خىتاي بىلەن رۇسىيە كىلەر يىلى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلدى

0:00 / 0:00

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي ئىۋانوف دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، ئىككى دۆلەتنىڭ كىلەر يىلى تۈنجى قېتىم بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنى خىتاي تېررىتورىيىسىدە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىۋانوف خىتاي بىلەن بولغان قورال سودىسىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

سېرگىي ئىۋانوف ، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۋاڭچۋەننىڭ تەكلىبىگە بىنائەن، يەكشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يىتىپ كېلىپ، خىتايغا قىلىدىغان تۆت كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سېرگىي ئىۋانوف دۈشەنبە كۈنى خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ھەربىي مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. شۇ كۈنى ئىۋانوف يەنە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساۋ گۋاڭچۋەن قاتارلىق خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئىككى دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىرلىكتە، خىتاي - رۇسىيە ھەربىي تېخنىكا ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئىۋانوفنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى رۇسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى قورال- ياراق سودىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرنىڭ ئەھمىيىتى ھەقىقەتەن چوڭمۇ؟

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇۋانى بولغان شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۋاڭچۋەن بىلەن رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي ئىۋانوف دۈشەنبە كۈنىدىكى ئۇچرىشىشىدا بىردەك ھالدا، كېلەر يىلىدىكى ھەربىي مانېۋىرنى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم بىر ۋەقە دەپ كۆرسىتىپ، مانېۋىرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە تەسىرى ئىنتايىن چوڭ دەپ تەسۋىرلىگەن.

ئامېرىكا جورجىيا شىتاتىدىكى جورجىيا تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى جون گارۋېر ئەپەندى، ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان خىتاي- رۇسىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرىنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ مۇبالىغە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دىدى:

- ئۇلارنىڭ ئۆتكۈزمەكچى بولغان بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنى ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە دىيىشى، مېنىڭچە چەكتىن ئېشىپ كەتكەن. ئەلۋەتتە، خىتاي بىلەن روسىيىنىڭ نۇرغۇن ئورتاق مەتپەئەتلىرى بار. مەسىلەن، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەربىي بازا ئېچىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىسىنى كۈچەيتىشى قاتارلىقلار خىتاي بىلەن رۇسىيە ئۈچۈن، خۇددىي ئامېرىكا ئۇلارنىڭ ئارقا ھويلىسىغا كىرىۋالغاندەكلا ئىش بولدى.

تۈركىيە ياۋرو- ئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ يىراق شەرق ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ بۇ ھەقتە ئۆز كۆز- قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خىتاي- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئەمەلىيىتى

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي ئىۋانوفنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، رۇسىيە - خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپ يېقىن قوشنىدارچىلىق ۋە ھەمكارلىق دوستلۇق شەرتنامىسى ۋە شۇنداقلا ئىككى دۆلەت شەرقىي چېگرىنى بېكىتىش تولۇقلىما شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. سېرگىي ئىۋانوفنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە - خىتاي ئارىسىدىكى ھەربىي مۇناسىۋەت ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى بولۇپ، رۇسىيە، خىتاي بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى خالايدىكەن.

ئەمما خىتاي- رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە يىراق شەرق ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇنداق دەپ بىلدۈردى:

روسىيە ئېتار-تاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق سوۋىت ئىتتىپاتى 1991 - يىلى پارچىلانغاندىن بۇيان، خىتاي رۇسىيىدىن ئەڭ كۆپ قورال سېتىۋالىدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ قورال سودىسىنىڭ سوممىسى بۇ يىلنىڭ ئىچىدىلا 2 مىليارد دوللاردىن ئاشقان. ئۆتكەنكى بەش يىلدىن بۇيان، رۇسىيە بىلەن خىتاي 5 مىليارد دوللاردىن ئوشۇق قورال سودىسى توختاملىرى تۈزگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ، رۇسىيىدىن كۈرەشچى ئايروپىلان، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە ئۇرۇش كېمىلىرى قاتارلىق ئېغىر تىپلىق قوراللارنى سېتىۋېلىش توختاملىرى بار. (ئارزۇ)