خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ موسكۋا زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى (1)

مۇشۇ ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە خىتاي دۆلەت باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە رۇسىيە فېدېراتسىيىسىدە رەسمى زىيارەتتە بولۇپ، 25- سېنتەبىر كۈنى قايتىپ كەلدى ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىدە قىسقا مۇددەتلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى خىتاي ئۈچۈن مۇھىم سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، خەلقارا مەسىلىلەر كۈزەتكۈچىلىرى ئۇنىڭ مەزكۇر 4 كۈنلۈك سەپىرى ھەققىدە تۈرلۈك تەھلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەر ئىككى تەرەپ رۇسىيە-خىتاي ھەمكارلىقىغا يۇقىرى باھا بەرگەن

ۋېن جياباۋنىڭ بۇ قېتىم موسكۋاغا ئېلىپ بارغان رەسمى زىيارىتىگە شۇنىڭدەك خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىگە خىتاي تەرەپ يۇقىرى باھا بەرگەن.

خىتاي رەسمى ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا؛ ۋېن جياباۋ رۇسىيە باش مىنىستىرى نىكولاي فرادكوۋ ھەم پرىزدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيانقى 55 يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئومۇمىي يۈزلۈك راۋاجلىنىش باسقۇچىغا كىرىپ، ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە داۋاملىق يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، ئىككى تەرەپنىڭ زور مەسىلىلەردە ئۆزارا بىر-بىرىنى قوللاپ، خەلقارا ئىشلاردا زىچ ماسلاشقانلىقى ۋە تەڭشەش ئېلىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ، يەنە جۇڭگونىڭ رۇسىيىنى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىشىش شېرىكى دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ۋلادىمىر پۇتىنمۇ رۇسىيە تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت چوڭ نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئاكتىپ راۋاجلاندۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا يەنىلا پىكىر ئىختىلاپلىرى مەۋجۇت

ۋېن جياباۋ يەنە رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ 6 تۈرلۈك ھەمكارلىق ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە سودا-ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش تېمىسى مۇھىم ئورۇن تۇتقان.

گەرچە، بۇ قېتىم ۋېن جياباۋ رۇسىيە رەھبەرلىرى تەرىپىدىن قىزغىن كۈتۈۋېلىنغان ھەمدە ئىككى تەرەپ دىپلوماتىيە قائىدىسى يۈزىسىدىن ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئارىسىدا يەنىلا كۆپلىگەن تەرەپلەردە پىكىر ئىختىلاپلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى مەلۇم.

ئامېرىكىنىڭ بوستون شەھرىدە ياشايدىغان ئامېرىكىلىق خىتاي سىياسەتشۇناسى، دوكتور ساۋچاڭچىڭ ئەپەندى خىتاي بىلەن رۇسىيە ئارىسىدىكى ئاساسىي پىكىر ئىختىلاۋىنىڭ سىياسىي تۈزۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى.

" ئىجتىمائىي تۈزۈم جەھەتتىكى پەرق مۇھىم بولۇپ، رۇسىيە دېموكراتىيە ۋە دېموكراتىك سايلام يولىغا ماڭدى. رۇسىيىدىكى پۇتىن بولسا، يەنە بىر قېتىم خەلق تەرىپىدىن سايلىنىپ، خەلق ئۆزى سايلىغان پرىزدېنتى بولۇپ قالدى، ئەمما جۇڭگودىكى خۇ جىنتاۋ بولسا، جاڭزېمىن تەرىپىدىن" سەن ئىش باشقۇرساڭ مەن خاتىرجەم بولىمەن" دېگەن ئۇسۇل بىلەن مەلۇم بىر ئادەم تاللاپ بېكىتكەن رەئىس بولۇپ، ئۇنى خەلق سايلىمىدى. دېمەك ، ئىككى سىياسىي تۈزۈم بىر-بىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغان. رۇسىيىدە ئاخبارات ۋە سۆز ئەركىنلىكى بار، ئەركىن سايلام مەۋجۇت بولۇپ. ئىقتىسادىي تەرەپتىن ئالغاندىمۇ رۇسىيە پۈتۈنلەي خۇسۇسىي ئىگىلىككە يول قويغان ھەمدە خۇسۇسىي ئىگىلىكنى قانۇنىي جەھەتتىن قوغداشنى بېكىتكەن".

سىياسىي تۈزۈلمىدىكى پەرقلەردىن باشقا يەنە ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت كونكرەت مەسىلىلەردىمۇ پىكىر ئىختىلاپلىرى مەۋجۇت

دوكتور ساۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە؛ ئىستراتېگىيىلىك مەنپەئەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا رۇسىيە قۇدرەتلىك قوشنىسى جۇڭگونىڭ بولۇشىنى ئۆزى ئۈچۈن تەھدىد دەپ تونۇيدۇ.

ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىدىكى ئاساسىي توسالغۇغا ئايلىنىپ قالغان. گەرچە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا بۇ مەسىلىدە ئۆزارا چۈشىنىش شەكىللەڭەن بولسىمۇ، خىتاي يەنىلا توسالغۇلۇق رولىنى ئوينىغان. چۈنكى، خىتاي رۇسىيىدىن خىتاي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ رۇسىيىدە بازار ئېچىشى ھەمدە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئەركىن مەبلەغ سېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە؛ خەلقارا سىياسىي مۇناسىۋەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا رۇسىيە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، رۇسىيىنىڭ ئەنئەنىۋى تەسىر دائىرىسىدىكى مەزكۇر رايوننى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈۋېلىشىدىن خەۋپسىرىمەكتە.

خىتاي ھازىر قازاقىستان ،قىرغىزىستان ، ئۆزبېكىستان ۋە ئازەربەيجان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكازىيە رايونلىرىنىڭ نېفىتلىرىگە دىققەت قىلغان بولۇپلا قالماستىن بەلكى، رۇسىيىنىمۇ مۇھىم كۈن تەرتىپىگە قويغان. قازاقىستان ۋە باشقا جايلارنىڭ نېفىتلىرىنى ئۇيغۇر ئېلى ئارقىلىق خىتايغا توشۇشنى پىلانلىغان.

بۇ قېتىم ۋېن جياباۋ بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلگەن شاڭ خەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باش مىنىستىرلىرىنىڭ يىغىنىدا ئورتاق سودا-ئىقتىسادىي رايون قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا رۇسىيە تەرەپ بۇنى كېيىن`گە قالدۇرۇش تەكلىپىنى بەرگەن. ئەمما قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستان باش مىنىستىرلىرى قوللاش پىكرىنى بىلدۈرگەن. كۈزەتكۈچىلەر بۇنىڭدىن بېيجىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ئىقتىسادىي تەسىر كۈچ ئۈستۈنلىكىگە ئىگە بولۇۋېلىشىغا نىسبەتەن موسكانىڭ تەن بەرمەيدىغان ھەتتا خالىمايدىغان مەيدانىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئۈمىدۋار)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار

خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ موسكۋا زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ( 2)