خىتاي بىلەن ھىندىستان بۇ يىل يەنە ئىستراتېگىيىلىك دوستلۇق جاكارلىدى. ئەمما بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىر - بىرىگە ھەرگىز يول قويمايدىغان قىيىن مەسىلە، يەنى تەبىئىي سۇ مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىش ۋە ئۇنى قوغداش مەسىلىسى تېخى ھەل قىلىنغىنى يوق. بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بۇرۇن يۈز بەرگەن جىددىيلىكلەر، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا، سۇ مەنبەلىرىگە ئىگىدارچىلىق قىلىش جەھەتتىكى زىددىيەت ئاساسىدا تەرەققى قىلىپ پەيدا بولغان.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان "ئېچىلىش" ژۇرنىلى، ئامېرىكىدا چىقىدىغان "كۆزىتىش ژۇرنىلى" قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىلەردە بايان قىلىنىشىچە، ھىندىستان خەلقىنىڭ ھايات -ماماتلىقىغا بىۋاستە تاقىلىدىغان سۇ مەنبەسى مەسىلىسىدە، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنى مۇرەسسەگە كېلىدۇ مۇمكىن دەپ پەرەز قىلىش قىيىن.
خىتاينىڭ 'جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش' دېگەن پىلانىنىڭ تەپسىلاتى
"خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ "جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش" دېگەن پىلانىنى خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى خې زولىن ئەپەندى جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاياتلىق يولى دەپ تەسۋىرلەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ پىلان بويىچە بولغاندا، تىبەتتىكى يالۇنزەمپو دەرياسىنى توغانلاپ، ئۇنىڭدىن 210 مىليارد كۇبمېتىر ئېقىن سۇنى خىتاي ئۆزى سۇ ئامبىرى قۇرۇپ ساقلاپ ياكى تاغلارنى تېشىپ قانال ياساپ ئېقىتىپ كېلىپ چاڭجياڭ دەرياسىغا قوشۇلىدىغان قىلىش كېرەك. چىڭخەيدىكى كۆكنۇر، سايدام كۆللىرىدىكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى جۇڭغار ئويمانلىقى بىلەن ئالاتاۋ تاغ تىزمىلىرى ئارىسىدىكى ئېقىنلارنى توغانلاپ، ئىچكى موڭغۇلىيىدىن ئېقىتىپ كېلىشكە بولىدىغان سۇ مەنبەلىرىدىنمۇ تولۇق پايدىلىنىپ، ئۇنى بىۋاستە خىتاينىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋە خىتاينىڭ مەڭگۈلۈك مەنپەئەتى چاڭجياڭ، خۇئاڭخېدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دەريانىڭ سۈيىنى ئۇلغايتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كېرەك. خىتاي ئاكادىمىكىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، مۇشۇنداق قىلغاندا ئاندىن سەددىچىن ئىچىدىكى خىتاي زېمىنىنى مەڭگۈ ياشىرىپ تۇرىدىغان قىلىش مۇمكىن. خىتاي ئاكادېمىكى خې زولىن ئەپەندىنىڭ تەكلىپىدە يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرگە شەرق، جەنۇب تەرەپلەردىن ئېقىپ كېلىدىغان ئېقىنلارنىمۇ توغانلاش لازىملىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداق قىلغاندا ئاندىن خىتاي يەنە 2 مىليارد مو يەردىن پايدىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن 160 مىليون خىتاينى ئۇزۇقلاندۇرىدۇ، بۇ 'خىتاي مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ھايات يولى' دېيىلگەن. بۇ لايىھىنى جاڭ زېمىن 1998 -يىلى 5 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تەستىقلىغان. خىتاينىڭ دېڭ شاۋپىڭ قاتارلىق سىياسىي قېرىلىرى ئالقىشلىغان. خىتايدىكى بۇ ئەربابلار جۇغراپىيە جەھەتتە ئەقەللىي ساۋاتقىمۇ ئىگە بولمىغان كىشىلەر ئەمەس. بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى شۇكى، بۇ لايىھىنى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىدىن 100 دىن ئارتۇق گېنېرال دەرىجىلىك ئوفىتسېر قوللاپ چىققان. ھازىر خىتاينىڭ 69 تەتقىقات ئورگىنى بۇ پىلان ئۈستىدە ئىشلەۋاتىدۇ. خىتاينىڭ كەلگۈسىدە 'جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش' دەپ ئاتالغان بۇ پىلانى، ئەمەلىيەتتە پۈتۈنلەي ھىندىستاننىڭ ۋە باشقا ئەللەرنىڭ زېمىنىدىكى سۇ مەنبەلىرىنى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئىشلىتىش خىيالىغا ئاساسەن لايىھىلەنگەن.
خىتاي بىلەن ھىندىستاننىڭ "ئىستراتېگىيىلىك سەپداش" لىقى سۇ مەنبە توقۇنۇشىئىنى ھەل قىلامدۇ؟
" خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتايدا "جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا يۆتكەش" دېگەن پىلاننى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ پىلاننى جۇڭخۇئا مىللىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاياتلىق يولى دەپ ئاتىغان خىتاي ئاكادېمىكى خې زولىن ئەپەندىنىڭ تەسۋىرلىشىچە، تىبەت رايونى ھىندى ئوكياننىڭ نەم ھاۋاسى قاپلىغان رايون، ھۆل - يېغىن مىقدارى مول، شۇڭلاشقا تىبەت ئېگىزلىكىدە تەبىئىي مۇزلۇق ياكى قاتما ھالەتكە ئۆتكەن دېڭىز سۈيى زاپىسى ئىنتايىن مول. ئۇنىڭ دوكلاتىدا يەنە "يالۇنزەمپو دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى خىتاي - ھىندىستان چېگرا رايونىدا ھۆل - يېغىن مىقدارى 5000 مىللىمېتىر " دەپ تەسۋىرلەنگەن. ئەمەلىيەتتە تىبەتنىڭ جەنۇبتىكى رايونلىرىدا يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1600 - 2000 مىللىمېتىر ئەتراپىدا. گەرچە بۇ رايوندىكى سۇ زاپىسى خۇددى خىتاي ئاكادېمىكى خې زولىن ئەپەندى مۇبالىغە قىلغاندەك ئۇنداق كۆپ بولمىسىمۇ، بۇ رايون يەنىلا سۇ بايلىقى مول رايون ھېسابلىنىدۇ. خىتاي گەرچە مۇشۇ سۇ بايلىقىنى چاڭجياڭ دەرياسىغا قوشۇۋېلىشنى پىلانلاۋاتسىمۇ، ئەمما بۇ سۇ بايلىقىنىڭ ھەممىسى "مىكماخون سىزىقى" نىڭ جەنۇبىدا، يەنى خىتاي كونترول قىلىدىغان رايوندا ئەمەس، پۈتۈنلەي ھىندىستان كونترول قىلىدىغان رايوندا. خې زولىن ئەپەندى خىتايدا نەشر قىلىنغان خەرىتىگە ئاساسلانغان. ئەمما ئۇ خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان خەرىتە ئەمەس. خەلقئارادا ئادەتتە خىتاي - ھىندىستان چېگرىسى 'مىكماخون سىزىقى' بىلەن ئايرىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 'خىتاينىڭ مۇقەددەس زېمىنى' دەۋالغان رايون يالۇنزەمپو دەرياسى ھىندىستانغا ئېقىپ كىرىدىغان ئايلانمىدىكى مۇنبەت جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ جايلار ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال شتاتىنىڭ تەۋەلىكىدە. 'تالاش - تارتىشتىكى رايون' دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ رايوننىڭ يەر كۆلىمى 920 مىڭ كۋادىرات كىلومېتىر، بۇ زېمىن خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ 1% گە تەڭ، تەيۋەن زېمىنىدىن 3 ھەسسە چوڭ. بۇ زېمىندىكى نوپۇس سانى تىبەتنىڭ نوپۇس سانىدىن 3 ھەسسە كۆپ.
" خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي - ھىندىستان چېگرىسى دەپ ئاتىلىدىغان چېگرا سىزىقى ئەنگلىيىلىك مىكماخون ئۆلچەپ نەشر قىلدۇرغان خەرىتىگە ئاساسەن، 1914 - يىلى 3 - ئايدا ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بېرىتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان چېگرا سىزىقى. ھىندىستان 1950 -يىلىدىن كېيىن )كوممۇنىزم يېغىلىقىدىن كېيىن( ئۆز چېگرىسىنى كۆزىتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھېس قىلىشقا باشلىغانلىقتىن، بۇ چېگرا سىزىقىنى 1953 - يىلىدىن باشلاپ ئۆزىنىڭ ھەربىي كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدى. ئەمما خىتاي 'مىكماخون سىزىقى' دەپ ئاتىلىدىغان چېگرا سىزىقىنى ئېتىراپ قىلماي كەلگەنلىكتىن، ئاخىر 1962 - يىلى، خىتاي "ئۆزىنى قوغداپ قايتارما زەربە بېرىش جېڭى " دېگەن ئۇرۇشنى قوزغاپ مىكماخون سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ھىندىستان زېمىنىنى تارتىۋالدى. گەرچە خىتاي قوشۇنلىرى شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا تارتىۋالغان زېمىنلارنى بىر نەچچە كۈندىن كېيىن تاشلاپ كەينىگە چېكىنىپ بۇ رايوندىن چىقىپ كەتكەن ۋە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ رايونلارغا قايتا كىرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما مىكماخون سىزىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ھىندىستان زېمىنىنى ھازىرغا قەدەر "خىتاينىڭ زېمىنى" دەپ تەكرارلاپ كېلىۋاتىدۇ. " خىتاي- ھىندىستان ئىستراتېگىيىلىرىدىكى ئەڭ قىيىن مەسىلە" دېگەن مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ھازىر پىلانلاۋاتقان جەنۇبتىن شىمالغا سۇ يۆتكەيدىغان قۇرۇلۇش، ئەمەلىيەتتە، پەن- تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىدىغان قۇرۇلۇش. خىتاي جەنۇبتىن شىمالغا يۆتكىمەكچى بولىۋاتقان سۇ، خۇددى خىتاي دەۋاتقاندەك 'غەربىي جەنۇبتىكى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ۋە تىبەتنىڭ سۈيى' ئەمەس، بەلكى ھىندىستاننىڭ كونتروللىقىدىكى رايونلار ئىچىدىكى سۇ. بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بۇ مەسىلىنى قانداق ۋاستە قوللىنىپ ھەل قىلىدۇ؟ خىتاي يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرگە ئېقىپ كىرىدىغان تەبىئىي ئېقىنلارنى توغانلاش پىلانىنى قانداق ۋاستە بىلەن ھەل قىلىدۇ؟ بۇنى ھازىر تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن. (تۈگىدى) (ۋەلى)