خىتاي باش مىنىستىرىنىڭ موسكۋا زىيارىتى ۋە رۇسىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى (2)

خىتاي دۆلەت باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ ئۆزىنىڭ رۇسىيە زىيارىتى جەريانىدا ئىككى مەملىكەتنىڭ سودا –ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغان . ئۇ، جۇڭگونىڭ رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشىنى قوللايدىغانلىقىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن.

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ئۈزلۈكسىز تۈردە زورايغان بولۇپ، ئۇلار ئارىسىدىكى سودا 2001- يىلى 10 مىليارد دوللار بولغان بولسا، بۇ يىل 20 مىليارد دوللارغا يەتكەن. ۋېن جياباۋ يەنە بۇ ساننى تېخىمۇ كۆپەيتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ سودىسىدا تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت بولۇپ، رۇسىيە خىتايغا خام ئەشيا چىقىرىشقا، خىتايدىن يېنىك سانائەت ۋە تەخنىكا بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. خىتاينىڭ سۈپەتسىز ماللىرى مەسىلىسى ئەزەلدىنلا رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا باھاسى ئەرزان خىتاي ماللىرى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ناچار ئاھالىسىنىڭ ئېھتىياجىنى قامداش يولىنى تۇتقان.

خىتاينىڭ ئاساسىي مەقسىدى – ئېنېرگىيىگە ئېرىشىش

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ۋېنجيباۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتىنىڭ ئاساسىي مۇدداسى نېفىت ۋە تەبىي گازنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىققا قارىتىلغان . ئۇنىڭ داچىڭ-ئاڭارسكىي نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەم تۆمۈر يول بىلەن نېفىت توشۇشنى كۆپەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋېن جياباۋ موسكۋاغا كېلىشتىن ئىلگىرى خىتايغا نېفىت سېتىۋاتقان بىردىن-بىر رۇسىيە شىركىتى يۇكوس خىتايغا نېفىت ماڭغۇزۇشنى توختىتىپ قويغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالمۇ خىتاينى تېخىمۇ جىددىلەشتۈرىۋەتكەن.

ئامېرىكىلىق خىتاي سىياسەتچىسى، دوكتور ساۋ چاڭچىڭ ئەپەندى ۋېنجياباۋنىڭ نېفىتنى ئاساسىي مۇددا قىلغان بۇ سەپىرىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ھەم قازىنالمىغان ئىككى تەرىپىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ. " بۇ قېتىم ، جۇڭگونىڭ رۇسىيە بىلەن نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ نېفىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش پىلانى پۈتۈنلەي مەغلۇبىيەتك ئۇچرىدى دېسەكمۇ بولىدۇ" دەپ بىلدۈردى.

قازاقىستان دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شېرىپجان نادىروۋ ئەپەندى خىتاينىڭ داچىڭ-ئاڭارسكىي نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا پىلانى ئەمەلگە ئاشمىغاندىن كېيىن، نىشاننى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا تىككەنلىكىنى ، رۇسىيەنىڭ بىۋاستە خىتاي بىلەن نېفىت تۇرۇبا يولى ياسىماي ئەكسىچە، قازاقىستان ئارقىلىق ئۆز نېفىتلىرىنى خىتايغا چىقىرىشقا قوشۇلغانلىقىنى كۆرسىتىپ،" ئەسلىدە جۇغراپىيىلىك سەۋەپ، يەنى سىبىرىيە رايونىنىڭ يەر تۈزۈلۈشىنىڭ نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشقا قولايسىز ۋە باھاسىنىڭ قىممەت چۈشىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئۆز نېفىتلىرىنى قازاقىستان ئارقىلىق خىتايغا سېتىشنى تاللىۋالغان" دېگەن پىكىرىنى ئىلگىرى سۈردى.

ساۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە؛ ۋېنجياباۋنىڭ زىيارىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەرىپىمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى:

"ۋېنجياباۋ گەرچە نېفىت تۇرۇبا يولى مەسىلىسىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىسىمۇ، لېكىن ئۇ رۇسىيە دائىرلىرى بىلەن كېلىشىپ، تۆمۈر يول ئارقىلىق رۇسىيە نېفىتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، جۇڭگو كېلەر يىلىغا كەلگەندە رۇسىيىدىن تۆمۈر يول ئارقىلىق يىلىغا 10 مىليون توننا نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان سەۋىيىگە يەتمەكچى"

ساۋ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە؛ ۋېنجيباۋ خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە تەڭشەش ئېلىپ بارغان بولۇپ، خىتاينىڭ رۇسىيىنىڭ ئايرىم شىركەتلىرى بىلەن ئەمەس بەلكى، رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن بىۋاستە نېفىت سودىسى ئېلىپ بېرىشىنى بېكىتكەن. چۈنكى، خىتاي بىلەن ئالاقە قىلغان يۇكوس شىركىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىملارغا ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇنىڭ رەھبىرى قولغا ئېلىنغان.

رۇسىيە ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا بۇ قېتىم ۋېن جياباۋ خىتاينىڭ بىۋاستە رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئەمەس بەلكى، ئايرىم خۇسۇسىي شىركەتلەر بىلەن نېفىت سودىسى ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن، پەقەت ئىككى ھۆكۈمەت ئارىسىدىلا مەزكۇر مەسىلىلەردە ئالاقە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكتور ساۋ چاڭچىڭنىڭ قارىشىچە؛ ۋېن جياباۋ، رۇسىيىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىش غايىسىدىن پايدىلىنىپ، تۆمۈر يول ئارقىلىق بولسىمۇ رۇسىيە نېفىتلىرىگە ئېرىشىش ھەم ئۇنى كۆپەيتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ نېفىت كە بولغان ئېھتىياجىنى قامدىشىنى قولغا كەلتۈرگەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىر، خىتاينىڭ ٪ 60 نېفىتى ئوتتۇرا شەرقتىن كېلىدۇ، خىتاي ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر نېفىت مەنبەلىرىنىڭ پەقەت بىرلا رايونغا تايىنىپ قېلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. چۈنكى، بۇ جايلار مۇسۇلمانلار رايونى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ مۇقىم ئەمەسلىكى، خىتاينىڭ كەلگۈسىدە بۇ رايونلاردىكى نېفىت مەنبەلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشى ۋە ياكى باشقا قىيىنچىلىقلارغا يولۇقۇشىدىن ئەندىشە قىلىش چۈشەنچىسىنى ئاشۇرغان. چۈنكى، كەلگۈسىدە خىتاينىڭ نېفىتكە بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ ئاشىدۇ. شۇ ۋەجىدىن خىتاي رۇسىيە قاتارلىق ئۆزلىرى بىلەن يېقىن جايلارنىڭ نېفىتلىرىگە ئېرىشىش پىلانىنى تۈزگەن.

ھەربىي قورال –ياراق سودىسى

خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي تېخنىكا، قورال –ياراق ۋە باشقا ھەممە جەھەتلەردىن زامانىۋىلىشىپ، دۇنيادىكى قۇدرەتلىك ئارمىيە بولۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقان بېيجىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ھەربىي مۇناسىۋەتلەرگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە.

بۇ خىل مۇناسىۋەتلەرنىڭ بىرى ئۆزارا ھەربىي خادىملارنى ئەۋەتىپ، چېنىقتۇرۇش شۇنىڭدەك خىتاي ھەربىي خادىملىرىنى رۇسىيە ئالى ھەربىي قوماندانلىق شىتابى يېنىدىكى ھەربىي مەكتەپتە تەربىيىلەش ۋە باشقىلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

دوكتور ساۋ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ؛ "خىتاي رۇسىيىنىڭ قوراللىرىنى سېتىۋالىدىغان ئەڭ چوڭ خېرىداردۇر، رۇسىيىنىڭ قورال ياراق سودىسىنىڭ ٪ 40 جۇڭگو بىلەن بولىدۇ. شۇڭا رۇسىيە خىتايغا مۇھتاج، خىتايمۇ ئۇنىڭ قوراللىرىنى سېتىۋەلىش ئارقىلىق يەنە ئۇنى ئۆزلىرىگە نېفىت سېتىشقا مەجبۇر قىلغان"

رۇسىيىدىكى www.newsru.com دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھازىر خىتاي رۇسىيىنىڭ 1- نۇمېرلىق قورال-ياراق خېرىدارى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ سودىسى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ( 8 .1 مىليارد دوللار) ۋە مىسىرلاردىن ( 6.8 مىليارد دوللار)ئېشىپ كەتكەن. خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن تۈزگەن 2000-يىلىدىن 2003-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى قورال-ياراق سودا كېلىشىمى 9،3 مىليارد دوللار بولغان.

خۇ جىنتاۋ-ۋېن جياباۋ ھۆكۈمىتىنىڭ رۇسىيە سىياسىتى ئۆزگەرمەيدۇ

دوكتور ساۋ ئەپەندى جىئاڭ زېمىننىڭ يېقىندا ھەربىي ھوقۇقنى خۇ جىنتاۋغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خۇ جىنتاۋنىڭ ھەممە ھوقۇقنى ئىگىلىشىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، خىتاينىڭ جىئاڭ زېمىن ئاساس سالغان رۇسىيە سىياسىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە؛ ۋېن جياباۋنىڭ زىيارىتى بۇ نۇقتىنى ئىپادىلىدى. ئۇنىڭ قىرغىزىستان ۋە رۇسىيىنى زىيارەت قىلىپ، تېررورىزىمغا قارشى داۋاملىق بىرلىكتە كۈرەش قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشى يەنىلا ئۆزگەرمەيدۇ.

ئۇ، بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى؛ "خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىشى، ئىككى تەرەپنى ئوز ئىچىگە ئالىدۇ، بىرى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت بولۇپ،بۇ دۆلەتلەردىن نېفىت ئېلىش. يەنى كېرەك بولغان ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، ئىككىنچىسى، ئەشۇ دۆلەتلەرنىڭ ياردەملىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ئورتاق زەربە بېرىشنى ئاساسىي مۇددا قىلىش".

رۇسىيىلىكلەردە خىتاي تەھدىدى كۆز قارىشى يەنىلا كۈچلۈك

ۋېن جياباۋ يەنە "جۇڭونىڭ كەلگۈسىدە تەرەققى قىلغان دۆلەت بولغان ۋاقتىدىمۇ رۇسىيىگە تەھدىد بولمايدىغانلىقىنى" ئەسكەرتىش ئارقىلىق رۇسىيىلىكلەردىكى " خىتاي تەھدىدى" تۇيغۇسىنى يوقىتىشقا تىرىشقان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى تۈرلۈك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كۈچىيىشى ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قانۇنسىز يوللار بىلەن رۇسىيىنىڭ ئادەم شالاڭ سىبىرىيە رايونلىرىغا ماكانلىشىۋېلىپ، بازارلارنى ئىگىلىۋېلىشى شۇنىڭدەك خىتايدا ئەسلىدىن مەۋجۇت بولغان زېمىن داۋاسى چۈشەنچىلىرى رۇسىيىلىكلەردە " خىتاي تەھدىدى" نەزەرىيىسىنى پەيدا قىلغان بولۇپ،بىر قىسىم رۇسىيە سىياسەتچىلىرى خىتاي بىلەن بولغان ھەر قانداق مۇناسىۋەتكە ھوشيارلىق ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

بەزى ئېنىقسىز رۇسىيە مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا رۇسىيىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى كۈنسايىن ئاشماقتا. ساۋ چاڭچىڭ سىبىرىيە رايونىدىلا 1 يەرىم مىلىيون خىتاي كۆچمەنلىرى بارلىقىنى ئېيتتى. بۇ ئەھۋالنىڭ سىبىرىيەلىكلەردىكى خىتاي تەھدىدى كۆز قارىشىنىڭ كۈنسايىن كۈچىيىشىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقى رۇس ئاپتورلىرى تەرىپىدىنمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

دوكتور ساۋنىڭ قارىشىچە داچىڭ –ئاڭارسىكىي نېفىت ئاققۇزۇش تۇرۇبا قۇرۇلۇشى لايىھىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشماسلىقىدىمۇ ئەنە شۇ خىل كۆز قاراشلار مۇھىم رول ئوينىغان ئىكەن. (ئۈمىدۋار)