خىتاي ئۆزىنىڭ ئاتوم قۇۋىتى سانائىتىنى كېڭەيتىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن بەش يىللىق ئىستراتېگىيىلىك ئۇران زاپىسى پىلانى تۈزۈپ چىققان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا كومىتېتىنىڭ ئون بىرىنچى بەش يىللىق ئاتوم سانائىتى پىلانى' دەپ ئاتالغان پىلانىدا، خىتاينىڭ ئونلىغان ئاتوم ئېنېرگىيىسى زاۋۇتلىرى ئەۋلات يېڭىلايدىغانلىقى، 2006 - يىلىدىكى 6 مىليون كىلوۋاتلىق سەۋىيىنى 2020 - يىلىغىچە 40 مىليون كىلوۋاتلىق سەۋىيىگە يەتكۈزىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئىشەنچلىك سەۋىيىسىنى ھازىرقى 1% تىن 4 % غا يەتكۈزىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئۇران زاپىسى پىلانى، 'شىنخۇئا ئاگېنتلىقى' ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، ئۆزىنىڭ ۋە سىرتتىن ئىمپورت قىلىدىغان ئۇران مەھسۇلاتلىرىنى نەچچە ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇيىل 1- ئايدا ئاۋسترالىيە بىلەن ئۇران ئىمپورت قىلىش كېلىشىمى تۈزگەندە، ئۆزىنىڭ ئۇران زاپىسى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇران زاپىسىنىڭ 40% نى تەشكىل قىلىشى لازىملىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. (ۋەلى)