
25-ماي كۈنى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ ئەندىجاندىكى ئاممىۋى ھەرىكەتنى باستۇرۇپ، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغاندىن كېيىنكى ئۆزىنىڭ تۇنجى چەت ئەل زىيارىتىنى خىتايدىن باشلىدى.
بېيجىڭ خەلقارا ئايرودرومىدا داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىشقا سازاۋەر بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەزكۇر ئاتاقلىق دىكتاتۇرى شۇ كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن رەسمى كۆرۈشۈپ، ئىككى مەملىكەتنىڭ ھەر ساھە بويىچە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار رايون خاراكتېرلىق ۋە خەلقارا مەسىلىلەردە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
ئىسلام كەرىموپ بىلەن خۇ جىنتاۋ بىر-بىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموپ بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ كۆرۈشىشى جەريانىدا ئۇلار " خىتاي –ئۆزبېكىستان دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك شەرتانامىسى"نى ئىمزالىدى.
خۇ جىنتاۋ ئۆزبېكىستان بىلەن خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھار بېرىپ،" مەزكۇر شەرتنامىنىڭ" ئىمزالىنىشىنىڭ ئىككى مەملىكەت خەقلىرىنىڭ ئەۋلادتىن –ئەۋلادقا دوستانە ئۆتۈشكە بولغان ئورتاق رازىلىقى ۋە ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۇزۇنغىچە راۋاجلىنىشىنىڭ پۇختا سىياسىي ۋە قانۇنىي ئاساسىنى سالدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇ شەرتنامىنىڭ پرىنسىپلىرى ۋە روھىغا ئاساسەن، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى مۇستەھكەملەيدۇ، شېرىكلىك مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ھەممە تەرەپتىكى ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرىلىتىپ، ئورتاق تەرەققى قىلىشنى قولغا كەلتۈرىدۇ" دېگەن
ئىسلام كەرىموپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مەزكۇر شەرتنامىسىگە يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆزبېكىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدە تەرەققى قىلىشىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا كەرىموپنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ يەنە بىر مۇددىئاسى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بولۇپ، بۇ قېتىم ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك نېفىت ۋە تەبىئىي گاز شىركىتى بىلەن خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ئارىسىدا 600 مىليون دوللار قىممىتىدىكى نېفىت كېلىشىمى ئىمزالىغان.
كەرىموپنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ تۈپ مەقسىتى خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش

ئىسلام كەرىموپنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى مەلۇم سىياسىي مەقسەتكە ئىگە بولۇپ، ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئەندىجان شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە 700 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈشى بىلەن ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى شۇنىڭدەك شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئىسلام كەرىموپ ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئۇنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس ئادەم ئەۋەتىپ، ئەندىجاندىكى ۋەقەنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، بىراق كەرىموپ بۇنى رەت قىلغان ئىدى
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئىسلام كەرىموپنىڭ خىتاي بىلەن دوستلۇق ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك شەرتنامىسى تۈزۈشىنىڭ ئامېرىكا باشلىق غەربنىڭ دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن سابىق ئۆزبېكىستان دۆلەت مەجلىس ئەزاسى ھەمدە ئىسلام كەرىموپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى جاھانگىر مۇھەممەد ئەپەندى كەرىموپ ۋە ئۇنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈنلەر ئىلگىرى غەرب رەھبەرلىرىنىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، ئۇنىڭ شەرتلىرىگە كۆنۈش يولىغا مېڭىشقا قارار قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.
ئىسلام كەرىموپ، ئەندىجان ۋەقەسى بىلەن غەربنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۆزىنى قوللىغان رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ھىمايىسىغا ئېرىشىش ئىستراتېگىيىسىنى بەلگىلىگەن بولۇپ، جاھانگىر ئەپەندى بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۆز ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ھازىر دېموكراتىك پرىنسىپلارنى قەدىرلەيدىغان غەرب رەھبەرلىرىنىڭ ئىسلام كەرىموپ بىلەن ئەمەس بەلكى، خەلق بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىغانلىقى، غەربنىڭ نەزىرىدە كەرىموپنىڭ بىر "قانخور"غا ئايلانغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر دۇنيا يۈزىدە كەرىموپ بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ قاتتىق تەنقىتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتلىرى قۇربان قىلىندىمۇ؟
ئىسلام كەرىموپ بىلەن خۇ جىنتاۋنىڭ ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقىنى قوغداش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇش تېمىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچىرىغا قارىغاندا خۇ جىنتاۋ خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىككى تەرەپ ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۈچ خىل كۈچكە ئورتاق زەربە بېرىپ، رايوننىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۇئان بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ "ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورچىلار، بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي ئەسەبىي ئۇنسۇرلاردىن ئىبارەت ئۈچ خىل كۈچلەرنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى"بىلدۈرگەن ئىدى.
خىتاينىڭ ئىسلام كەرىموپ ھۆكۈمىتىنى قەتئىي قوللىشى ۋە ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە ئورتاق قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىشىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان مۇستەقىللىق ۋە دېموكراتىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. تەھلىللەرگە قارىغاندا، بېيجىڭ دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.شۇنىڭ ئۈچۈن بېيجىڭ خەلقارا جەمىيەتنىڭ قانداق پوزىتسىيىدە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئۆزبېكىستاننىڭ ھەر قانداق باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى قوللاش قارارىغا كەلگەن.
ئېنىقسىز مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ئۆزبېكىستاندا يۈز مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئاھالىسى ياشايدۇ. ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا ۋەتىنىگە مۇناسىۋەتلىك سىياسىي تۈس ئالغان ھەر قانداق پائالىيەتلىرى ئىزچىل چەكلىنىپ كەلمەكتە. ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلىرىگە يول قويۇلمايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن تاشكەنتلىك بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى كەرىموپنىڭ بېيجىڭ زىيارىتى بىلەن بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىنىڭ مۇتلەق چەكلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆتكەن يىلى تۇنجى قېتىم ئۆزبېكىستاننى زىيارەت قىلغان ھەمدە ئىسلام كەرىموپ بىلەن ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە بىرلىكتە زەربە بېرىش مەسىلىسىنى سۆزلەشكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا ئاتالمىش "شەرقىي تۈركىستان تېررورىچىلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇش " دېگەن نۇقتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. شۇ چاغدا خىتاي ئۆزبېكىستانغا 3 مىليون دوللارغا يېقىن ئىقتىسادىي ياردەم ھەمدە ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە 900 مىليون دوللار ئۆسۈمسىز قەرز بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)