خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تارىخى نۇقتىنەزەرلىرى

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە دۆلەت كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭمۇ تېز سۈرەتتە كۈچىيىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك كېڭىيىۋاتقانلىقى خەلقارا جەمىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.
خىتاي مىللەتچىلىكىدە خىتاينىڭ تارىخ، زېمىن ۋە مەدەنىيەت چۈشەنچىلىرى مۇھىم نەزەرىيىۋى ئاساس ياراتقان بولۇپ، خىتاي مىللەتچىلىكىگە خاراكتېر جەھەتتىن قانداق تەبىر بېرىش مەسىلىسىدە تۈرلۈك كۆز قاراشلار مەۋجۇت . ئىلگىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ داھىسى ماۋ زېدوڭ ئۇنى "چوڭ خەنزۇچىلىق" دەپ ئاتىغان بولسا، چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرى ۋە سىياسىيونلىرى ئۇنى "خىتاي شوۋىنىزىمى" دېگەن نام بىلەن خاراكتېرلىگەن ئىدى.
خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تۈپ ئىدىيىسى "چوڭ جۇڭگو ۋە ياكى بۈيۈك جۇڭگو" نەزەرىيىسىنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇ دائىم تارىخىي ئويدۇرمىلارغا جۈملىدىن خىتاي مىللىتىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى ۋە ئاتالمىش ھازىرقىدىنمۇ زور بولغان جۇغراپىيىلىك تېررىتورىيىسى قاتارلىقلارغا ئىشىنىدۇ.
تارىختىكى خىتاي بىلەن بۈگۈنكى خىتاينى ئارىلاشتۇرىۋېتىدۇ شۇنىڭدەك خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ قۇرغان دۆلەتلىرىنى ئېتىراپ قىلماستىن، ئۇنى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە قارايدىغان يەرلىك ھاكىمىيەتلەر دەپ قارايدۇ.
بۇ مەسىلىلەردە خىتاي مۇتەخەسسىسى ساۋ چاڭ چىڭ بىلەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى قاھار بارات ئەپەندىلەر ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي تارىخى مىللەتچىلىكىنى تەنقىد قىلدى.