خۇ جىنتاۋ 26 - نويابىر كۈنى پاكىستاندىكى زىيارىتىنى ئاياقلاشتۇردى. خىتايدا چىقىدىغان 'خەلق گېزىتى'نىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا، خۇ جىنتاۋ بۇ قېتىم پاكىستاننى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئىسلامئاباد ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەربىي، ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە ۋە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىستان - خىتاي مۇناسىۋىتىنى تارىختىكى يېڭى سەۋىيىگە يەتكۈزگەن.
خىتاي-پاكىستان ھەمكارلىقىدىكى 'خېير-رۇبا' ئېلېكتىر سايمانلىرى زاۋۇتى
پاكىستاندا چىقىدىغان 'سۈبھى' گېزىتىنىڭ 26 - نويابىر كۈنى لاھۇردىن خەۋەر قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋ لاھۇردا 'خېير-رۇبا ئىقتىسادىي رايون' نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. خىتاينىڭ ھاۋا تەڭشىگۈچ ۋە كىرئالغۇ قاتارلىق ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان خېير شىركىتى پاكىستاندا بىر شۆبە زاۋۇت قۇرغان. پاكىستاننىڭ باش مىنىسىتىرى شەۋكەت ئەزىزنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، خىتاي -پاكىستان ئوتۇرىسىدىكى بۇنداق مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىق پاكىستان ئىقتىسادىنى تىز تەرەققى قىلدۇرىدۇ. پاكىستان بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئېنېرگىيە، نېفىت، تەبىئىي گاز، كان ئېچىش، ماشىنىسازلىق، ئۇچۇر -ئاخبارات سانائىتى ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش جەھەتلەردە ھەمكارلىقنى چۇڭقۇرلاشتۇرىدۇ. بۇنداق ھەمكارلىقتىن ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق مەنپەئەت ئالىدۇ. پاكىستاندا يېقىندا بەزى گېزىتلەردە پاكىستان-خىتاي مۇناسىۋىتىنى 'ھىمالايادىن يۈكسەك، ھىندى ئوكياندىن چۇڭقۇر' دەيدىغان تەسۋىرلەر پەيدا بولدى.
خىتاي -پاكىستان مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ۋەقەلەر
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە،خىتاي -پاكىستان مۇناسىۋىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دوستلۇق بۇيىچە بارغانسېرى چۇڭقۇرلاپ تەرەققى قىلماقتا. 1951 - يىلى پاكىستان خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن، 1962 - يىلى خىتاي-ھىندىستان چېگرا ئۇرۇشى يۈز بەرگەندە، پاكىستان خىتاي بىلەن چېگرا كېلىشىمى ۋە سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققى قىلدۇردى. 1965 - يىلى يەنە خىتاي-ھىندىستان چېگرا توقۇنۇشى يۈز بەرگەندە، ئامېرىكا پاكىستانغا بېرىدىغان ھەربىي ياردەمنى ئازايتقان ئىدى. بۇ چاغدا خىتاي پاكىستاننىڭ ئاساسلىق ھەربىي قورال تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلاندى. 1971 - يىلى، پاكىستان ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كېسىنگىرنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىشى، شۇ ئارقىلىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسۇن بىلەن ماۋزېدۇڭ ئۇچرىشىپ، ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن تىكلىنىشىگە يول ئاچتى. 1978 - يىلى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن پاكىستانغا تۇتىشىدىغان قاراقۇرۇم تاش يولى ياسالدى. 1980 - يىللاردىكى سوۋېت-ئاۋغانىستان ئۇرۇشىدا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي پاكىستان ئارقىلىق ئاۋغانىستاننى قوللىدى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ خىتاي -پاكىستان ئوتۇرىسىدا ئومۇميۈزلۈك تېخنىكا ھەمكارلىقى باشلاندى. 1996 - يىلى جاڭ زېمىن پاكىستاننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ، 1999 - يىلىغىچە، خىتاي پاكىستاننىڭ پانجاپ رايونىدا 300 مىليون ۋاتلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى. پاكىستاندا خىتاي قۇرۇپ بېرىدىغان يەنە بىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى 2010 - يىلى پۈتىدۇ. 2002 - يىلى، خىتاي پاكىستاننىڭ گۇاداردىكى 248 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق چۇڭقۇر دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 198 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرى چىقاردى. يەنە بىر پاكىت شۇكى، پاكىستان تەيۋەن، تىبەت، شىنجاڭ مەسىلىلىرىگە كەلگەندە ئىزچىل ھالدا خىتاينى قوللاپ كەلمەكتە.
خۇ جىنتاۋنىڭ پاكىستان ۋە ھىنىدىستان زىيارىتى ھەققىدە سېلىشتۇرما
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خۇ جىنتاۋنىڭ پاكىستاندا قىزىل گىلەمدە قارشى ئېلىنىشى، ئۇنىڭ ھىندىستان زىيارىتىدىكى ئەھۋالى بىلەن ناھايىتى روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ قالدى. خۇددى خوڭكوڭلۇق ئوبزورچى خې لياڭلياڭ ئەپەندى ئېيتقاندەك، خۇ جىنتاۋ ھىندىستاندا پەقەت دۆلەتلەر ئارا يولغا قويۇلۇۋاتقان قائىدە بۇيىچىلا قارشى ئېلىندى، خالاس، زىيارەتتىن بۇرۇن كۆزلەنگەن مەقسەتلەردىكى چېگرا مەسىلىسى ھەققىدىمۇ سۆھبەت ئېلىپ بېرىلمىدى ياكى ئەركىن سودا كېلىشىمىمۇ ئىمزالانمىدى. ئەمما خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە كەلگەندە، ئۇنىڭ پۈتۈن جەريانى پەقەت بىرخىل 'دوستلۇق' ئىپادىلەشتىنلا ئىبارەت بولدى، خالاس.
خۇ جىنتاۋنىڭ 'تىنچلىق ئەلچىسى ئويۇنى' ۋە پاكىستاننىڭ 'قاڭسىق مىۋە چايناۋاتقان'لىقى
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، 1980 - يىللاردا پاكىستاندا پەيدا بولغان ئىسلام ھەرىكەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغاندا، خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىدە جىددىي داۋالغۇش پەيدا بولغان ئىدى. ئەمما پاكىستان بۇ مەسىلىنى يۇشۇرۇن ھالدا خىتاي بىلەن كېلىشىپ ھەل قىلىۋالدى. گەرچە ھازىر خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مۇتەخەسسىسى لى زىۋېي ئەپەندى خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارادا تۇتىدىغان ئورنىنى خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىدىن يۇقىرى ئورۇندا قويۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى، ئامېرىكا -ھىندىستان مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ خەلقئارا سەھنىدە تۇتىدىغان ئورنىنى خىتاي-پاكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تۇتىدىغان ئورنىدىن تۆۋەن چاغلاشقا بولمايدىغانلىقى ئېنىق. دەرۋەقە، ھازىر پاكىستاننىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى مۇشۇنداق شارائىتتا، بولۇپمۇ تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسى دەپ ئاتىلىۋاتقان قېيىن مەسىلە تېخى ھەل قىلىنمىغان شارائىتتا، پاكىستان خىتاي بىلەن بولغان دوستلۇقنى تەرەققى قىلدۇرىمەن دەپ، قايسى 'قاڭسىق مىۋىنى چايناپ يۇتالماي' تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۈزى ئوبدان ھېس قىلىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئامېرىكا -ھىندىستان مۇناسىۋىتى خەلقئارادا بارغانسىرى كۈچلىنىۋاتقان ھازىرقى شارائىتتا، خۇ جىنتاۋ پاكىستاندا 'تىنچلىق ئەلچىسى ئويۇنى' ئويناپ چىقماسلىقىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى.