خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ زېمىن نەزىرىيىسى ھەققىدە
خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ تۈپ ئىدىيىسى "چوڭ جۇڭگو ۋە ياكى بۈيۈك جۇڭخۇا" نەزەرىيىسىنى ئاساسىي قىلغانلىقى ئۈچۈن، خىتاي مىللەتچىلىرى دائىم تارىخىي ئويدۇرمىلارغا جۈملىدىن خىتاي مىللىتىنىڭ شانلىق ئۆتمۈشى ۋە ئاتالمىش ھازىرقىدىنمۇ زور بولغان جۇغراپىيىلىك تېررىتورىيىسى ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قەدىمى مەدەنىيەتلىك خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە مەدەنىيەت تارقاتقانلىقى قاتارلىقلارغا ئىشىنىدۇ ھەمدە ئۇنى تەرغىپ قىلىپ، ھەر بىر خىتاي پۇقراسىنىڭ ئېڭىغا قۇيۇشقا تىرىشىدۇ.
خىتاي مىللەتچىلىكى خىتاينىڭ ئەسلى زېمىن نەزىرىيىسى، تارىخ نەزىرىيىسى ، دۆلەتچىلىك نەزىرىيىسى، مەدەنىيەت نەزىرىيىسى ۋە مىللەت نەزىرىيىسى قاتارلىق كۆپ تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. بۇ نۇقتىئىنەزەرلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتاي مىللىتىنىڭ قەددىنى كۆتۈرۈش، ئۇنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار، ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە قۇدرەتلىك مەملىكەت ۋە مىللەت قىلىشتىن ئىبارەت غايە ئاساسىي ئورۇننى ئىگىلىگەن.
خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ زېمىن نەزىرىيىسى
خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئەسلى تېررىتورىيىسى بۈگۈنكىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنلىرى چەتئەل جاھانگىرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ بۆلۈۋېلىنغان. خىتاي مىللىتىنىڭ ئەجدادلىرى قوڭخۇا مىللىتى ئۈچۈن بەش مىڭ يىللىق ئۆچمەس ئىمپېرىيە قۇرۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بۈگۈنكىلەر ئەجدادلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى لازىم.
خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە كەلگۈسىدىكى خىتاي يەنى ئۇلارنىڭ تىلى بويىچە كەلگۈسىدىكى قوڭخۇانىڭ تېررىتورىيىسى ھازىرقىدىنمۇ كەڭ بولۇپ، ئۇ چەتئەل جاھانگىرلىرى تارتىۋالغان بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خىتاي تىلىدىكى ئىنتېرنېت تورلىرى ئىچىدە خىتاي مىللەتچىلىكىنى تارقىتىدىغان كۆپلىگەن تور بەتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، شۇلارنىڭ ئىچىدىكى "جوڭخۇا قەھرىمانلىرى" دەپ ئاتالغان تور بەتتىكى تەشۋىقاتلارنىڭ بىرىدە خىتاي مىللەتچىلىكىنىڭ زېمىن چۈشەنچىسى ھەققىدە تەبىر بېرىلگەن . ئۇنىڭدىكى مەلۇمات بويىچە ئالغاندا، خىتاينىڭ شەرقىي شىمالى، شىمالىي، غەربىي ۋە جەنۇبىي قىسىملىرىدىكى كۆپ زېمىنلار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان . تارىختىكى خەن ۋە تاڭ سۇلالىسى ئىگىلىگەن زېمىنلار ئەسلى جۇڭگونىڭ تۇپراقلىرىدۇر.
ئۇلارنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە جۇڭگونىڭ زېمىنىنى ئەڭ كۆپ بېسىۋالغان دۆلەت بولۇپ، ئۇ جۇڭگونىڭ بىر مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق تۇپرىقىنى تەڭسىز شەرتنامىلەر ئارقىلىق تارتىۋالغان.
خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ نەزىرىدە، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرقىدىكى خىتاينىڭ خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىمالى بىلەن تۇتىشىدىغان خاباروۋسكىي، بلاگاۋېشېنسكىي ھەمدە ئۇسسۇرىي دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ۋلادىۋوستوك، ساخالىن ئارىلى قاتارلىقلار شۇنىڭدەك قازاقىستاننىڭ بالقاش كۆلىگىچە بولغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ جايلار ھەمدە موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە بايقال كۆلىگىچە بولغان رايونلار ئەسلى جۇڭگونىڭ زېمىنلىرىدۇر. ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماستىن يەنە ئىنگىلىزلار ۋە كېيىنكى ھىندىستان شۇنىڭدەك ۋېتنام قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭمۇ جۇڭگو زېمىنلىرىنى تارتىۋالغانلىقلىرىنى تەكىتلەشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشقاندا تەخمىنەن ئۈچ مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق خىتاي زېمىنى چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدا ئىكەن.
خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ زېمىنلىرىنى قايتۇرىۋېلىش غايىسى
خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ئىنتېرنېت تور بەتلىرىدە ۋە رەسمى مەتبۇئاتلىرىدا "ئەسلى جۇڭگو زېمىنى" ئىدىيىسى بۇرۇندىنلا تەشۋىق قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ جۇڭگو تارىخى كىتابلىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەشۋىقاتى ماتېرىياللىرىدا كەڭ ئورۇن ئالغان. شۇڭا يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئاتالمىش" جۇڭگو زېمىنى" چۈشەنچىسىگە ئىشىنىش ئومۇمىي يۈزلۈك ئەھۋالغا ئايلانغان.
جوڭخۇا قەھرىمانلىرى دەپ ئاتالغان ئىنتېرنېت تور بېتىنىڭ مۇنازىرە مەيدانىدىكى يازمىلارغا قارىغاندا خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ مۇنازىرە قىلغان تېمىسى قولدىن كەتكەن زېمىنلارنى قانداق قىلىپ قايتۇرىۋېلىش مەسىلىسىدۇر. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە زېمىنلارنى قايتۇرىۋېلىش مىللەتنىڭ نومۇسىنى ئاقلاشتىن ئىبارەت.
مەزكۇر تور بەتتىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا رۇسلار تارتىۋالغان يىراق شەرقتىكى زېمىنلارنى قايتۇرىۋېلىش بىرىنچى ۋەزىپە بولۇپ، بۇ جايلار خىتاي مىللەتچىلىرى تەرىپىدىن "تاشقى شەرقى شىمال" دەپ ئاتالغان.
مەزكۇر تور بەتتىكى" رۇسىيە بېسىۋالغان زېمىنلارنى قايتۇرىۋېلىشنىڭ ئىككى خىل ئۇسۇلى"ناملىق ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، تۇپراقلارنى قايتۇرىۋېلىش يوللىرىنىڭ بىرى تىنچ ۋاستە ئىشلىتىش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ماقالە ئاپتورىنىڭ قارىشىچە، تىنچلىق يول بىلەن سىبىرىيە رايونىغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرى كۆچۈرۈپ، بۇ رايونلارنىڭ ئاھالە شالاڭلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئاستا-ئاستا خىتايلارنى نوپۇس جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرۈش ، ئاخىرىدا خىتايلارنى ئاساس قىلغان يەرلىك ئاپتونومىيەلىك ئورۇن ھەتتا ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، كېيىن دېموكراتىك ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئۇنى رۇسىيىدىن ئايرىپ چىقىش ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر.
مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، يەنە بىر يول قاتتىق ۋاستە قوللىنىش بولۇپ، جۇڭگو رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى لېنىننىڭ" جۇڭگونىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىنلارنى قايتۇرۇپ بېرىش" دېگەن ۋەدىسىنى ئېتىراپ قىلىشقا قىستاش ، ئەگەر رۇسىيە بۇنىڭغا قوشۇلمىسا، ئەسكەر چىقىرىپ بېسىم قىلىش ئارقىلىق تۇپراقلارنى قايتۇرىۋېلىش.
زېمىنلىرىنى قايتۇرىۋېلىشتىن قەتىي ۋاز كەچمەسلىك
جوڭخۇا قەھرىمانلىرى ناملىق تور بەتتە مۇنازىرە ئېلىپ بارغان بىر خىتاي مىللەتچىسى خىتاي زېمىنلىرىنى قايتۇرىۋېلىش ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەپ يازغان:
"جۇڭگولۇقلار مانا مۇنداق؛ ئۆزىنىڭ بولمىغان نەرسىنى سەن بەرسەڭمۇ ئالمايدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى سەن بۇلاپ كەتسەڭ، ھامان ئۇنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىدۇ. مەن بۇ ئەۋلاد بۇلارنى قايتۇرىۋالالمىسام، مېنىڭ ئوغلۇم ئۇنىڭغا تىرىشىدۇ. ئەگەر ئوغلۇم قايتۇرىۋالالمىسا، نەۋرەم قايتۇرىۋالىدۇ. 10 يىلدا بولمىسا 50 يىلدا، 50 يىلدا بولمىسا 100 يىلدا، 100 يىلدا بولمىسا 200 يىلدا بولسىمۇ قايتۇرىۋالىدۇ." تاشقى شەرقىي شىمال بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ ماكانى ئىدى. ئۇنى پەقەت 100 يىلنىڭ ئالدىدىلا "رۇس "دەپ ئاتالغان بىر بۇلاڭچى بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى خوجايىنىمىزنىڭ چىرىك ۋە ئىقتىدارسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ بۇلاپ كەتكەن ئىدى."
يېقىندا خىتاي بىلەن رۇسىيە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئارال مەسىلىسىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىش بىلەن ئىككى مەملىكەت ئارىسىدىكى چېگرا ئىختىلاپلىرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن كۆپلىگەن جۇڭگو مەتبۇئاتلىرىدا "ئەسلى جۇڭگو زېمىنلىرىنىڭ ئاران ئاز بىر قىسمىنىڭلا قايتىپ كەلگەنلىكى" ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقىتىلدى. ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۆزلىرىنى دېموكرات دەپ ئاتاۋاتقان خىتاي مىللەتچىلىرى رۇسىيە بىلەن چېگرا كېلىشىمى تۈزگەن جياڭ زېمىن ۋە ھازىرقى خىتاي رەھبەرلىرىنى "ۋەتەنساتقۇچلار" دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى بىر يېرىم مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىننى ھەقىقىي يوسۇندا رۇسىيىگە سېتىۋەتتى دەپ ئەيىبلىشىپ ، بۈگۈنكى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۈزۈلگەن چېگرا كېلىشىمىنى تەڭسىز شەرتانمە دەپ ئاتاشتى.
ھەتتا بەزى خىتاي مىللەتچىلىرى موڭغۇلىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستانلارنىمۇ بوش قويماي، بۇ جايلارنىڭمۇ ئەسلى خەن دەۋرىدىن تارتىپلا جۇڭگو تۇپراقلىرى ئىكەنلىكىنى كۆتۈرۈپ چىقىشىپ، بۇلارنى كەلگۈسىدىكى جۇڭگونىڭ خەرىتىسىگە كىرگۈزۈشتى.
بىراق، خىتاي مىللەتچىلىرى ھېچ قاچان تارىختىكى جۇڭگو بىلەن بۈگۈنكى جۇڭگو ئۇقۇملىرىغا، باشقا مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا ۋە ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلمىدى. ئۇلار بىزنىڭ دەۋاتقان زېمىنلارنىڭ ئەسلىدە ھەر قايسى خىتاي ئەمەس مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرى ئىكەنلىكىنى ھېچ قاچان ئېتىراپ قىلمىدى. (ئۈمىدۋار)
