كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى بىر زوراۋان گۇرۇھ، ئۇ تىكلىگەن يەرلىك ئەمەلدارلارمۇ نومۇسسىز يالغانچى


2008.03.20

تەيۋەندە 3 ‏ - ئاينىڭ 22 ‏ - كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ تەييارلىقى ھازىر نورمال داۋاملىشىۋاتىدۇ؛ تەيۋەن ھازىر تىبەتلەرنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇشىغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى قىزغىن قوللاۋاتىدۇ؛ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىمۇ تىبەتلەرنىڭ كوممۇنىست زۇلۇمىغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى قوللاۋاتىدۇ؛ خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، تىبەتنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لاماغا تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىدىنلا ئەمەس، بەلكى تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىدىنمۇ ۋاز كەچسە، ئاندىن ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلاۋاتىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيىدىكى ھەربىي بازىسىدا تۇرۇۋاتقان 'كىچىك لاچىن' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپى تىنچ ئوكيانغا چىقىپ، تەيۋەن ئارىلىغا يېقىن جايلاردا نورمال ھەربىي مەشق باشلىدى. بۇ ھەقتە خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى تارىخىنى تەتقىق قىلىش جەھەتتە تونۇلغان، ھازىر تەيۋەندە تۇرۇۋاتقان مۇستەقىل يازغۇچى، سىياسىي مۇلاھىزىچى لىن باۋخۇئا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىرقى خىتاي - تەيۋەن - تىبەت - ئۇيغۇر - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلان قىلدى.

خىتاي ھازىر ئامېرىكا ئارقىلىق تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى باسماقچى

ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدە، لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكىغا'تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇش - بولماسلىقى ھەققىدە ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشنى ئېلىپ بارماسلىق كېرەك' دەپ شەرت قويۇپ، ئامېرىكا ئارقىلىق تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى باسماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى بىر ئالاھىدىلىك.

ئەمەلىيەتتە تەيۋەن بىر دېموكراتىك دۆلەت، پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىش، ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇش دېگەن ناھايىتى نورمال دېموكراتىك پائالىيەت، ئۇ زوراۋانلىق ھەرىكەت ئەمەس، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە 'زوراۋانلىق قىلدى' دەپ تۆھمەت چاپلايدۇ، ئەمەلىيەتتە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆزى زوراۋانلىق گۇرۇھى، ئۇنىڭ باشقىلارنى 'زوراۋانلىق قىلدى' دېيىشى ھەرگىزمۇ پۇت تېرىپ تۇرالمايدۇ. مېنىڭ قارىشىمچە، ئامېرىكا ئەگەر تەيۋەندە ئومۇم خەلق ئاۋاز قويۇشقا قوشۇلمىغان تەقدىردىمۇ، خىتاينىڭ تەيۋەنگە قورال ئىشلىتىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ. شۇڭلاشقا، ھازىرقى ۋەزىيەتتە، ئامېرىكىنىڭ 'كىچىك لاچىن' ئاۋىئاماتكا ئۇرۇشچى پاراخوتلار توپىنىڭ تەيۋەن ئەتراپىغا يېقىنلىشىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس، بەلكى شۇنداق قىلىشى كېرەك.

تەيۋەن ھازىر تىبەتنى قىزغىن قوللاۋاتىدۇ

تەيۋەن - تىبەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە، لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، تىبەت ھازىرمۇ خىتاينىڭ بىر قىسمى، تەيۋەن تېخى ئەمەس، بۇ تەيۋەن بىلەن تىبەتنىڭ ئوخشىمايدىغان يېرى. ئەمما تەيۋەن بىلەن تىبەت ئوخشاشلا دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە شۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭمۇ، تىبەتنىڭمۇ مۇستەقىللىقىغا، ھەتتا ئاپتونومىيە يۈرگۈزىشىگىمۇ قارشى تۇرۇۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا، تەيۋەن ھازىر تىبەتنى قىزغىن قوللاۋاتىدۇ، بۇنى خىتاي كەلتۈرۈپ چىقاردى. چۈنكى ئېزىلگەن خەلقلەر ھامان بىر - بىرىنى قوللاشقا مەجبۇر.

گەرچە دالاي لاما مۇستەقىل بولمايمىز، دەپ تۇرسىمۇ، خىتاي يەنىلا ئۇنى 'مۇستەقىل بولماسلىققا ۋەدە بېرىشى كېرەك، تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولماسلىقىغىمۇ ۋەدە بېرىشى كېرەك' دەۋاتىدۇ. بۇنداق شەرتنى تەيۋەنگە قويماي دالا لاماغا قويغانلىقى، بۇ بىر يولسىزلىق! دالاي لاما خىتاينىڭ بۇ شەرتىنى رەت قىلدى. ئۇ تەيۋەن خەلقنىڭ رايىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، تەيۋەنمۇ تىبەت خەلقنىڭ رايىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. تەيۋەندە 3 ‏ - ئاينىڭ 17 ‏ - كۈنىدىن باشلاپ ھەر كۈنى كەچتە شام نۇرىدا تىبەتكە مۇۋەپپەقىيەت تىلەش پائالىيىتى بولۇۋاتىدۇ، مانا بۇ خەلقنىڭ رايى. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى ئەلنىڭ خەلقىنى خىتاينىڭ ئادالەتسىزلىكى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە قوپاللىق قىلىۋەرسە، بۇ ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدۇ

تەيۋەن - تىبەت - ئۇيغۇر مۇناسىۋىتى ھەققىدە، لىن باۋخۇئا ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەتكە، تەيۋەنگە مۇشۇنداق قوپاللىق قىلىۋەرسە، بۇ ئۇيغۇرلاردىمۇ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇ ئۈچ ئەلنىڭ ئۆز - ئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى مۇمكىن. گەرچە بۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىساممۇ، ئەمما ئۇلارنىڭمۇ قانداقلا بولمىسۇن بىر خىل شەكىل بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتا قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

خۇ جىنتاۋ قايتىدىن رەئىس بولۇپلا يەنە تىبەتنى باستۇرۇشقا كىرىشتى

لىن باۋخۇئا ئەپەندى خۇ جىنتاۋ نىمۇ تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، 1989 ‏ - يىلى تىبەتتە قوراللىق قىسىملارغا قوماندانلىق قىلىپ تىبەتلەرنى باستۇرغان خۇ جىنتاۋ ھازىر يەنە قايتىدىن رەئىس بولۇپ سايلاندى، دېيىلگەندە، تىبەتتە يەنە باستۇرۇش باشلاندى. ھازىرقى باستۇرۇش تەدبىرلىرى بۇرۇنقىغا ئوپمۇ - ئوخشاش، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق. ھازىر يەنە تېخىمۇ كۆپ ھەربىي قىسىملار تىبەتكە كىردى. بۇ‏ - ‏ - خۇ جىنتاۋ ھوقۇق تۇتۇپ تۇرسىلا تىبەتنى داۋاملىق باستۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر تىبەتكە قوللانغان تەدبىرى 4 ‏ - ئىيون ۋەقەسىدىكى بىلەن ئوخشاش

لىن باۋخۇئا ئەپەندى تىبەت نامايىشى بىلەن 1989 ‏ - يىلىدىكى 4 ‏ - ئىيون ۋەقەسىنى سېلىشتۇردى، ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ زۇلۇمىغا چىدىمىغان تىبەت لامالىرى نامايىشقا چىقتى. ئۇلارنى كوممۇنىست پارتىيە باستۇردى. باستۇرغاندىن كېيىن ئۇلارمۇ قارشىلىق كۆرسەتتى. توقۇنۇش بولغاندا ئادەم ئۇرۇش، ھەتتا ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسى كېلىپ چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئەسلىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپ قوراللىق باستۇرغان، ئادەم ئۆلتۈرگەن.

يەنە بىر تەرەپ قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن ۋەقەنى بىر تەرەپلىمە ھالدا ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىلغىنىنى كۆرسەتمەي، يەنە بىر تەرەپنىڭ قارشىلىق قىلغىنىنىلا كۆرسىتىپ، ۋەقەنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ 'خەنزۇ خەلقىنى ئۆلتۈردى' دەپ تىبەتلەرگە تۆھمەت چاپلاۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى 'باستۇرۇشقا مەجبۇر بولغان' قىلىپ كۆرسىتىۋاتىدۇ. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خۇددى 4‏ - ئىيون ۋەقەسىدە قوللانغان ھېلە - نەيرەڭلىرى بىلەن ئوپمۇ - ئوخشاش.

خىتاي ھۆكۈمىتى تاللىۋالغان يەرلىك ئەمەلدارلار نومۇس قىلمايدىغان يالغانچىلار

لىن باۋخۇئا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەردىن ۋە ئۇيغۇرلاردىن قانداق شەخسنى تاللاپ يېتىشتۈرگەنلىكى ھەققىدە توختالدى. خىتاي ئارمىيىسىنىڭ برونىۋىكلىرى، ھەربىيلىرى كوچىلاردا ئوق چىقارغان كۆرۈنۈشلەرنى ھەممە ئادەم ئېنىق كۆردىغۇ!‏ - ‏ دەيدۇ لىن باۋخۇئا ئەپەندى مۇلاھىزىسىدە، ‏ - ‏ تىبەتنىڭ ئاپتونوم رايون رەئىسى شامبا پىنسو 'ھەربىي قىسىملار تىبەتتە كۇچا سۈپۈرگەن' دېدى، ‏ - ‏ ئازادلىق ئارمىيىنىڭ برونىۋىكلىرى ئەخلەت ماشىنىسىمىدى؟ بۇ كىشى ئىزار تارتماي بۇنداق بىمەنە گەپلەرنىمۇ قىلالىدى. كوممۇنىست پارتىيە تىبەتلەردىن، ئۇيغۇرلاردىن تاللىۋالغان ئەمەلدارلار مۇشۇنداق بىلىمى تۆۋەن، مېڭىسى يوق، سۆز تېكىستىنى يېزىپ بەرمىگەندە، ئۆزى سۆز قىلسا، تانكا بىلەن خەلقنى باستۇرغاننى كۇچىلاردا تازىلىق قىلدى، دەيدىغان بىمەنا سۆزلەرنى قىلىدۇ، بۇ ھازىر خەلقئارالىق چاقچاققا ئايلاندى. بىر مىللەتنىڭ رەھبىرى مۇشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى، بىر ئېچىنىشلىق ئەھۋال، بىر مىللەت مۇشۇنداق ئادەملەرگە تايىنىپ قانداقمۇ ئاپتونومىيە يۈرگۈزەلەيدۇ؟ بۇنداق كىشىلەر پەقەت غالچا بولالايدۇ، ئۆزىگە - ئۆزى خوجا بولالمايدۇ، بۇنداق ئەھۋال خوڭكوڭدىمۇ بار. مانا بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتونومىيە يۈرگۈزۈۋاتقان جايلاردىكى پاجىئە. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.