
مول ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئىگە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز رايونىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ۋە ھەربىي-سىياسىي ئىستراتېگىيىسىگە مۇھىم سالماقنى ئىگىلىۋاتقانلىقى مۇلاھىزىچىلەر تەرىپىدىن كۆپ تەكىتلىنىۋاتقان نۇقتىلاردىن بىرىدۇر.
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى قازاقىستان ئېنېرگىيە زاپىسى جەھەتتىن باشقا رايونلارغا نىسبەتەن مول بولۇش شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ زېمىنىنىڭ كەڭلىكى بىلەن خەلقئارالىق ئېنېرگىيە توشۇش يوللىرىنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئومىنىڭ مۇھىم بولۇشىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بىللەن خىتاينىڭ بۇ مەملىكەت بىلەن بولغان كۆپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئېھتىياجىنى قوزغىدى.
قازاقىستان-خىتاي سىياسىي مۇناسىۋەتلىرى خىتاي ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم بولسا، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىمۇ شۇنچىلىك مۇھىملىققا ئىگىدۇر.
قازاقىستان خىتاينىڭ رۇسىيىدىن قالسا ئىككىنچى سودا شېرىكى
خىتاي قازاقىستان بىلەن ئۇزۇن چېگرىغا ئىگە بولۇش بىلەن قازاقىستاننى ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى قىلىپ تاللىغان بولۇپ، خىتاي-قازاقىستان سودىسى يىلدىن يىلغا كۆپەيگەن. ئۇلارنىڭ سودىسى 2000-يىلى بىر يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولسا، 2004¬يىلى تۆت يېرىم مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن ھەمدە بۇ يىل تېخىمۇ كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. نەتىجىدە قازاقىستان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىدىكى دولەتلەر ئىچىدە خىتاي بىلەن بولغان سودىسى رۇسىيىدىن قالسا ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن. چۈنكى خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ سودىسى ئۆتكەن يىلى 21 مىليارد دوللار بولغان ئىدى.
قازاقىستان ئانالىزچىسى ئولېگ سىدوروپنىڭ " قازاقىستان-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە كېلەچىكى" ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈز بېرىۋاتقان ۋەزىيەتلەمى نەزەرگە ئېلىپ قازاقىستان بىلەن يېقىن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشىدىكى يەنە بىر سەۋەب ئۇنىڭ قازاقىستان نېفتىگە بولغان قىزىقىشىدۇر.چۈنكى بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى كۈنسايىن ئاشماقتا.
قازاقىستان نېفىتى خىتاي كۆز تىككەن ئەڭ مۇھىم نىشان
ئولېگ سىدوروپنىڭ بايان قىلىشىچە، 2004-يىلى قازاقىستان بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى "ئاتاسۇ¬ئالاتاۋ" نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشى باشلاندى. بۇ تۇرۇبا يولى ئارقىلىق 2006-يىلىدىن ئېتىبارەن قازاقىستان خىتايغا نېفىت ماڭدۇرىدۇ. مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى ئارقىلىق ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 مىليون توننىدىن ئارتۇق نېفىت خىتايغا توشۇلىدىكەن. بۇ ئەھۋال رۇسىيە بىلەن بولغان داچىڭ ئانگارسكىي نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇش پىلانى بۇزۇلغاندىن كېيىن ئۈمىدسىزلەنگەن خىتايغا خوشاللىق ئېلىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبتىن بۇ يى 6- ئايدا خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ قازاقىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئاستانا رەھبەرلىرىگە رەھمەت بىلدۈرۈش بىلەن قازاقىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى رەسمى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرگەن ئىدى.
خىتاي تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قازاقىستان نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئاساسىي پاي چەكلىرىنى سېتىۋېلىش بىلەن قازاقىستاننىڭ نېفىت -ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىۋېلىش شۇنىڭدەك ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بېسىۋاتقان زور قەدەملىرى ئارقىلىق يېقىن كەلگۈسىدە ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئىران ھەم باشقا مەملىكەتلەر بىلەن رىقابەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئېنېرگىيە مەنپەئەتلىرىگە تەھدىد سېلىشى مۇمكىن.
ھەممە قازاقىستاننىڭ بۇ ھەمكارلىقىدىن مەمنۇنمۇ؟
خىتاي-قازاقىستان كوپ تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ئەزەلدىنلا قازاقىستان سىياسەت ۋە جامائەت قاتلىمىدا ئوخشىمىغان پىكىرلەرى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نازاربايەۋ باشلىق ئاستانا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى سىياسىي جەھەتتىن جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسى، ئېنېرگىيە ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ۋە باشقا جەھەتلەردىن خىتاي بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتسىمۇ، لېكىن بۇنىڭغا قارشى ئىنكاسلار كۈچلۈكتۇر.
قازاقىستاننىڭ خىتايدا تۇرغان سابىق ئەلچىسى، ئاتاقلىق يازغۇچى مۇختار ئاۋىزوپنىڭ ئوغلى مۇرات ئاۋىزوپ ئەپەندى خىتاي قازاقىستان مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە ماقالە يېزىپ، ئۆز ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ھوشيار بولۇشقا شۇنداق ئۆز مىللىي ۋە دۆلەت غورۇرىنى ساقلاپ، ھەممىلا ئىشتا خىتايغا يول قويماسلىققا دەۋەت قىلىدۇ.
مۇرات ئاۋىزوپ ئەپەندى شۋېتسىيىدە چىقىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە ناملىق ژورنالدا ئېلان قىلغان مەزكۇر ماقالىسىدە، قازاقىستان -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇر ئامىلى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خىتاينىڭ غەربنى تەرەققى قىلدۇرۇش نامى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىغا تېخىمۇ كوپ خىتاي يۆتكەپ، بۇ جايدىكى ئىشلەپ چىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئادەم سانىنى كۆپەيتىپ ھەمدە رايوندىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بۇ جاينى كەلگۈسىدە قازاقىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن بازا قىلىۋاتقانلىقتەك ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇرات ئاۋىزوپ ئەپەندى "خىتاينىڭ تارىخى شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بۇ ئىشلەپچىقىرىشقا پايدىلىق بولغان يەرلەرنى ۋە تېرىقچىلىق مەنبەلىرىنى ئىگىلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش تارىخىدۇر" دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ ئۆز ماقالىسىدە. (ئۈمىدۋار)