىتۇتى " نىڭ خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دانىيال بۇلۇمەنسىل (Danial Blumentral)، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنىڭ تېز ئېشىشىنىڭ ئىككى تەرەپتىن كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ھاكىممۇتلەق دىكتاتور سىياسىتى بىلەن زور ئىقتىسادىي كۈچى بىرلەشسە، ئامېرىكىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، دۆلىتى كۈچەيگەندىن كىيىن خىتايلار ئۆزىنىڭ يامان غەرەزلىرى ۋە مىللەتچىلىكىنى باسالماسلىقى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا، ئادولوف گېتلىر گېرمانلارنىڭ پەللىگە چىققان مىللەتچىلىك كەيپىياتىدىن پايدىلىنىپ، فاشىست دۆلەتنى قۇرالىغان.

خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھى بولالمايدۇ

ئۇنداقتا خىتاينىڭ، كەلگۈسىدە بىرىنچى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىن كېيىنكى گېرمانىيىگە ئايلىنىپ قېلىش ئىھتىماللىقى بارمۇ؟ دۆلەت كۈچى ئاشقاندىن كېيىنكى خىتاي بىلەن ئامېرىكا مەنپەئەت توقۇنىشىدىن ساقلىنالامدۇ؟ دىگەن مەسىلىلەرگە قارىتا، خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى دانىيال بۇلۇمەنسىل مۇنداق دىدى:

- خىتاينىڭ قانداق بىر كۈچلۈك دۆلەت بولىشى، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ خاراكتېرىنى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر خىتاي ياۋروپا بىرلىكىگە ئوخشاش بىر كۈچلۈك سىياسىي گەۋدە بولۇپ، پەقەت ئىقتىسادىي جەھەتتىكى گۈللىنىشنىلا قوغلاشسا، ئۇنداقتا ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ توقۇنۇشى ئانچە كۈچلۈك بولمايدۇ. ئەمما، ھازىرقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا، خىتاي ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ تۇتقان يولىنى قوغلىشىدىغاندەك ئەمەس. تەيۋەن مەسىلىسى بۇنى ئېنىق ئىسپاتلايدۇ. بېيجىڭ تەيۋەن بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىشىنى ئەمەس، بەلكى تەيۋەننى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى تەكىتلەۋاتىدۇ. بۇنداق بىر ھالەتتىكى خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھى بولالمايدۇ.

خىتاينىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە سىستېمىسى قۇرۇش پىلانى بار

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق سابىق ئەمەلدارى ئەرك مەكۋەدىن (Erk Mchwaden) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي ئاسىيادىكى بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى جەھەتتە يېڭى بىر پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بولسىمۇ، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىدىكى 10 دۆلەت بىلەن خىتاي، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە بىرلىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا يېڭى بىر بىخەتەرلىك مۇداپىئە سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىش ئىكەن. مۇمكىن بولسا، خىتاي بۇ سىستېمىغا يەنە شىمالىي كورىيە بىلەن موڭغۇلىيىنى قوشۇشنى خالايدىكەن. ئەرك مەكۋەدىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

- مېنىڭچە، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى زاتلار شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىخەتەرلىك مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئاڭلاپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن. ئامېرىكىمۇ ئاساسەن، خىتاينىڭ بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى دېپلوماتىك ئۇرۇنۇشلىرىغا سەل قاراۋاتىدۇ. مېنىڭ ئىگىلىشىمچە، ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى خىتاينىڭ بۇ يېڭى پىلانىنى تېخى ئەستايىدىل ئويلىشىپ باقمىدى. ئەمما مەن كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىشنى خالايمەنكى، بېيجىڭنىڭ دېپلوماتلىرى ماڭا تەسۋىرلەپ بەرگەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا بىخەتەرلىك سىستېمىسى ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. ئامېرىكىنىڭ تەسىرىنىڭ سىرتىدىكى بۇ بىخەتەرلىك سىستېمىسى، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.

كوندىلىزا رايىس تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولسا

يىغىننىڭ ئاخىرىدا " مىراس فوندى جەمئىيىتى" نىڭ ھەربىي ئىشلار مۇتەخەسسىسى جون تاسىك (John Tkachik) سۆز قىلىپ، پات ئارىدا ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغان كوندىلىزا رايىسنىڭ، خىتاينىڭ ئاسىيادىكى تەسىرىنىڭ بارغانسىرى كۈچىيىشىنى چەكلىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇنى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى سىياسىتىنىڭ يېڭى بىر باشلىنىشى دەپ كۆرسەتتى. جون تاسىكنىڭ بىلدۈرىشىچە، كوندىلىزا رايىس خانىم 2000 - يىلىنىڭ باشلىرى " تاشقى ئىشلار ژورنىلى" دا بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىپ، مۇنداق دەپ يازغان:

"خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادا ئوينىغان رولىغا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. ئاسىيا ۋەزىيىتىدە ئۆزىگە پايدىلىق ئۆزگىرىش ياساشنى خالايدۇ". جون تەسىكنىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر كوندىلىزا رايىسنىڭ تۆت يىل ئاۋال يازغان بۇ ماقالىسى بىر خىل يىتەكچىلىك رول ئوينىيالىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چوقۇم ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىناۋىتى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن توسايدۇ. (ئارزۇ)