خىتاي 2008 - يىللىق ئولىمپىكتىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟


2008.03.20

تىبەتتىكى ھەرىكەت بېسىققان بولسىمۇ، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكىگە ئوخشاش، گېرمانىيىدە تىبەتلىكلەر ۋە تىبەت ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلغۇچىلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرى بارغانسېرى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلمەكتە. خىتاينىڭ تىبەتتىكى نامايىشنى قانلىق باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان بۇ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىننى مەركەز قىلغان ھالدا پۈتۈن گېرمانىيىگە يېيىلماقتا.

"ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن!"

بۈگۈن گېرمانىيىدىكى بارلىق گېزىت - جۇرناللار ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىنىڭ نەزىرى تىبەتتىكى قانلىق قىرغىنچىلىق، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى، تىبەتنىڭ تارىخى ھەم خىتاينىڭ 50 يىلدىن بۇيان تىبەتتە ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە مەركەزلەشكەن. گويا پۈتكۈل ئاخبارات ساھەسى خىتاينىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىشقا ئورتاق بەل باغلىغاندەك، خىتايدىكى زۇلۇملارنى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى كەڭ پاش قىلماقتا. ھەر كۈنى، ھەر سائەت، ھەر قانالدا خىتايدىكى ئىنسانىيەتسىزلىك ھەم تىبەت ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئۈزۈلدۈرمەي بېرىلمەكتە. گېزىتلارنىڭ ھەر بىر سانىدا تىبەتكە ئائىت نەچچە پارچىدىن خەۋەر ۋە ماقالىلار ئېلان قىلىنماقتا. د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى بىلەن تىبەت ھەرىكىتىنى ھىمايە قىلىش يۈزىسىدىن مەيدانغا چىققان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ كۆزلىرىگە روشەن چېلىقماقتا.

3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھرىدە ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق بىرلەشمە نامايىش خەۋىرى شۇ كۈنى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كۆرسىتىلىپلا قالماي، 3 - ئاينىڭ 19 - كۈنىدىكى گېزىتلەردىنمۇ كەڭ يەر ئالدى. ئاي - يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق تىبەت بايرىقى بىلەن بىرگە مىليونلىغان تاماشىبىنلارنىڭ نەزىرىگە ئۇلاشتى. ئۇيغۇرلارنىڭ "ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن!" دېگەندەك شۇئارلىرى كىشىلەرنىڭ قۇلاق پەردىلىرىنى چەكتى.

گېرمانىيىدە ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ كەتتى

دىققەتنى تارتىدىغىنى، 3 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، گېرمانىيىدىكى 1 - دەرىجىلىك تېلېۋىزىيە قانىلى بولغان ئا ر د نىڭ "خىتاي 2008 - يىللىق ئولىمپىكتىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟" ناملىق تەپسىلى خەۋىرىدىن ئىبارەت. مەزكۇر قانال، تېخى ئىككى ھەپتە ئىلگىرىلا "ساياھەت مەن`ئى قىلىنغان دۆلەت" ناملىق ئىككى قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كۆرسىتىپ، تىبەتلىكلەرنىڭ ئېچىنىشلىق تەقدىرىدىن ئەتراپلىق مەلۇماتلار بەرگەن ئىدى. تىبەتنى "دۆلەت" دەپ ئاتىغان بۇ فىلىم ئېلان قىلىنغاندا، لىخاسادىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تېخى باشلانمىغان. "خىتاي 2008 - يىللىق ئولىمپىكتىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە بولسا، تىبەتتىكى گېرمان مۇخبىرلىرىنىڭ پاجىئەلەر بىلەن تولغان نەق مەيداندىن يوللىغان خەۋەرلىرى كۆرسىتىلىپ، بۇنىڭغا قوشۇمچە ھالدا 1989 - يىلى لىخاسادىكى قىرغىنچىلىق سېلىشتۇرما قىلىنغان ھەمدە تىبەتنىڭ ھازىرقى ئومۇمى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي قىزىل ئارمىيىسىنىڭ تىبەتنى ئىستىلا قىلغان چاغدىكى كۆرۈنۈشلىرى، تىبەت مەدەنىيىتىنىڭ ۋەيرانچىلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.

"خىتاي 2008 - يىللىق ئولىمپىكتىن ئايرىلىپ قالامدۇ؟" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئالغا سۈرۈلگەن ئىدىيە، خىتاينىڭ 2008 - يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىدىن كۈنسېرى مەھرۇم بولىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت بولۇپ، دەلىل ئورنىدا خىتايدىكى زۇلۇمنىڭ بارلىق تۈرلىرىدىن ئۇچۇرلار كۆرسىتىشكە تىرىشقان.

خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى مۇستەملىكە ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئېغىر ھەقسىزلىقلاردىن قۇتۇلالمايۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، گېرمانىيىنىڭ ھەر قايسى گېزىت - جۇرناللىرى ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا يولغا قويۇلىۋاتقان "2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش" ھەققىدىكى راي سىناشنىڭ خىتاي ئۈچۈن پايدىسىز نەتىجىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەلۇماتتا بىلدۈرۈلىشىچە، گېرمانىيىنىڭ بەزى ئورۇنلىرىدىكى راي سىناشتا 2008 - يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش تەرەپدارلىرىنىڭ نىسبىتى %80 تىن ئېشىپ كەتكەن.

بۇ فىلىمگە پىكىر قاتناشتۇرغان گېرمانىيىدىكى خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسلىرى، خىتايدىكى بارلىق بەختسىزلىكنى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە ئۇنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، بۇ قېتىمقى خىتايدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىغا قارشى خەلقئارالىق بېسىمنىڭ ئىلگىرى ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ بېشىغا كېلىپ باقمىغانلىقىنى، قارشىلىقلارنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.

گېرمانىيىدە خىتايغا قارشى دولقۇن

گېرمانىيىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا بېسىپ كىرىش ۋەقەسىنىڭ داۋرىڭى، ھەر قايسى ئۆلكىلەردە داۋام قىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرى، تىبەتنى قوللاش ۋە خىتاينى جازالاش توغرىسىدا باشلانغان مەملىكەت خاراكتېرلىك ئىمزا توپلاش پائالىيىتى، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش يۈزىسىدىن يولغا قويۇلغان راي سىناش، گېرمانىيىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ بېيجىڭنى ئەيىبلەپ، ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىش پىكىرلىرىنى داۋام قىلىشى ھەم دالاي لامانىڭ گېرمانىيىدىكى مۇرىتلىرىنىڭ ھەر تۈرلۈك جانلىق پائالىيەتلىرى، بۈگۈن پۈتۈن گېرمانىيە خۇددى تىبەت مەسىلىسىگە بارلىقىنى ئاتىغاندەك بىر ۋەزىيەتنى نامايەن قىلماقتا. تېخىمۇ جەلىپ قىلارلىقى، مەتبۇئاتلاردا "تىبەت" دېگەن ئاتالغۇ يەر ئالغان جايدا، "ئۇيغۇر" دېگەن نام ئۆزىنى كۆرسەتمەكتە. (ئەكرەم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.