خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئېچىلىش" ژۇرنىلى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزىتىش ژۇرنىلى" قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا بىر نەچچە مىڭ يىللىق گىرەلىشىپ كەتكەن مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى مەۋجۇت. بۇددىزم ئەنئەنىلىرى ھەققىدە سۆز ئېچىلسا، بۇ ئىكى دۆلەت ئۆزلىرىنى قېرىنداشتەك ھېس قىلىدۇ. ئەمما تەبىئىي سۇ بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە سۇ مەنبەلىرىنى قوغداشتىن ئىبارەت رىيال مەسىلىگە كەلگەندە، ئۆز - ئارا جەڭ قىلىش ئۈچۈن جىددىي ھەربىي ھالەتكە ئۆتىدۇ. مەسىلەن، 1962 - يىلىدا خىتاي -ھىندىستان ئوتتۇرىسىدا چېگرا ئۇرۇشى يۈز بەرگەن ئىدى؛ 2000 - يىلىدا يەنە خىتاي - ھىندىستان چېگرا قىسىملىرى جىددىي ھەربىي ھالەتكە ئۆتكەن ۋەقە يۈز بەردى. تېگى - تەكتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە، بۇ ۋەقەلەر تەبىىئىي ئېقىنلاردىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى زىددىيەت ئاساسىدا پەيدا بولغان. خىتاي بىلەن ھىندىستان بۇ يىل يەنە ئىستراتېگىيىلىك دوستلۇق جاكارلاشتى. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە ھەرگىز يول قويۇشمايدىغان قىيىن مەسىلە، يەنى تەبىئىي سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش مەسىلىسى يەنىلا مەۋجۇت. ھىندىستان خەلقنىڭ ھايات -ماماتلىقىغا بىۋاستە تاقىشىدىغان سۇ مەنبەسى مەسىلىسىدە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنى مۇرەسسەگە كېلىدۇ دەپ پەرەز قىلىش قىيىن.
ھىندىستاننىڭ ئۆزىنىڭ سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشىغا خىتاي نېمە ئۈچۈن قارشى تۇرىدۇ؟
خىتايدا "سەنشا قۇرۇلۇشى" تاماملانغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بېيجىڭ، تيەنجىن قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرگە جەنۇب تەرەپتىن سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشقا باشلىدى. خىتاي بۇ پىلاننى "جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش" دەپ ئاتايدۇ. خىتاي بۇ پىلان بويىچە، جەنۇب تەرەپتىن شىمالغا سۇ يۆتكەيدىغان شەرقىي لىنىيە، ئوتتۇرا لىنىيە، غەربىي لىنىيە دەپ ئاتىلىدىغان 3 لىنىيە قۇرماقچى. خىتاي ھازىر 'تەبىئەتنى بوي سۇندۇرىدىغان' بۇنداق ئاجايىپ ئىشنى قىلماقچى بولغانلىقى بىلەن پەخىرلەنمەكتە. خىتاينىڭ "جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش" دېگەن پىلانىدىن ھازىر خېلى كۆپ كىشىلەرنىڭ خەۋىرى بار، ئەمما 2020 - 30 يىلىغا كەلگەندە خىتاينىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسى سۇ يېتىشمەيدىغان رايونغا ئايلىنىدىغانلىقىدىن تېخى خەۋىرى يوق. بۇنى خىتاي ئۆزى ئاللىقاچان ئىسپاتلاپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچۇرنى ئۆز خەلقىغە تېخى ئاشكارىلىمىدى. خىتاي ھازىر كەلگۈسىدىكى سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، غەربىي جەنۇب تەرەپتىكى بىرمۇنچە دەريالارنى توغانلاپ، ئۇنىڭ سۈيىنى چاڭجياڭ دەرياسىغا قوشۇلىدىغان قىلماقچى. خىتاي كەلگۈسىدە توغانلاپ سۈيىنى چاڭجياڭ دەرياسىغا قوشماقچى بولغان غەربتىكى دەريالارنىڭ بىرى دەل تىبەتتىكى يالۇنزەمپو دەرياسى. ھازىر ھىندىستان پىلانلاۋاتقان سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، سۇ ئامبىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ئىككى چوڭ قۇرۇلۇشمۇ تىبەتتىن ھىندىستانغا ئېقىپ كېلىپ، ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شتاتىدىكى ئېقىنلار بىلەن قوشۇلۇپ ھاسىل بولىدىغان براخماپۇترا دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسىدىن پايدىلىنىدىغان قۇرۇلۇشلار. دېمەك، ھىندىستاندا ھازىر داۋاملىشىۋاتقان سۇ قۇرۇلۇشلىرى سەۋەبىدىن خىتاينىڭ 'جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش' پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى، شۇنداقلا، ئەگەر خىتاي يالۇنزەمپو دەرياسىنى توغانلىسا، ھىندىستاننىڭ سۇ قۇرۇلۇش پىلانىمۇ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقى تەبىي. بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن ھىندىستان بىر - بىرىگە يول قويامدۇ؟
خىتاي شىمالغا يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقان سۇنىڭ كۆپىنچىسى ھىندىستاندا
"خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا "جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش" دېگەن پىلاننى دەسلەپتە خىتاي سۇ ئىشلار مىنىسىتىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى گوكەي ئەپەندى بىلەن يەنە بىر ئەمەلدارى جاڭ بىنشىن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ كىشىلەر "جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش" قۇرۇلۇشى دېگەننىڭ ئەمەلىيەتتە كاپالەتكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئۆزلىرى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار يوللىغان دوكلاتتىمۇ " 2020 -يىلىغا كەلگەندە چاڭجياڭ دەرياسىدا شىمالغا يۆتكىگىدەك سۇ قالمايدۇ، شۇڭلاشقا دۆلىتىمىز ھازىر چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيىنى كۆپەيتىشنىڭ چارىسىنى قىلمىسا بولمايدۇ" دەپ ئېنىق بايان قىلىنغان. خىتاي شىمالغا يۆتكەشنى پىلانلاۋاتقان سۇ ئەمەلىيەتتە ھىندىستان تەۋەسىدىكى سۇ، يەنى خىتاي ھىندىستاننىڭ براخماپۇترا دەرياسىنىڭ تەبىئىي ئېقىنغا قوشۇلىدىغان تىبەتتىكى يالۇنزەمپو دەرياسىنى توغانلايدىغان، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭدىن 210 مىليارد كۇپ مېتىرلىق ئېقىن سۇنى خىتاينىڭ چاڭجياڭ دەرياسىغا تاغلارنى تېشىپ قانال ياساپ ئېقىتىپ كېلىپ قوشۇۋالىدىغان پىلان. بۇنىڭغا ھىندىستان يول قويامدۇ؟ (داۋامى بار) (ۋەلى)